تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   نىزام

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا قانۇنى

 (1987 – يىل 1 – ئاينىڭ 22 – كۈنى 6 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2000 – يىل 7 – ئاينىڭ 8 – كۈنى 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 16 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن 1 – قېتىم تۈزىتىلگەن، 2013 – يىل 6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 3 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى> قاتارلىق 12 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› غا ئاساسەن 2 – قېتىم تۈزىتىلگەن، 2013 – يىل 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى>قاتارلىق يەتتە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن 3 – قېتىم تۈزىتىلدى

مۇندەرىجە

  1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  2 – باب چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان تىرانسپورت قوراللىرى

  3 – باب چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان – چىقىرىلىدىغان ماللار

  4 – باب چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان – چىقىرىلىدىغان بۇيۇملار

  5 – باب تاموژنا بېجى

  6 – باب تاموژنا ئىشلىرىدا كېپىللىك بېرىش

  7 – باب قانۇن ئىجراسى نازارەتچىلىكى

  8 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

  9 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1 – ماددا بۇ قانۇن دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش، تاموژنا نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش، تاشقى ئىقتىساد – سودا ئالاقىسىنى ۋە پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

  2 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تاموژنىسى دۆلەتنىڭ چېگرادىن كىرىش – چىقىش (تۆۋەندە چېگرادىن كىرىش – چىقىش دېيىلىدۇ) ئىشلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ئورگىنى. تاموژنا مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار بويىچە، چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىرىدىغان تىرانسپورت قوراللىرى، ماللار، يۈك – تاق، پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغان بۇيۇملار ۋە باشقا بۇيۇملار (تۆۋەندە چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان تىرانسپورت قوراللىرى، ماللار، بۇيۇملار دېيىلىدۇ)نى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ، تاموژنا بېجىنى ۋە باشقا باج، ھەقلەرنى ئالىدۇ، ئەتكەسچىلەرنى تەكشۈرۈپ تۇتىدۇ ھەم تاموژنا ئىستاتىستىكىسى قىلىدۇ ۋە تاموژنىنىڭ باشقا كەسىپلىرىنى بېجىرىدۇ.

  3 – ماددا گوۋۇيۈەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاموژنىلارنى بىر تۇتاش باشقۇرىدىغان تاموژنا باش مەھكىمىسىنى قۇرىدۇ.

  دۆلەت سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن پورتلاردا ۋە تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كەسىپلىرى مەركەزلەشكەن جايلاردا تاموژنا قۇرىدۇ. تاموژنىنىڭ تەۋەلىك مۇناسىۋىتى مەمۇرىي رايون ئايرىمىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

  تاموژنا خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ. تاموژنا باش مەھكىمىسى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.

  4 – ماددا دۆلەت تاموژنا باش مەھكىمىسىدە باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ئەتكەسچىلىك جىنايىتى دېلولىرىدا تەھقىقلەش، توختىتىپ قويۇش، قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلىش ۋە تەييارلىق سوراق قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، ئەتكەسچىلىك جىنايىتىنى تەھقىقلەيدىغان مەخسۇس جامائەت خەۋپسىزلىكى ئاپپاراتى قۇرىدۇ، ئەتكەسچىلەرنى تۇتىدىغان مەخسۇس ساقچىلارنى قويىدۇ.

  تاموژنىنىڭ ئەتكەسچىلىك جىنايىتىنى تەھقىقلىگۈچى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئاپپاراتى تەھقىقلەش، توختىتىپ قويۇش، قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلىش ۋە تەييارلىق سوراق قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.

  تاموژنىنىڭ ئەتكەسچىلىك جىنايىتىنى تەھقىقلىگۈچى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئاپپاراتى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، شۆبە – تارماق ئاپپارات قۇرسا بولىدۇ. شۆبە – تارماق ئاپپاراتلار باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ئەتكەسچىلىك جىنايىتى دېلولىرىنى بېجىرىشتە، باشقۇرۇش تەۋەلىك ھوقۇقىغا ئىگە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

  يەرلىك ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تاموژنىنىڭ ئەتكەسچىلىك جىنايىتىنى تەھقىقلىگۈچى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا ماسلىشىشى كېرەك.

  5 – ماددا دۆلەت ئەتكەسچىلەرنى بىرلىكتە تۇتۇش، ئەتكەسچىلىكنى بىر تۇتاش بىر تەرەپ قىلىش ۋە ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويىدۇ. تاموژنا ئەتكەسچىلەرنى تۇتۇش خىزمىتىنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى گوۋۇيۈەن ئايرىم چىقىرىدۇ.

  قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلار قولغا چۈشۈرگەن ئەتكەسچىلىك دېلولىرىدىن مەمۇرىي جازا بېرىلىدىغانلىرىنى تاموژنىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى، جىنايەت ئۆتكۈزدى دەپ گۇمانلانغانلىرىنى تاموژنىنىڭ ئەتكەسچىلىك جىنايىتىنى تەھقىقلىگۈچى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئاپپاراتى ۋە يەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ دېلو باشقۇرۇش تەۋەلىكى، ئىش تەقسىماتى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

  6 – ماددا تاموژنا تۆۋەندىكى ھوقۇقلارنى يۈرگۈزسە بولىدۇ:

  (1) چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان تىرانسپورت قوراللىرى، ماللار، بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش، مۇشۇ قانۇنغا ياكى باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپ كېلىدىغانلىرىنى تۇتۇپ قېلىش؛

  (2) چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغانلارنىڭ گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرۈش؛ مۇشۇ قانۇنغا ياكى باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان گۇماندارلاردىن گەپ سوراش، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى تەكشۈرۈش؛

  (3) چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان تىرانسپورت قورالى، مال، بۇيۇمغا ئالاقىدار توختام، تالون، ھېسابات دەپتىرى، ھۆججەت، خاتىرە، ھۆججەت – ماتېرىيال، كەسىپكە

  ئائىت خەت – تېلېگرامما، ئۈن – سىن ھاسىلاتى ۋە باشقا ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈش ۋە كۆپەيتىۋېلىش؛ مۇشۇ قانۇنغا ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپ كېلىدىغان، چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان تىرانسپورت قوراللىرى، ماللار، بۇيۇملارغا چېتىلىدىغانلىرىنى تۇتۇپ قېلىش؛

  (4) تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان رايوندا ۋە تاموژنىغا يېقىن دېڭىز ياقىسى، چېگرا بويىدىكى بەلگىلەنگەن رايونلاردا ئەتكەسچىلىك گۇمانى تۇغدۇرغان تىرانسپورت قوراللىرىنى ۋە ئەتكەس مال، ئەتكەس بۇيۇملار يوشۇرۇلغان دەپ گۇمان قىلىنغان سورۇنلارنى تەكشۈرۈش، ئەتكەسچىلىك گۇماندارلىرىنىڭ بەدىنىنى تەكشۈرۈش؛ ئەتكەسچىلىك گۇمانى تۇغدۇرغان تىرانسپورت قورالى، مال، بۇيۇم ۋە ئەتكەسچىلىك جىنايىتى گۇماندارلىرىنى بىۋاسىتە قاراشلىق تاموژنا باشلىقىنىڭ ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن ئۆزىگە قاراشلىق تاموژنا باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن، تۇتۇپ قېلىش، ئەتكەسچىلىك جىنايىتى گۇماندارىنى تۇتۇپ قېلىش ۋاقتىنى 24 سائەتتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ئالاھىدە ئەھۋالدا 48 سائەتكىچە ئۇزارتىش؛

  تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان رايون ۋە تاموژنىغا يېقىن دېڭىز ياقىسى، چېگرا بويىدىكى بەلگىلەنگەن رايوندىن باشقا جايدا تاموژنا ئەتكەسچىلىك دېلولىرىنى تەكشۈرۈشتە، ئەتكەسچىلىك گۇمانى تۇغدۇرغان تىرانسپورت قوراللىرىنى ۋە پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇسىدىن باشقا، ئەتكەس مال، بۇيۇم يوشۇرۇلغانلىقى گۇمان قىلىنغان سورۇنلارنى بىۋاسىتە قاراشلىق تاموژنا باشلىقى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن ئۆزىگە قاراشلىق تاموژنا باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن تەكشۈرۈش، ئالاقىدارلارنى تۆپىدە تۇرغۇزۇش؛ ئالاقىدارلار كەلمىسە، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلەرنى تۆپىدە تۇرغۇزۇپ بىۋاسىتە تەكشۈرۈش؛ ئۇلاردىن ئەتكەسچىلىك گۇمانى تۇغدۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل – ئىسپات بولغان تىرانسپورت قورالى، مال ۋە بۇيۇمنى تۇتۇپ قېلىش.

  تاموژنىغا يېقىن دېڭىز ياقىسى، چېگرا بويىدىكى بەلگىلەنگەن رايوننىڭ دائىرىسىنى تاموژنا باش مەھكىمىسى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى ئالاقىدار ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىش.

  (5) ئەتكەسچىلىك دېلوسىنى تەكشۈرۈشتە، بىۋاسىتە قاراشلىق تاموژنا باشلىقى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن ئۆزىگە قاراشلىق تاموژنا باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن، گۇمان تۇغدۇرغان ئورۇن ۋە كىشىلەرنىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى، پوچتا كارخانىسىدىكى ئامانەت پۇلى، پېرېۋوت پۇلىنى سۈرۈشتۈرۈش؛

  (6) چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان تىرانسپورت قورالى ياكى شەخسلەردىن تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىغا قارشىلىق كۆرسىتىپ قاچقانلىرىنى تاموژنا تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان رايون ۋە تاموژنىغا يېقىن دېڭىز ياقىسى، چېگرا بويىدىكى بەلگىلەنگەن رايوندىن باشقا جايغىچە قوغلاپ بېرىپ، قايتۇرۇپ كېلىپ بىر تەرەپ قىلىش؛

  (7) تاموژنىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن قورال بېرىش. تاموژنا خادىملىرىنىڭ قورال ئېلىپ يۈرۈش ۋە ئىشلىتىش قائىدىسىنى تاموژنا باش مەھكىمىسى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىش؛

  (8) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تاموژنىنىڭ يۈرگۈزىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا ھوقۇقلار.

  7 – ماددا جايلار، تارماقلار تاموژنىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىنى قوللىشى، تاموژنىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتىگە قانۇنسىز ئارىلىشىۋالماسلىقى كېرەك.

  8 – ماددا چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان تىرانسپورت قورالى، مال، بۇيۇمنى تاموژنا قۇرۇلغان جايدىكى چېگرادىن كىرگۈزۈش ياكى چىقىرىش شەرت. ئالاھىدە ئەھۋالدا، تاموژنا قۇرۇلمىغان جايدىكى چېگرادىن كىرگۈزۈپ ياكى چىقىرىپ تۇرۇشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەن ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن ئورگانغا تەستىقلىتىش ھەمدە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تاموژنا رەسمىيىتى ئۆتەش شەرت.

  9 – ماددا مالنى ئىمپورت – ئېكسپورت قىلىشتا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش، باج تاپشۇرۇش رەسمىيىتىنى مالنى تاپشۇرۇۋالغۇچى، ئەۋەتكۈچى ئۆزى ئۆتىسىمۇ، مالنى تاپشۇرۇۋالغۇچى، ئەۋەتكۈچى تاموژنىنىڭ رۇخسىتى بىلەن رويخەتكە ئېلىنغان، تاموژنىغا مەلۇم قىلغۇچى كارخانىغا تاموژنىغا مەلۇم قىلىپ، باج تاپشۇرۇش رەسمىيىتىنى ئۆتەشنى ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.

  چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان – چىقىرىلىدىغان بۇيۇمنىڭ ئىگىسى تاموژنىغا مەلۇم قىلىپ باج تاپشۇرۇش رەسمىيىتىنى ئۆزى ئۆتىسىمۇ، باشقىلارغا ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.

  10 – ماددا تاموژنىغا مەلۇم قىلغۇچى كارخانىلاردىن ئىمپورت – ئېكسپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى، ئەۋەتكۈچىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش رەسمىيىتىنى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ نامىدا ئۆتەيدىغانلىرى ھاۋالە قىلغۇچى ئىمزا قويغان ھوقۇق بەرگەنلىك ھاۋالىنامىسىنى تاموژنىغا تاپشۇرۇشى، مۇشۇ قانۇندىكى ھاۋالە قىلغۇچىغا دائىر بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

  تاموژنىغا مەلۇم قىلغۇچى كارخانىلاردىن ئىمپورت – ئېكسپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى، ئەۋەتكۈچىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش رەسمىيىتىنى ئۆزىنىڭ نامىدا ئۆتەيدىغانلىرى مالنى تاپشۇرۇۋالغۇچى ئەۋەتكۈچىنىڭكىگە ئوخشاش قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  ھاۋالە قىلغۇچىلاردىن تاموژنىغا مەلۇم قىلىش رەسمىيىتىنى ئۆتەشنى تاموژنىغا مەلۇم قىلغۇچى كارخانىغا ھاۋالە قىلىدىغانلىرى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش ھاۋالە قىلىنغان ئىشلارغا دائىر ھەقىقىي ئەھۋالنى تاموژنىغا مەلۇم قىلغۇچى كارخانىغا ئېيتىشى؛ تاموژنىغا مەلۇم قىلغۇچى كارخانىلاردىن تاموژنىغا مەلۇم قىلىش رەسمىيىتىنى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئۆتەيدىغانلىرى ھاۋالە قىلغۇچى ئېيتقان ئەھۋالنىڭ راست – يالغانلىقىنى مۇۋاپىق تەكشۈرۈشى كېرەك.

  11 – ماددا ئىمپورت – ئېكسپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچىلار، ئەۋەتكۈچىلەر ۋە تاموژنىغا مەلۇم قىلغۇچى كارخانىلار تاموژنىغا مەلۇم قىلىش رەسمىيىتىنى ئۆتەشتە قانۇن بويىچە تاموژنىغا تىزىملىتىشى شەرت. تاموژنىغا قانۇن بويىچە تىزىملاتمىغان كارخانىلارنىڭ تاموژنىغا مەلۇم قىلىش كەسپىنى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  تاموژنىغا مەلۇم قىلغۇچى كارخانىلار ۋە تاموژنىغا مەلۇم قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنسىز ھالدا باشقىلارغا ۋاكالىتەن تاموژنىغا مەلۇم قىلىشىغا ياكى كەسىپ دائىرىسىدىن ھالقىپ تاموژنىغا مەلۇم قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  12 – ماددا تاموژنا قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر سوئاللارغا ئەينەن جاۋاب بېرىشى ھەمدە ماسلىشىشى كېرەك، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  تاموژنا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋېتىپ، زورلۇق ۋە قارشىلىققا ئۇچرىغاندا، مۇناسىۋەتلىك ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ھەمكارلىشىشى كېرەك.

  13 – ماددا تاموژنا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن قېچىش قىلمىشىنى پاش قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىدۇ.

  ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن قېچىش قىلمىشىنى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

  تاموژنا مۇشۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى پاش قىلىشتا ياكى ياردەملىشىپ قولغا چۈرۈشتە خىزمەت كۆرسەتكەن ئورۇن ۋە شەخسلەرگە مەنىۋى ياكى ماددىي مۇكاپات بېرىشى كېرەك.

  تاموژنا پاش قىلغۇچىلارنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.

2 – باب چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان تىرانسپورت قوراللىرى

  14 – ماددا چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان تىرانسپورت قوراللىرى تاموژنا قۇرۇلغان جايغا يېتىپ كەلگەن ياكى شۇ جايدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، تىرانسپورت قوراللىرىنىڭ مەسئۇلى تاموژنىغا ئەينەن مەلۇم قىلىپ، ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرتۈشى ھەمدە تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى ۋە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى لازىم.

  چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان تىرانسپورت قوراللىرىدىن تاموژنا قۇرۇلغان جايدا توختىتىپ قويۇلغانلىرىنى تاموژنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھەيدەپ كېتىشكە بولمايدۇ.

  چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان تىرانسپورت قوراللىرىنى تاموژنا قۇرۇلغان بىر جايدىن تاموژنا قۇرۇلغان يەنە بىر جايغا ھەيدەپ بارىدىغانلار تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلىپى بويىچە ئىش قىلىشى، تاموژنا رەسمىيىتىنى ئۆتىشى كېرەك؛ تاموژنا رەسمىيىتىنى ئۆتىمەي تۇرۇپ، يولنى ئۆزگەرتىپ، چېگرا سىرتىغا مېڭىشقا بولمايدۇ.

  15 – ماددا چېگرادىن كىرىدىغان تىرانسپورت قوراللىرى چېگرادىن كىرىپ، تاموژنىغا مەلۇم قىلىشتىن بۇرۇن، چېگرادىن چىقىدىغان تىرانسپورت قوراللىرى تاموژنا رەسمىيىتىنى بېجىرىپ، چېگرادىن چىقىشتىن بۇرۇن، قاتناش مەسئۇل ئورگىنى بەلگىلىگەن لىنىيە بويىچە مېڭىشى كېرەك، قاتناش مەسئۇل ئورگىنى لىنىيە بەلگىلىمىگەن بولسا، تاموژنا بېكىتىپ بېرىدۇ.

  16 – ماددا تىرانسپورت قوراللىرىنىڭ مەسئۇللىرى ياكى ئالاقىدار قاتناش – تىرانسپورت تارماقلىرى چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان كېمە – پاراخوت، پويىز، ئاۋىياۋاسىتىلىرىنىڭ كېلىدىغان ۋە كېتىدىغان ۋاقتىنى، توختاش ئورنىنى، توختاش مەزگىلىدە ئالمىشىدىغان ئورنى شۇنىڭدەك مال، بۇيۇملارنى قاچىلاش – چۈشۈرۈش ۋاقتىنى تاموژنىغا ئالدىن ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

  17 – ماددا تىرانسپورت قوراللىرىغا چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان – چىقىرىلىدىغان ماللار، بۇيۇملارنى قاچىلاش – چۈشۈرۈش ياكى چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان يولۇچىلارنى چىقىرىش ۋە ئۇنىڭدىن چۈشۈرۈشتە تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

  ماللار، بۇيۇملار قاچىلىنىپ ياكى چۈشۈرۈلۈپ بولغاندا، تىرانسپورت قوراللىرىنىڭ مەسئۇلى تاموژنىغا ئەمەلىي قاچىلاش – چۈشۈرۈش ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش – ئۆتكۈزۈۋېلىش ھۆججەتلىرىنى ۋە خاتىرىلىرىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

  چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان تىرانسپورت قوراللىرىغا چىقىدىغان ۋە ئۇلاردىن چۈشىدىغانلار ئېلىپ ماڭغان بۇيۇملىرىنى تاموژنىغا ئەينەن مەلۇم قىلىشى ھەمدە تەكشۈرتۈشى كېرەك.

  18 – ماددا تاموژنا چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان تىرانسپورت قورالىنى تەكشۈرگەندە، تىرانسپورت قوراللىرىنىڭ مەسئۇلى تۆپىدە تۇرۇشى، تاموژنىنىڭ تەلىپى بويىچە، كېمە – پاراخوت (ئايروپىلان) بۆلمەخانىلىرىنى، ئۆيلىرىنى، ئىشىكلىرىنى ئېچىپ بېرىشى كېرەك؛ ئەتكەسچىلىك گۇمانى تۇغدۇرغان بولسا، ئەتكەس مال، بۇيۇمنى يوشۇرۇش ئېھتىمالى بولغان ئورۇننىمۇ ئېچىپ بېرىشى، مال، ئەشيالارنى يۆتكەپ بېرىشى كېرەك.

  تاموژنا خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ، تىرانسپورت قورالى بىلەن بىللە يۈرۈپ ۋەزىپە ئۆتەشكە ئادەم ئەۋەتسە بولىدۇ. تىرانسپورت قورالىنىڭ مەسئۇلى قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

  19 – ماددا چېگرا سىرتىدىكى تىرانسپورت قوراللىرىدىن چېگرادىن كىرىدىغانلىرىنى، چېگرا ئىچىدىكى تىرانسپورت قوراللىرىدىن چېگرادىن چىقىدىغانلىرىنى تاموژنا رەسمىيىتىنى بېجىرمەي ۋە تاموژنا بېجىنى تاپشۇرماي تۇرۇپ، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ياكى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

  20 – ماددا چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان كېمە – پاراخوت، ئاۋىياۋاسىتىلىرىدىن چېگرا ئىچىدە يولۇچى ۋە مال توشۇش ئىشلىرى بىلەن قوشۇمچە شۇغۇللىنىدىغانلىرى تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلىپىگە يېتىشى كېرەك.

  چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان تىرانسپورت قوراللىرىنى چېگرا ئىچى تىرانسپورتىغا سالماقچى بولغانلار تاموژنا رەسمىيىتى ئۆتىشى كېرەك.

  21 – ماددا دېڭىز ياقىسىدىكى تىرانسپورت كېمىلەر، بېلىقچىلىق كېمە – پاراخوتلىرى ۋە دېڭىز ئۈستىدە مەشغۇلات قىلىدىغان ئالاھىدە كېمە – پاراخوتلار تاموژنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان – چىقىرىلىدىغان مال، بۇيۇملارنى توشۇسا ياكى ئالماشتۇرۇۋالسا، ئېلىپ ساتسا، ئۆتۈنۈپ بەرسە بولمايدۇ.

  22 – ماددا چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان كېمە – پاراخوتلار ۋە ئاۋىياۋاسىتىلىرى تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان سەۋەب تۈپەيلىدىن، تاموژنا قۇرۇلمىغان جايدا نائىلاج توختاشقا، قونۇشقا ياكى ماللار، بۇيۇملارنى تاشلىۋېتىشكە، چۈشۈرۈشكە توغرا كەلسە، تىرانسپورت قورالىنىڭ مەسئۇلى ئەھۋالنى يېقىن ئەتراپتىكى تاموژنىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك.

3 – باب چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان –چىقىرىلىدىغان ماللار

  23 – ماددا ئىمپورت ماللىرى چېگرادىن كىرگۈزۈلگەندىن تارتىپ تاموژنا رەسمىيىتى بېجىرىلىپ بولغانغا قەدەر، ئېكسپورت ماللىرى تاموژنىغا مەلۇم قىلغاندىن تارتىپ چېگرادىن چىقىرىلغانغا قەدەر، چېگرادىن ئۆتكۈزۈلىدىغان، ئۇلاپ توشۇلىدىغان ۋە بىۋاسىتە توشۇلىدىغان ماللار چېگرادىن كىرگۈزۈلگەندىن تارتىپ چېگرادىن چىقىرىلغانغا قەدەر، تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدا بولۇشى كېرەك.

