زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش زۆرۈر-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن ئۇچۇرلىرى

زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش زۆرۈر

ئاينۇر ئابلىمىت

 ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا 2016 – يىلى 5 – ئايدىن 2017 – يىلى 7 – ئايغىچە پاش قىلىنغان ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە دائىر دېلولارنى، ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ زەھەر ئېلىپ – سېتىش، زەھەر چېكىش، زەھەر يۆتكەش جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىش نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى.

 ئۇقۇشىمچە، 2016 – يىلى 5 – ئايدىن 2017 – يىلى 7 – ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى زەھەر جىنايىتى دېلوسىدىن 1478نى بىر تەرەپ قىلغان، 1067 زەھەر جىنايىتى دېلوسىدىكى 1384 جىنايەتچىگە چىقىرىلغان ھۆكۈم قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى 478 جىنايەتچىگە بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ۋە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ، زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى جازالاش نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدىكى باشقا جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا بېرىلگەن جازا نىسبىتىدىن يۇقىرى بولغان.

 زەھەر چەكلەش خىزمىتى دۆلەتنىڭ تىنچلىقى، ئەبەدىي ئەمىنلىكى، خەلقنىڭ بەخت – سائادىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك مۇھىم خىزمەت. زەھەردىن ئىبارەت بۇ ئىجتىمائىي ئاپەت كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان سېلىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ ئىرادىسى ۋە بەختلىك ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىدۇ، تۈرلۈك جىنايى قىلمىشلارنى پەيدا قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى زەھەر جىنايىتىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشنى جىنايى ئىشلار سوت خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى دەپ بىلىپ، دۆلەتنىڭ زەھەر چەكلەشكە ئائىت تۈرلۈك سىياسەت، قانۇن – نىزاملىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زەھەر جىنايەتچىلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، زەھەر جىنايىتىگە ئۈنۈملۈك زەربە بەردى.

 ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار 2 – سوت كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھۆرىيەت ھەبىبۇللا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتىگە ئالاقىدار تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جىنايى ئىشلار سوت فۇنكسىيەسىنى تىرىشىپ ئادا قىلىپ، زەھەر جىنايەتچىلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىدى. سوت مەھكىمىلىرى زەھەر ئەتكەسچىلىكى، زەھەر ياساش ۋە زور مىقداردا زەھەر ئېلىپ – سېتىش قاتارلىق ئېغىر زەھەر جىنايەتلىرىنى نۇقتىلىق ھالدا قاتتىق جازالاپ، پارچە زەھەر ئېلىپ سېتىش، باشقىلارنى زەھەر چېكىشكە زورلاش ۋە زەھەرنى قانۇنسىز ساقلاش قاتارلىق جىنايەتلەرنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇردى.

 ئۇقۇشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى بىر تەرەپ قىلغان زەھەر دېلولىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە قارىغاندا، زەھەر جىنايىتىگە زەربە بېرىش سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، زەھەر جىنايىتى مۇئەييەن دەرىجىدە تىزگىنلەنگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرى ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى يەنىلا بىر قەدەر يۇقىرى بولۇۋېتىپتۇ، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىز دۇچ كېلىۋاتقان زەھەر جىنايىتى ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا ئىنتايىن جىددىي ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئالدىنقى بىر مەزگىلدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى بىر تەرەپ قىلغان زەھەر دېلولىرىنىڭ كۆپىنچىسى پارچە ئېلىپ – سېتىش جىنايىتى بولۇپ، چېتىشلىق زەھەرنىڭ مىقدارى نىسبەتەن ئاز بولغان بولسا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، زور مىقداردىكى زەھەر جىنايىتى دېلولىرى بىر قەدەر كۆپىيىپ قالغان. زەھەر جىنايىتى ئاساسلىقى ئېلىپ – سېتىش، توشۇش، زەھەرنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتۇش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشكەن. جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋاسىتىلىرى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش خىزمىتىگە بەلگىلىك قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى