تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن ساۋات

بىنانىڭ ئۆگزىسىدىن سۇ ئۆتۈپ كەتسە، بىنادىكىلەر رېمونت ھەققىنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكمۇ – يوق؟

[دېلو مىسالى]   2008 – يىل 5 – ئاينىڭ 27 – كۈنى بۇرچىن ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق جۇX ناھىيە بازىرىدىكى مەلۇم ئولتۇراق رايونىدىكى ئالتە قەۋەتلىك بىنانىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىن بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغان. يامغۇر ياغقان ياكى قار ئېرىگەندە ئۆگزىدىن سۇ ئۆتۈپ، ئۇنى ئاۋارە قىلغان.

  2016 – يىل 9 – ئاينىڭ 5 – كۈنى جۇX بىنادىكىلەر بىلەن كېڭەشكەندىن كېيىن مەلۇم قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى دۇكان خوجايىنى بىلەن ئۆينىڭ ئۆگزىسىدىن سۇ ئۆتمەسلىك رېمونتىنى قىلىش توختامى تۈزۈپ، رېمونت ھەققىنى 16 مىڭ 536 يۈەن دەپ كېلىشكەن. جۇ X ئۆگزىنى رېمونت قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رېمونت ھەققىنى ئۆزى ئالدىن تۆلەپ تۇرغان، ئاندىن بىنادا ئولتۇرۇشلۇق ئۆي ئىگىلىرىدىن رېمونت ھەققى يىغقان، بىرىنچى قەۋەتتە ئولتۇرۇشلۇق ۋاڭ Xتىن باشقىلىرى رېمونت ھەققىنى تۆلىگەن.

جۇ X كۆپ قېتىم ۋاڭ Xنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، ۋاڭ X 6 – قەۋەتتىكى ئۆينىڭ تورۇسىدىن سۇ ئۆتۈپ كېتىشنىڭ 1 – قەۋەتتىكىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ قاراپ، رېمونت ھەققىنى تۆلەشنى رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن جۇ X ۋاڭ X ئۈستىدىن بۇرچىن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، رېمونت ھەققى ئۈچۈن 1378 يۈەن، ئۆسۈمى ئۈچۈن 110 يۈەن ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ۋاڭ X سوتتا مۇنداق دەپ قارىغان: جۇ Xنىڭ مەبلەغ چىقىرىپ ئۆينىڭ تورۇسىنى رېمونت قىلدۇرغانلىقى راست. لېكىن جۇ X مېنىڭ ئۆگزىگە ئورناتقان قۇياش ئېنېرگىيەلىك سۇ ئىسسىتقۇچۇمنى ئالغۇزۇۋەتكەچكە، مەن يېڭىدىن توكلۇق سۇ ئىسسىتقۇچ سېتىۋېلىپ، چىقىمىم ئېشىپ كەتتى. مەن بىنانىڭ ئۆگزىسىنى ئورتاق ئىشلىتىش ھوقۇقىمدىن ۋاز كېچىمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن رېمونت ھەققىنىمۇ ئۈستۈمگە ئالمايمەن.

 [تەھلىل] بۇرچىن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى ۋاڭ لى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نەرسە ھوقۇقى قانۇنى››دا مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن: ئۆي ئىگىسى ئىمارەتنىڭ خاس قىسمىدىن باشقا ئورتاق قىسمىدىكىمۇ ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ھوقۇقىمدىن ۋاز كەچتىم دەپلا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا بولمايدۇ. بىنانىڭ ئۆگزىسى ئورتاق بەھرىلىنىدىغان قىسىم بولغاچقا، مۇشۇ بىنادا ئولتۇرىدىغان ئاھالىلەر رېمونت ھەققىنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىشى كېرەك.

 جۇ X بىلەن ۋاڭ Xنىڭ بىنانىڭ ئۆگزىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ھەم ئورتاق باشقۇرۇش ھوقۇقى بار بولۇپ، ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئۆگزىنى رېمونت قىلدۇرۇش ئۈچۈن كەتكەن 16 مىڭ 536 يۈەننى مۇشۇ بىنادا ئولتۇرۇشلۇق ئۆي ئىگىلىرى تەڭ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. سوت مەھكىمىسى جۇ Xنىڭ جاۋابكاردىن ئۆزى ئالدىن تۆلەپ تۇرغان رېمونت ھەققىنى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى قوللايدۇ؛ ۋاڭ Xنىڭ ئۆگزىگە ئورناتقان قۇياش ئېنېرگىيەلىك سۇ ئىسسىتقۇچنى ئېلىۋەتتىم، ئۆگزىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقۇمدىن ۋاز كەچتىم، شۇنىڭ ئۈچۈن بىنانىڭ ئورتاق ئىشلىتىدىغان قىسمىنى رېمونت قىلىش ھەققىنى ئۈستۈمگە ئالمايمەن دېيىشىنىڭ قانۇنىي ئاساسى يوق؛ جۇ X ئۆزى تەشەببۇس قىلغان 110 يۈەن ئۆسۈمگە قارىتا مۇناسىۋەتلىك دەلىل – ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىيەلمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى قوللىمايدۇ دەپ قاراپ، ۋاڭ Xنى جۇ X ئالدىن تۆلەپ تۇرغان 1378 يۈەن رېمونت ھەققىنى تۆلەشكە بۇيرۇدى.

ياڭ شۇخەن

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