  24 – ماددا ئىمپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى، ئېكسپورت ماللىرىنى ئەۋەتكۈچى تاموژنىغا ئەينەن مەلۇم قىلىپ، ئىمپورت – ئېكسپورت ئىجازەتنامىسى ۋە ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرتۈشى كېرەك. دۆلەت ئىمپورت – ئېكسپورتىغا چەك قويغان ماللاردىن ئىمپورت – ئېكسپورت ئىجازەتنامىسى بولمىغانلىرى ماڭدۇرۇلمايدۇ. كونكرېت بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.

  ئىمپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى تىرانسپورت قورالىنى چېگرادىن كىرگۈزۈشنى مەلۇم قىلغان كۈندىن تارتىپ 14 كۈن ئىچىدە، ئېكسپورت ماللىرىنى ئەۋەتكۈچى تاموژنا ئالاھىدە رۇخسەت قىلغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مال تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان رايونغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، قاچىلىنىشتىن 24 سائەت بۇرۇن، تاموژنىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

  ئىمپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن سۈرۈكتە تاموژنىغا مەلۇم قىلمىسا، تاموژنا كېچىكتۈرۈش پۇلى ئالىدۇ.

  25 – ماددا ئىمپورت – ئېكسپورت ماللىرىنى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش رەسمىيىتى ئۆتەشتە، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش قەغىزى ۋە ئېلېكتىرونلۇق تاموژنىغا مەلۇم قىلىش ھۆججىتى شەكلىنى قوللىنىش كېرەك.

  26 – ماددا تاموژنا مەلۇماتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش ھۆججىتىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىكار قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ، لېكىن تاموژنىنىڭ بەلگلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا.

  27 – ماددا ئىمپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى تاموژنىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، مەلۇم قىلىشتىن بۇرۇن مالنى كۆرۈپ باقسا ياكى ئەۋرىشكىسىنى ئالسا بولىدۇ. قانۇن بويىچە كارانتىن قىلىنىدىغان ماللارنىڭ ئەۋرىشكىسىنى كارانتىندىن ئۆتكەندىن كېيىن ئېلىش كېرەك.

  28 – ماددا ئىمپورت – ئېكسپورت ماللىرى تاموژنىغا تەكشۈرتۈلۈشى كېرەك. تاموژنا مالنى تەكشۈرگەندە، ئىمپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى، ئېكسپورت ماللىرىنى ئەۋەتكۈچى تۆپىدە تۇرۇشى ھەمدە مالنى يۆتكەشكە، ئورۇسىنى ئېچىشقا ۋە قايتا پېچەتلەشكە مەسئۇل بولۇشى كېرەك، تاموژنا زۆرۈر تاپقاندا، مالنى بىۋاسىتە تەكشۈرسە، قايتا تەكشۈرسە ياكى ئەۋرىشكىسىنى ئالسا بولىدۇ.

  تاموژنا ئالاھىدە ئەھۋالدا ئىمپورت – ئېكسپورت ماللىرىنى پىرىيوم قىلمىسىمۇ بولىدۇ، كونكرېت چارىسىنى تاموژنا باش مەھكىمىسى چىقىرىدۇ.

  29 – ماددا تاموژنا ئالاھىدە ئىجازەت بەرگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىمپورت – ئېكسپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى ۋە ئەۋەتكۈچى باج تاپشۇرۇپ بولغان ياكى كېپىللىك بەرگەندىن كېيىن، تاموژنا تامغا بېسىپ ئۆتكۈزىدۇ.

  30 – ماددا ئىمپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى تىرانسپورت قوراللىرىنى چېگرادىن كىرگۈزۈشنى مەلۇم قىلغاندىن باشلاپ ئۈچ ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ، تاموژنىغا مەلۇم قىلمىسا، ئۇنىڭ ئىمپورت ماللىرىنى تاموژنا قانۇن بويىچە سېتىۋېتىدۇ، مال پۇلىدىن توشۇش ھەققى، قاچىلاش – چۈشۈرۈش، ساقلاش ھەققى قاتارلىق ھەق ۋە باج پۇلى تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن، ئاشقان مال قانۇن بويىچە سېتىۋېتىلگەن كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە، تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىمپورتىغا چەك قويۇش ھەققىدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بولۇپ، تاپشۇرىدىغان ئىجازەت ئىسپاتلىرىنى بېرەلمىگەنلىرىدە قايتۇرۇلمايدۇ. مۆھلەت ئۆتكىچە ئىلتىماس قىلىنمىغانلىرى ياكى قايتۇرۇلمايدىغانلىرى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ.

  چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان ماللار ھەقىقەتەن خاتا چۈشۈرۈلۈپ قالغان ياكى ئارتۇق چۈشۈرۈلۈپ قالغان بولسا، تاموژنا بېكىتكەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى تىرانسپورت قورالىنىڭ مەسئۇلى ياكى مالنى تاپشۇرۇۋالغۇچى ۋە ئەۋەتكۈچى شۇ تىرانسپورت قورالىدىن مال چۈشۈرۈلگەن كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە مالنى قايتۇرۇپ كېتىش ياكى ئىمپورت قىلىش رەسمىيىتىنى ئۆتەيدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، تاموژنىنىڭ تەستىقى بىلەن، ئۈچ ئاي ئۇزارتىشقا بولىدۇ، مۆھلەت ئۆتكىچە رەسمىيەت بېجىرىلمىسە، تاموژنا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  ئالدىنقى ئىككى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ماللاردىن ئۇزاق ساقلىغىلى بولمايدىغانلىرىنى تاموژنا ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، ئالدىن بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.

  تاپشۇرۇۋالغۇچى ياكى ئىگىسى ۋاز كەچكەن ئىمپورت ماللىرىنى تاموژنا قانۇن بويىچە سېتىۋېتىدۇ؛ توشۇش، قاچىلاش – چۈشۈرۈش، ساقلاش ھەققى قاتارلىق ھەقلەر تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىنكى مال پۇلى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ.

  31 – ماددا تاموژنىنىڭ تەستىقى بىلەن، ئىمپورت قىلىپ تۇرىدىغان ياكى ئېكسپورت قىلىپ تۇرىدىغان ماللارنى ئالتە ئاي ئىچىدە چېگرادىن تەكرار چىقىرىش ياكى چېگرادىن تەكرار كىرگۈزۈش كېرەك؛ ئالاھىدە ئەھۋالدا تاموژنىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن مۆھلەتنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

  32 – ماددا باجدىن خالىي ماللارنى ساقلاش، پىششىقلاش، قۇراشتۇرۇش، كۆرگەزمە قىلىش، توشۇش، ۋاكالىتەن سېتىش كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ۋە ۋاكالىتەن سېتىش كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ۋە باجسىز دۇكان ئاچىدىغانلار تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلىپى بويىچە ئىش قىلىشى، تاموژنا ئورگىنىغا تەستىقلىتىشى ھەمدە رويخەتكە ئالدۇرۇشى كېرەك.

  باجدىن خالىي ماللارنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، يۆتكەش شۇنىڭدەك باجدىن خالىي سورۇنلارغا كىرگۈزۈش ۋە ئۇنىڭدىن چىقىرىشتا تاموژنىدا ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ، تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

  33–ماددا كارخانىلاردىن پىششىقلاش سودىسى قىلىدىغانلىرى ئالاقىدار تەستىق ھۆججىتى ۋە پىششىقلاش سودىسى توختامنى كۆرسىتىپ، تاموژنىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك، پىششىقلاش سودىسى مەلۇماتىنىڭ ماتېرىيالى سەرپىيات بىرلىك مىقدارىنى تاموژنا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بېكىتىلىدۇ.

