تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن ساۋات

ھادىسە ئېتىراپنامىسى يوق ئەھۋالدا سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالامدۇ؟

 دېلو مىسالى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۈەن لىن 2016 – يىلى 4 – ئايدا ئاپتوموبىل ھەيدەپ بىڭتۈەن 7 – شى 125 – تۈەنىنىڭ مەلۇم يول بۆلىكىدە پىيادە كېتىۋاتقان جاۋ چۈننى سوقۇۋەتكەن. يۈەن لىن دېلو مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، جاۋ چۈننىڭ يارىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. كېيىن قاتناش ساقچىسى نەق مەيداننىڭ يۆتكىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ، ‹‹تاشيول قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسى›› چىقىرىپ بەرمىگەن.

 جاۋ چۈن دوختۇرخانىدا بىر ئايدىن كۆپرەك داۋالانغان، يۈەن لىن ئۇنىڭ داۋالىنىش چىقىمى ئۈچۈن 20 نەچچە مىڭ يۈەن تۆلىگەن. كېيىن يۈەن لىن سۇغۇرتا شىركىتىدىن تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، سۇغۇرتا شىركىتى قاتناش تارماقلىرى چىقىرىپ بەرگەن ھادىسە ئېتىراپنامىسى يوق ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، تۆلەم بېرىشنى رەت قىلغان.

 كورلا شەھىرىدىكى چېن فاڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشقا يولۇققان. 2016 – يىلى چېن فاڭ ھەيدىگەن ئاپتوموبىل باشقا بىر ئاپتوموبىلغا سوقۇلۇپ كېتىپ، ئىككىلا ئاپتوموبىل بۇزۇلغان. ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن چېن فاڭ دەرھال دېلو مەلۇم قىلغان ھەم سۇغۇرتا شىركىتىگە خەۋەر قىلغان. لېكىن چېن فاڭ سۇغۇرتا شىركىتى زىياننى بەك تۆۋەن باھالايدۇ، دەپ قاراپ، ئاپتوموبىلنى رېمونت شىركىتىدە رېمونت قىلدۇرغان ھەم باھالاش شىركىتىگە رېمونت ھەققىنى باھالاپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان. باھالاش ئارقىلىق ئاپتوموبىلنىڭ رېمونت ھەققى 60 نەچچە مىڭ يۈەن قىلىپ بېكىتىلگەن.

 ھادىسە سادىر قىلغان ئىككى تەرەپ قاتناش ساقچىسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە كېلىشىم تۈزگەن. كېلىشىمدە ‹‹چېن فاڭ بۇ قېتىمقى ھادىسىدىكى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئىككىلا ئاپتوموبىلنى رېمونت قىلىشقا چېن فاڭ مەسئۇل، ئىككى تەرەپ تۆلەم مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىدە بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ، بۇنىڭ قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى بىلەن ئالاقىسى يوق›› دېيىلگەن، كېلىشىمگە شۇ چاغدا چارلاشقا چىققان ساقچى ئىمزا قويغان ھەم قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ تامغىسى بېسىلغان.

 چېن فاڭ باھالاش دوكلاتىنى ئېلىپ سۇغۇرتا شىركىتىدىن تۆلەم تەلەپ قىلغاندا، سۇغۇرتا شىركىتى قاتناش ساقچىسى چىقىرىپ بەرگەن ‹‹تاشيول قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسى›› بولمىسا، بۇ قېتىمقى ھادىسىنىڭ سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتى ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى بېكىتكىلى بولمايدۇ، دەپ قاراپ، تۆلەم بېرىشنى رەت قىلغان.

 ئەگەر قاتناش ساقچى تارماقلىرى ھادىسە ئېتىراپنامىسى چىقىرىپ بەرمىگەن بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بېرەمدۇ؟

 قانۇن مۇتەخەسسىسىنىڭ ئىزاھاتى: ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇ مياۋ مۇنداق دېدى: مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيىتىنى سۇغۇرتا نىشانى قىلىدۇ، كۆپ ساندىكى قاتناش ھادىسىسىدە سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم تۆلىگەندە قاتناش ساقچى تارماقلىرى چىقىرىپ بەرگەن ‹‹تاشيول قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسى››نى ئاساس قىلىدۇ. سوت مەھكىمىلىرىمۇ مۇشۇ تۈردىكى دېلولارغا قاراپ چىققاندا ‹‹تاشيول قاتناش ھادىسىسى ئېتراپنامىسى››نى ئاساس قىلىپ، سۇغۇرتىلانغۇچى تۆلەشكە تېگىشلىك سوممىنى بېكىتىدۇ.

 لۇ مياۋ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ‹‹تاشيول قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسى›› ھەق تەلەپ دېلولىرىدا پاكىت بولالايدۇ، ‹‹تاشيول قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسى›› يوق ئەھۋالدا، ناۋادا شوپۇر ھادىسىنىڭ يۈز بېرىش جەريانى ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە، سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسىدا سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ سۇغۇرتا مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىدىكى ئالدىنقى شەرت سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى رۇخسەت قىلىنغان قانۇنلۇق شوپۇر ھادىسىدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان بولۇشى كېرەك. شوپۇرنىڭ ھادىسىدە مەسئۇلىيىتى بارلىقى توغرىسىدا ئىسپات بولسىلا، سۇغۇرتا شىركىتى مۇناسىپ تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

 سوت مەھكىمىسى يۈەن لىننىڭ دېلوسىغا قاراپ چىققاندىن كېيىن، سۇغۇرتا شىركىتىنى تولۇق سوممىلىق تۆلەم بېرىشكە بۇيرىغان. لېكىن چېن فاڭنىڭ دېلوسىدا، چېن فاڭ ئۆز ئالدىغا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىۋېلىپ، سۇبيېكتىپ سەۋەنلىك سادىر قىلغاچقا، سۇغۇرتا شىركىتى سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن 50 مىڭ يۈەن ئاپتوموبىل رېمونت ھەققىنى ئۈستىگە ئالغان.

 (دېلودىكى كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)

ياڭ شۇخەن

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