تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   نىزام

‹‹ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى قوغداش ۋە مۇكاپاتلاش چارىسى›› كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ

 مىلاقىز بەكرى

‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى قوغداش ۋە مۇكاپاتلاش چارىسى›› 1 – ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. بۇ ‹‹چارە››نىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن پۇقرالار ئارىسىدا توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش جەھەتتىكى بوشلۇق تولدۇرۇلۇپ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى مەلۇم قىلىش، مۇئەييەنلەشتۈرۈش، مۇكاپاتلاش قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

بۇ ‹‹چارە››نىڭ يولغا قويۇلۇش مۇناسىۋىتى بىلەن يېقىندا شىنجاڭ‹‹راۋان›› ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مەسئۇلى، مۇدىر ئادۋوكات كۈرەش ھاشىمنى زىيارەت قىلدىم.

مۇخبىر: ‹‹چارە››گە ئاساسلانغاندا، پۇقرالارنىڭ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىشىنى قانۇنىي مەجبۇرىيەت، دەپ چۈشىنىشكە بولامدۇ؟

كۈرەش ھاشىم: قانۇنىي مەجبۇرىيەت دەپ چۈشىنىشكە بولمايدۇ. بۇ ‹‹چارە›› دە ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش بىلەن قوغداش مەزمۇنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىشنى ‹‹مەجبۇرىيەت›› دەپ بېكىتمىگەن، شۇڭا ئۇنى قانۇنىي دەرىجىگە كۆتۈرۈپ ‹‹مەجبۇرىيەت›› دەپ چۈشىنىشكە بولمايدۇ. بۇ ‹‹چارە››نى ئېلان قىلىشتىكى مەقسەت، پۇقرالار ئارىسىدا توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، ئەخلاقنىڭ چەكلەش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش رولىنى كۈچەيتىشتۇر. ھازىرغا قەدەر ئېلىمىزنىڭ قانۇن – نىزاملىرىدا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش، خەتەرلىك پەيتتە ئۆز – ئارا ياردەم بېرىشنى مەجبۇرلاش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش خاراكتېرىدىكى بەلگىلىمە يوق.

مۇخبىر: بۇ ‹‹چارە››دە قانداق ھەرىكەت ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى، دەپ بېكىتىلدى؟

كۈرەش ھاشىم: ‹‹چارە››نىڭ 7 – ماددىسىدا تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بىرىنى قىلسا، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن:

1 . دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ياكى جەمئىيەت باشقۇرۇش تەرتىپىگە دەخلى يەتكۈزۈشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى توسىغانلار؛ 2 .دۆلەتنىڭ، كوللېكتىپنىڭ مال – مۈلكى ياكى باشقىلارنىڭ جىسمانىي، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى توسىغانلار؛ 3 .جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان جىنايەتچىلەر ۋە جىنايەت گۇماندارىنى قوغلاپ تۇتۇش ۋە تۇتۇشقا ھەمكارلاشقانلار؛ 4 .دۆلەتنىڭ، كوللېكتىپنىڭ مال – مۈلكى ياكى باشقىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدىغان، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزغان ۋە ئادەم قۇتقۇزغانلار؛ 5 .ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك باشقا ھەرىكەتلەر.

مۇخبىر: سىز ئېيتقان ئەھۋاللار مەلۇم چەك ئىچىدە ئېلىپ بېرىلمىغاندا، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى چەكتىن ئېشىپ كېتىپ، توغرا مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشەلمەسلىك ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقامدۇ – قانداق؟

كۈرەش ھاشىم: ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى يۇقىرىقى بەلگىلىمىدىكى چەك ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. ئەگەر مەلۇم چەك ئىچىدە ئېلىپ بېرىلمىغاندا، ئۇ چەكتىن ئېشىپ كېتىپ،مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشەلمەسلىكتەك ئەھۋال كېلىپ چىقىپ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكۈچىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرايدۇ ھەم ئۇ خەۋپلىك ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ.

مۇخبىر: ‹‹چارە››نى يولغا قويۇشنىڭ ئەھمىيىتى قايسى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ؟

كۈرەش ھاشىم: بۇ ‹‹چارە›› ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرگە بەرگەن ۋەدىسىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ. ‹‹چارە››دە ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىشنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن رىغبەتلەندۈرۈش تەڭ تەكىتلەندى. بۇ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