  پىششىقلاش سودىسى مەلۇماتىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تەكرار ئېكىسپورت قىلىش كېرەك. بۇنىڭدىن ئىمپورت ماتېرىيالى ئىشلىتىلىپ، دۆلەت باجدىن خالىي قىلىشقا رۇخسەت قىلىشنى بەلگىلىگەنلىرىدە، تاموژنىدا ھېسابتىن كۆتۈرۈۋېتىش رەسمىيىتى ئۆتەش؛ ئاۋۋال باج ئېلىنىدىغانلىرىدا تاموژنىدا باج قايتۇرۇش رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە ئۆتەش كېرەك.

  پىششىقلاش سودىسىدا باجدىن خالىي ئىمپورت ماتېرىيالى ياكى مەلۇماتلاردىن مەلۇم سەۋەب بىلەن، ئىچكى قىسمىدا سېتىلىدىغانلىرىدا، تاموژنا ئىچكى قىسمىدا سېتىشىغا رۇخسەت قىلىش تەستىق ھۆججىتىگە قاراپ، باجدىن خالىي ئىمپورت ماتېرىيالى ئۈچۈن، قانۇن بويىچە باج ئالىدۇ؛ دۆلەتنىڭ ئىمپورتىغا چەك قويىدىغان بەلگىلىمىسى بارلىرىدا، تاموژنىغا ئىمپورت ئىجازەتنامىلىرىنىمۇ تاپشۇرۇش كېرەك.

  34-ماددا، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى چېگراسى ئىچىدە قۇرۇلغان باجدىن خالىي رايون قاتارلىق تاموژنا ئالاھىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان رايونلارنى تاموژنا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

  35-ماددا ئىمپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى مال كىرگۈزۈلىدىغان چېگرادىكى تاموژنىدا تاموژنا رەسمىيىتى ئۆتىشى، مال ئەۋەتكۈچى مال چىقىرىلدىغان چېگرادىكى تاموژنىدا تاموژنا رەسمىيىتى ئۆتىشى كېرەك.

  مال تاپشۇرۇۋالغۇچى ۋە ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىلتىماسى، تاموژنىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ئىمپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى توشۇش ئورنىدا، بېكىتىلگەن جايدىكى تاموژنىدا ئېكىسپورت ماللىرىنى ئەۋەتكۈچى توشۇش باشلانغان جايدىكى تاموژنا رەسمىيىتى ئۆتىسە بولىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان ماللارنى باشقا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇش كېرەك؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، تاموژنا نازارەت قىلىپ توشۇشقا ئادەم ئەۋەتسە بولىدۇ.

  چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن - چىقىرىلىدىغان ماللارنى كابېل، تۇرۇبا يولى ياكى باشقا ئالاھىدە شەكىللەر ئارقىلىق ماڭدۇرۇشتا، ماڭدۇرغۇچى ئورۇنلار بېكىتىلگەن تاموژنىغا مەلۇم قىلىپ تۇرۇشى ۋە تاموژنا رەسمىيىتى ئۆتىشى كېرەك.

  36– ماددا ماللارنى چېگرادىن ئۆتكۈزىدىغان، يۆتكەپ توشۇيدىغان ۋە بىۋاسىتە توشۇيدىغان تىرانسپورت قوراللىرىنىڭ مەسئۇلى چېگرادىن كىرىدىغان جايدىكى تاموژنىغا ئەھۋالنى ئەينەن مەلۇم قىلىشى ھەمدە ماللىرىنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە چېگرادىن چىقىرىشى كېرەك.

  تاموژنا زۆرۈر تاپقاندا، چېگرادىن ئۆتكۈزۈلىدىغان، يۆتكەپ توشۇلىدىغان ۋە بىۋاسىتە توشۇلىدىغان ماللارنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

  37 – ماددا تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ماللارنى تاموژنىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئېچىشقا، ئېلىشقا، تاپشۇرۇشقا، توشۇشقا، يەڭگۈشلەشكە، باشقىدىن قاچىلاشقا، رەنە قويۇشقا، گۆرۈ قويۇشقا، ئېلىپ قېلىشقا، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە، بەلگىلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا، ئىشلىتىۋېلىشقا ياكى باشقىچە بىر تەرەپ قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

  تاموژنا چاپلىغان پېچەتنى ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئېچىشىغا ياكى بۇزۇۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

  تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ماللارنى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى، كېسىم قارارى ياكى ئالاقىدار مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقنىڭ قارارى بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كەلسە، ئالاقىدارلارنى تاموژنا رەسمىيىتىنى ئۆتەشكە بۇيرۇش كېرەك.

  38 – ماددا تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ماللارنى ساقلاش كەسپىنى قىلىدىغان كارخانىلار تاموژنىدا رويخەتكە ئالدۇرۇشى ھەمدە تاموژنىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تاپشۇرۇۋېلىش، تاپشۇرۇپ بېرىش رەسمىيىتى ئۆتىشى كېرەك.

  تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ماللارنى تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان رايون سىرتىدا ساقلاشقا بېرىدىغانلار تاموژنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى ھەمدە تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

  تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ماللارنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بارلاردىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ياكى تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ماللارنى ساقلىغان مەزگىلدە تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ماللارنى نابۇت قىلىۋەتكەن ياكى يوقىتىۋەتكەنلىرى تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئامىللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى ۋە قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  39 – ماددا چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان – چىقىرىلىدىغان كونتېينېرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسى، چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان – چىقىرىلىدىغان چۆكۈپ كەتكەن مال ۋە كېمىلەرنى سۈزۈۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسى، چېگرا سودىسىدا ئاز مىقداردا ئىمپورت – ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسى شۇنىڭدەك مۇشۇ قانۇندا كونكرېت كۆرسىتىلمىگەن چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان – چىقىرىلىدىغان باشقا ماللارنى نازارەت قىلىپ – باشقۇرۇش چارىسىنى تاموژنا باش مەھكىمىسى ئۆز ئالدىغا ياكى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئايرىم چىقىرىدۇ.

  40 – ماددا چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان – چىقىرىلىدىغان مال، بۇيۇملاردىن دۆلەتنىڭ مەنئى قىلىش ياكى چەك قويۇش ھەققىدە بەلگىلىمىسى بولغانلىرىنى تاموژنا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە، گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ياكى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەرگەن ھوقۇقى بويىچە چىقارغان بەلگىلىمىسىگە بىنائەن نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. كونكرېت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسىنى تاموژنا باش مەھكىمىسى چىقىرىدۇ.

  41 – ماددا ئىمپورت – ئېكسپورت ماللىرىنىڭ ئەسلىي ئىشلەنگەن جايى دۆلەتنىڭ ئەسلىي ئىشلەنگەن جايغا دائىر قائىدىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىلىدۇ.

  42 – ماددا ئىمپورت – ئېكسپورت ماللىرىنىڭ تاۋار تۈرى دۆلەتنىڭ تاۋار تۈرىگە دائىر بەلگىلىمىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ.

  تاموژنا ئىمپورت – ئېكسپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى ۋە ئەۋەتكۈچىدىن تاۋار تۈرىنى بېكىتىشكە كېرەكلىك ماتېرىياللارنى بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، تاموژنا خىمىيەلىك تەكشۈرسە، پىرىيوم قىلسا ھەمدە ئۆزى بېكىتكەن خىمىيەلىك تەكشۈرۈش، پىرىيوم قىلىش نەتىجىسىنى تاۋارنى تۈرگە ئايرىشنىڭ ئاساسى قىلسا بولىدۇ.

