ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 4 – ئاينىڭ 10 – كۈنى قاراپ چىققان ھەم پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللىغان ‹‹ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى تىزىمغا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش سانلىق مەلۇماتىدا ساختىلىق قىلغان جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا دائىر بىر قانچە مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى››دا مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەنگەن: دورىنى تىزىمغا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن ئۆزى ساختىلىق قىلغان، شۇنىڭدەك ئالاقىدار ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ، دورا تەستىقلاش ھۆججىتىنى ئالداپ قولغا كىرگۈزۈۋالغانلار ساختا دورا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ جىنايەت بېكىتىلىپ، جازالىنىدۇ.
دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىلتىماسىدا ساختا سانلىق مەلۇمات ئىشلىتىش دورا سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نوپۇزىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقىغا ۋە ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ. بۇ ئىشقا جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرماقتا. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش جەريانىدا ساختا سانلىق مەلۇمات ئويدۇرۇپ چىقىشتەك قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە جازالاپ، دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن 2016 – يىلى 7 – ئايدىلا بۇ ئىزاھاتنى تەييارلاشقا كىرىشكەن.
ئىزاھاتنىڭ تەكشۈرۈشكە سۇنۇلغان نۇسخىسىدا مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن: دورىنى كىلىنكىسىز تەتقىق قىلىش ئاپپاراتى، دورا ياكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى كىلىنىكىدا سىناق قىلىش ئاپپاراتى، توختاملىق تەتقىقات تەشكىلاتلىرىدىن قەستەن ساختا كىلىنكىسىز تەتقىقات دوكلاتى، كىلىنكىلىق تەجرىبە دوكلاتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ساختا ئىسپات ھۆججىتى بىلەن تەمىنلەش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن دەپ جىنايەت بېكىتىلىپ، جازالىنىدۇ.
ئىزاھاتنىڭ تەكشۈرۈشكە سۇنۇلغان نۇسخىسىدا مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن: دورىنى كىلىنكىسىز تەتقىق قىلىش ئاپپاراتى، دورا ياكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى كىلىنىكىدا تەتقىق قىلىش ئاپپاراتى توختاملىق تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدىن دورىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، ساختا كىلىنكىسىز تەتقىقات ياكى كىلىنىكىدا تەجرىبە قىلىش دوكلاتى، شۇنىڭدەك ئالاقىدار ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ، دورا تەستىقلاش ئىسپات ھۆججىتىنى ئالداپ قولغا كىرگۈزۈۋالغانلاردىن بىرلا ۋاقىتتا ساختا ئىسپات ھۆججىتى بىلەن تەمىنلەش جىنايىتى ۋە ساختا دورا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەنلەر تېخىمۇ ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزدى دەپ جىنايەت بېكىتىلىپ، جازالىنىدۇ.
‹‹جۇڭگو قانۇنچىلىق گېزىتى››دىن