  43 – ماددا تاموژنا تاشقى سودا تىجارەتچىلىرىنىڭ يازما ئىلتىماسى بويىچە، ئىمپورت ياكى ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللارنى ئالدىن تاۋار تۈرىگە ئايرىشقا ئوخشاش مەمۇرىي كېسىم قارارى چىقارسا بولىدۇ.

  ئوخشاش مالنى ئىمپورت ياكى ئېكسپورت قىلىشتا، ئوخشاش تاۋارنى تۈرگە ئايرىش كېسىم قارارى چىقىرىش كېرەك.

  تاموژنا تاۋارلارنى تۈرگە ئايرىشقا ئوخشاش مەمۇرىي كېسىم قارارىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

  44 – ماددا تاموژنا چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان – چىقىرىلىدىغان مالنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە قوغدايدۇ.

  بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئەھۋالىنى تاموژنىغا مەلۇم قىلىشقا توغرا كەلسە، ئىمپورت – ئېكسپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى، ئەۋەتكۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تاموژنىغا ئەينەن مەلۇم قىلىشى ھەمدە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇنلۇق ئىشلىتىشكە دائىر ئىسپات ھۆججىتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

  45 – ماددا ئىمپورت – ئېكسپورت ماللىرى تەكشۈرۈپ ماڭدۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ يىل ئىچىدە ياكى باجدىن خالىي ماللار، بېجى كېمەيتىلگەن، كەچۈرۈم قىلىنغان ئىمپورت ماللىرىنى تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرغان مۆھلەت ئىچىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىل ئىچىدە، تاموژنا ئىمپورت – ئېكسپورت ماللىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كارخانا ۋە ئورۇنلارنىڭ بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى، بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش ھۆججىتى شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللىرى ۋە ئالاقىدار ئىمپورت – ئېكسپورت ماللىرىنى تەكشۈرسە بولىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.

4 – باب چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان – چىقىرىلىدىغان بۇيۇملار

  46 – ماددا شەخسلەر ئېلىپ مېڭىپ چېگرادىن كىرگۈزىدىغان – چىقىرىدىغان يۈك – تاق، پوچتا ئارقىلىق چېگرادىن كىرگۈزىدىغان – چىقىرىدىغان بۇيۇملار ئۆزى ئىشلىتىدىغان بۇيۇم بولۇشى، سانى چەكلىك بولۇشى، تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدا بولۇشى كېرەك.

  47 – ماددا چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان – چىقىرىلىدىغان بۇيۇملارنى ئىگىسى تاموژنىغا ئەينەن مەلۇم قىلىشى ھەمدە تاموژنىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

  تاموژنا چاپلىغان پېچەتنى ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئېچىشىغا ياكى بۇزۇۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

  48 – ماددا چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان – چىقىرىلىدىغان پوچتا تاغىرىنى قاچىلاش – چۈشۈرۈش، يۆتكەپ توشۇش ۋە چېگرادىن ئۆتكۈزۈشتە تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىش كېرەك. پوچتا كارخانىلىرى يوللانمىلارنىڭ يول خېتىنى تاموژنىغا تاپشۇرۇشى كېرەك.

  پوچتا كارخانىلىرى خەلقئارا پوچتا تاغىرىنى ئېچىش ۋە پېچەتلەپ ئەۋەتىش ۋاقتىنى تاموژنىغا ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلىشى، تاموژنا تۆپىدە تۇرۇپ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە ۋاقتىدا ئادەم ئەۋەتىشى كېرەك.

  49 – ماددا پوچتىغا سېلىپ چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان – چىقىرىلىدىغان بۇيۇملارنى تاموژنا تەكشۈرۈپ ماڭدۇرۇشقا رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن ئالاقىدار تىجارەت ئورۇنلىرى پوچتىغا سالسا ياكى تاپشۇرسا بولىدۇ.

  50 – ماددا تاموژنىنىڭ تىزىملىشى بىلەن، بېجىنى ۋاقتىنچە كەچۈرۈم قىلىپ چېگرادىن كىرگۈزۈش ياكى بېجىنى ۋاقتىنچە كەچۈرۈم قىلىپ چېگرادىن چىقىرىشقا رۇخسەت قىلغان بۇيۇمنى شۇ كىشى چېگرادىن كىرىش – چىقىشتا ئۆزى بىللە ئېلىپ مېڭىشى كېرەك.

  چېگرادىن ئۆتكۈچىلەرنىڭ ئېلىپ ماڭغان بۇيۇملىرىنى تاموژنىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ چېگرا ئىچىگە قالدۇرۇپ قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

  51 – ماددا چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن – چىقىرىلغان بۇيۇملاردىن ئىگىسى ۋاز كەچكەن، تاموژنا بەلگىلىگەن مۇددەتتە تاموژنا رەسمىيىتى ئۆتەلمىگەن ياكى ئىگىسى چىقمىغانلىرىنى شۇنىڭدەك پوچتىغا سېلىپ چېگرادىن كىرگۈزۈشتە، پوچتىغا سېلىنغان بۇيۇملاردىن يەتكۈزۈپ بەرگىلىمۇ، قايتۇرۇۋەتكىلى بولمىغانلىرىنى تاموژنا مۇشۇ قانۇننىڭ 30 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  52 – ماددا دىپلوماتىيە ئىمتىيازىدىن ۋە كەچۈرۈم ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان چەت ئەل ئاپپاراتلىرى ياكى چەت ئەللىكلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىدىغان بۇيۇملىرىنى ياكى ئۆزى ئىشلىتىدىغان بۇيۇملىرىنى چېگرادىن كىرگۈزۈش – چىقىرىشى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

5 – باب تاموژنا بېجى

  53 – ماددا ئىجازەت بىلەن ئىمپورت – ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللارغا، چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان – چىقىرىلىدىغان بۇيۇملارغا تاموژنا قانۇن بويىچە تاموژنا بېجى ئالىدۇ.

  54 – ماددا ئىمپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچىلار، ئېكسپورت ماللىرىنى ئەۋەتكۈچىلەر، چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان – چىقىرىلىدىغان بۇيۇملارنىڭ ئىگىسى تاموژنا بېجى تاپشۇرغۇچىلاردۇر.

  55 – ماددا چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان – چىقىرىلىدىغان ماللارنىڭ باجلىتىش باھاسىنى تاموژنا شۇ مالنىڭ پۈتۈشمە باھاسىنى ئاساس قىلىپ تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ. پۈتۈشمە باھاسىنى بېكىتكىلى بولمىسا، باجلىتىش باھاسىنى تاموژنا قانۇن بويىچە مۆلچەرلەپ بېكىتىدۇ.

  ئىمپورت ماللىرىنىڭ باجلىتىش باھاسى مالنىڭ باھاسىنى، مالنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدىكى كىرگۈزۈلگەن جايغا چۈشۈرۈشتىن بۇرۇنقى كىرا ھەققىنى شۇنىڭدەك ئالاقىدار خىراجەت ۋە سۇغۇرتا ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئېكسپورت ماللىرىنىڭ باجلىتىش باھاسى مالنىڭ باھاسىنى، مالنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدىكى چىقىرىلغان جايدا قاچىلاشتىن بۇرۇنقى كىرا ھەققىنى شۇنىڭدەك ئالاقىدار خىراجەت، سۇغۇرتا ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئېكسپورت تاموژنا بېجى سوممىسىنى چىقىرىۋېتىش كېرەك.

  چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان – چىقىرىلىدىغان بۇيۇملارنىڭ باجلىتىش باھاسىنى تاموژنا قانۇن بويىچە بېكىتىدۇ.

  56 – ماددا تۆۋەندىكى ئىمپورت – ئېكسپورت ماللىرىدىن ۋە چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان – چىقىرىلىدىغان بۇيۇملاردىن تاموژنا بېجى كېمەيتىپ ئېلىنىدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ:

  (1) سودا قىممىتى بولمىغان ئېلان بۇيۇمى ۋە مال ئەۋرىشكىسى؛

  (2) چەت ئەل ھۆكۈمىتى، خەلقئارا تەشكىلات ھەقسىز بەرگەن ئەشيا؛

  (3) تاموژنا ماڭدۇرۇشتىن بۇرۇن بۇزۇلغان ياكى زىيانغا ئۇچرىغان مال؛

  (4) بەلگىلەنگەن مىقداردىكى بۇيۇم؛

  (5) قانۇندا تاموژنا بېجىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش بەلگىلەنگەن باشقا مال، بۇيۇملار؛

  (6) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەردە تاموژنا بېجىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش بەلگىلەنگەن مال، بۇيۇملار.

  57 – ماددا مۇئەييەن رايون، مۇئەييەن كارخانىلارنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت ماللىرى ياكى مۇئەييەن ئىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئىمپورت – ئېكسپورت ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى كېمەيتىلسە ياكى كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ. بېجى كېمەيتىلىدىغان ياكى كەچۈرۈم قىلىنىدىغان مۇئەييەن نەرسىنىڭ دائىرىسى ۋە چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

  ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە تاموژنا بېجى كېمەيتىلىدىغان ياكى كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ئىمپورت ماللىرى مۇئەييەن رايون، مۇئەييەن كارخانا ياكى مۇئەييەن ئىشقىلا ئىشلىتىلىدۇ، تاموژنىنىڭ تەستىقىنى ئالماي ۋە تاموژنا بېجىنى تولۇقلاپ تاپشۇرماي تۇرۇپ، باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىشقا بولمايدۇ.

  58 – ماددا تاموژنا بېجىنى مۇشۇ قانۇننىڭ 56 – ماددىسىدا، 57 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدا بەلگىلەنگەن دائىرىدىن سىرت كېمەيتىپ ياكى كەچۈرۈم قىلىپ تۇرۇشنى گوۋۇيۈەن قارار قىلىدۇ.

  59 – ماددا تاموژنىنىڭ تەستىقى بىلەن ئىمپورت ياكى ئېكسپورت قىلىپ تۇرۇلىدىغان مال شۇنىڭدەك ئىمپورت قىلىشقا ئالاھىدە رۇخسەت قىلىنغان باجدىن خالىي ماللارنى تاپشۇرۇۋالغۇچى ۋە ئەۋەتكۈچىلەرنىڭ تاپشۇرىدىغان تاموژنا بېجىنى تاموژنىغا باج پۇلىغا تەڭ كېلىدىغان كاپالەت پۇلى تاپشۇرغان ياكى كېپىللىك بەرگەندىن كېيىن، تاپشۇرماي تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

  60 – ماددا ئىمپورت – ئېكسپورت مېلى ئۈچۈن باج تاپشۇرغۇچىلار تاموژنا باج تاپشۇرۇش قەغىزىنى بەرگەن كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە باج تاپشۇرۇشى كېرەك؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ باج تاپشۇرمىغانلاردىن تاموژنا كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى ئالىدۇ. باج تاپشۇرغۇچىلار ۋە كېپىل بولغۇچىلاردىن ئۈچ ئايغىچە باج تاپشۇرمىغانلىرىغا بىۋاسىتە قاراشلىق تاموژنا باشلىقى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن ئۆزىگە قاراشلىق تاموژنا باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن، تاموژنا تۆۋەندىكى مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ:

  (1) ھېساب ئاچقان بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا باجنى ئامانەت پۇلىدىن تۇتۇپ قېلىشنى يازما ئۇقتۇرۇش قىلىش؛

  (2) باج تاپشۇرۇلىدىغان مېلىنى قانۇن بويىچە سېتىۋېتىپ، تاپاۋىتىنى باج پۇلىغا توغرىلىۋېتىش؛

  (3) قىممىتى تاپشۇرىدىغان باجغا تەڭ كېلىدىغان مېلىنى ياكى باشقا مال – مۈلكىنى تۇتۇپ قېلىپ ھەمدە قانۇن بويىچە سېتىۋېتىپ، تاپاۋىتىنى باج پۇلىغا توغرىلىۋېتىش.

  تاموژنا مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانغاندا، ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن باج تاپشۇرغۇچىلار ۋە كېپىل بولغۇچىلار تاپشۇرمىغان كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنىمۇ مەجبۇرىي ئالىدۇ.

  ئىمپورت – ئېكسپورت بۇيۇمى ئۈچۈن باج تاپشۇرغۇچىلار باج پۇلىنى مال ماڭدۇرۇشتىن بۇرۇن تاپشۇرۇشى كېرەك.

  61 – ماددا ئىمپورت – ئېكسپورت مېلى ئۈچۈن باج تاپشۇرغۇچىلاردىن باج تاپشۇرىدىغان مېلى شۇنىڭدەك باشقا مال – مۈلكىنى بەلگىلەنگەن باج تاپشۇرۇش مۆھلىتىدە يۆتكىۋېتىش، يوشۇرۇپ قويۇش ئەھۋالى روشەن بولغانلىرىنى تاموژنا باج تاپشۇرۇشقا كېپىللىك بېرىشكە بۇيرۇسا بولىدۇ؛ باج تاپشۇرغۇچىلار باج تاپشۇرۇشقا كېپىللىك بېرەلمىسە، بىۋاسىتە قاراشلىق تاموژنا باشلىقى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن ئۆزىگە قاراشلىق تاموژنا باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن، تاموژنا باجدا ئامان ساقلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ:

  (1) باج تاپشۇرغۇچىلار ھېساب ئاچقان بانكىغا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا باج تاپشۇرغۇچىلار تاپشۇرىدىغان باجغا تەڭ ئامانەت پۇلىنى بەرمەي تۇرۇشنى يازما ئۇقتۇرۇش؛

  (2) باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ تاپشۇرىدىغان بېجىغا تەڭ قىممەتتىكى مېلى ياكى باشقا مال – مۈلكىنى تۇتۇپ قېلىش.

  باج تاپشۇرغۇچىلار باج پۇلىنى بەلگىلەنگەن باج تاپشۇرۇش مۆھلىتىدە تاپشۇرغان بولسا، تاموژنا باجدا ئامان ساقلاش تەدبىرىنى دەرھال بىكار قىلىشى شەرت؛ مۆھلەت توشسىمۇ باج پۇلىنى تاپشۇرمىسا، بىۋاسىتە قاراشلىق تاموژنا باشلىقى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن ئۆزىگە قاراشلىق تاموژنا باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن، تاموژنا باج تاپشۇرغۇچىلار ھېساب ئاچقان بانكىغا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا بەرمەي تۇرغان ئامانەت پۇلىدىن ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇشنى يازما ئۇقتۇرۇش قىلسا ياكى تۇتۇپ قالغان مېلى ۋە ياكى باشقا مال – مۈلكىنى قانۇن بويىچە سېتىۋېتىپ، تاپاۋىتىنى باج پۇلىغا توغرىلىسا بولىدۇ.

  باجدا ئامان ساقلاش تەدبىرى مۇۋاپىق بولمىغان ياكى باج تاپشۇرغۇچىلار باجنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تاپشۇرغان بولسىمۇ، تاموژنا باجدا ئامان ساقلاش تەدبىرىنى بىكار قىلماي، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، تاموژنا قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  62 – ماددا ئىمپورت – ئېكسپورت ماللىرى، چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان – چىقىرىلىدىغان بۇيۇملار ماڭدۇرۇلغاندىن كېيىن، تاموژنا باجنىڭ كەم ئېلىنىپ قالغانلىقىنى ياكى ئېلىنماي قالغانلىقىنى بايقىغاندا، تاپشۇرۇلىدىغان باج پۇلى ياكى مال، بۇيۇملار ماڭدۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە باج تاپشۇرغۇچىلاردىن باج پۇلىنى تولۇقلاپ ئېلىشى كېرەك. باج تاپشۇرغۇچىلار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، باج كەم ئېلىنىپ قالغان ياكى ئېلىنماي قالغان بولسا، تاموژنا باجنى ئۈچ يىل ئىچىدە سۈرۈشتە قىلىپ ئالسا بولىدۇ.

  63 – ماددا تاموژنا ئارتۇق ئېلىنغانلىقىنى بايقىغان باج پۇلىنى دەرھال قايتۇرۇشى كېرەك؛ باج تاپشۇرغۇچىلار باج پۇلىنى تاپشۇرغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە تاموژنىدىن قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

  64 – ماددا باج تاپشۇرغۇچىلار بىلەن تاموژنا ئوتتۇرىسىدا باج تاپشۇرۇش تالاش – تارتىشى كۆرۈلگەندە، باج تاپشۇرغۇچى باج تاپشۇرىدۇ ھەمدە قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىسا قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

  65 – ماددا ئىمپورت ھالقىلىرىدا تاموژنا ۋاكالىتەن ئالىدىغان باجنى باشقۇرۇشقا تاموژنا بېجى ئېلىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى تەتبىقلىنىدۇ.

6 – باب تاموژنا ئىشلىرى كېپىللىكى

  66 – ماددا مالنىڭ تۈرى، مۆلچەر باھاسىنى بېكىتىش ۋە كۈچكە ئىگە بولغان تاموژنىغا مەلۇم قىلغانلىق ھۆججىتىنى بېرىش ياكى باشقا تاموژنا رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپ بولۇشتىن ئىلگىرى، تاپشۇرۇۋالغۇچى ۋە ئەۋەتكۈچى مالنى ماڭدۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، تاموژنا ئۇلار قانۇن بويىچە ئادا قىلىدىغان قانۇن مەجبۇرىيىتىگە لايىق كېپىللىك بەرگەندىن كېيىن ماڭدۇرۇشى كېرەك. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا كېپىللىكىنى بىكار قىلىشقا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

  قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تاموژنا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش كېپىللىكى ھەققىدە ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

  چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان – چىقىرىلىدىغان مال، بۇيۇملاردىن دۆلەت چەك قويۇش ھەققىدە بەلگىلىمە چىقارغان، كۆرسىتىدىغان ئىجازەتنامىلەرنى كۆرسىتەلمىگەنلىرىگە شۇنىڭدەك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا كېپىل بولۇشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋال بولغانلىرىنى تاموژنا كېپىللىك بېرىپ ماڭدۇرسا بولمايدۇ.

  67 – ماددا تاموژنا ئىشلىرىدا كېپىل بولۇش ئىقتىدارى بولغان قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلار ياكى پۇقرالار كېپىل بولغۇچى بولسا بولىدۇ. قانۇندا كېپىل بولغۇچى بولسا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا.

  68 – ماددا كېپىل بولغۇچى تۆۋەندىكى مال – مۈلكى ۋە ھوقۇقى بىلەن كېپىل بولسا بولىدۇ:

  (1) خەلق پۇلى، ئەركىن تېگىشىشكە بولىدىغان پۇل؛

  (2) پېرېۋوت چېكى، خاس چەك، پۇل چېكى، زايوم، ئامانەت پۇل چېكى؛

  (3) بانكا ياكى بانكىدىن باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ كېپىللىك خېتى؛

  (4) تاموژنا قانۇن بويىچە ئېتىراپ قىلغان باشقا مال – مۈلۈك ۋە ھوقۇق.

  69 – ماددا كېپىل بولغۇچى كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى كېپىللىك مۆھلىتىدە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. كېپىل بولغۇچى كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئادا قىلغاندا، كېپىللىك قىلىنغۇچىنىڭ ئالاقىدار تاموژنا رەسمىيىتىنى ئۆتەش مەجبۇرىيىتى بىكار قىلىنمايدۇ.

  70 – ماددا تاموژنا ئىشلىرى كېپىللىكىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.

7 – باب قانۇن ئىجراسى نازارەتچىلىكى

  71 – ماددا تاموژنا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنغا رىئايە قىلىشى، دۆلەت مەنپەئىتىنى قوغدىشى، قانۇننى قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە قاتتىق ئىجرا قىلىشى، نازارەتچىلىكنى قوبۇل قىلىشى شەرت.

  72 – ماددا تاموژنا خادىملىرى قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى، پاك، تەلەپچان بولۇشى، ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇشى، مەدەنىي مۇلازىمەت قىلىشى، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلماسلىقى شەرت:

  (1) ئەتكەسچىلىكنى قانات ئاستىغا ئېلىش، ئۇلارغا يول قويۇش ياكى باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئەتكەسچىلىك قىلىش؛

  (2) باشقىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلەش، باشقىلارنىڭ بەدىنى، ئولتۇرۇشلۇق جايى ياكى سورۇنىنى قانۇنسىز تەكشۈرۈش، چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان تىرانسپورت قورالى، مال ۋە بۇيۇملارنى قانۇنسىز تەكشۈرۈش، تۇتۇپ قېلىش؛

  (3) خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ شەخسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىۋېلىش ياكى باشقىلارنى شەخسىي مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈش؛

  (4) پارا تەلەپ قىلىش، پارا ئېلىش؛

  (5) دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ۋە تاموژنا خىزمىتى مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇش؛

  (6) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىپ، قەستەن قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، تەكشۈرۈشنى كېچىكتۈرۈش؛

  (7) مۇسادىرە قىلغان ئەتكەس مال، بۇيۇملارنى سېتىۋېلىش، يەڭ ئىچىدە بۆلۈشۈۋېلىش ۋە ئىگىلىۋېلىش؛

  (8) پايدا ئالىدىغان تىجارەتكە ئارىلىشىش ياكى باشقىچە يول بىلەن ئارىلىشىش؛

  (9) ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپلىق قىلىش ياكى ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىش؛

  (10) قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىشلار.

  73 – ماددا تاموژنا مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئېھتىياجىغا قاراپ، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تاموژنا خادىملىرىنى ياخشى سىياسىي، كەسپىي ساپاغا ئىگە قىلىشى كېرەك.

  تاموژنا كەسپىي خادىملىرى قانۇن بىلىمى ۋە ئالاقىدار كەسپىي بىلىملەرگە ئىگە بولۇشى، تاموژنا بەلگىلىگەن كەسپىي ئىش ئورنىدا ۋەزىپە ئۆتەش تەلىپىگە يېتىشى كېرەك.

  تاموژنىلار خادىم ئېلىشتا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ، ياخشىلىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلىشى كېرەك.

  تاموژنا ئۆزىنىڭ خادىملىرىنى سىياسىي ئىدىيە، قانۇنچىلىق، تاموژنا كەسپى جەھەتتە پىلانلىق تەربىيەلىشى ۋە باھالىشى كېرەك. تاموژنا خادىملىرىنى قەرەللىك ھالدا يېتىشتۈرۈش ۋە باھالاش شەرت، باھالاشتىن ئۆتەلمىگەنلەرنىڭ ئىش ئورنىدا داۋاملىق ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  74 – ماددا تاموژنا باش مەھكىمىسى تاموژنا باشلىقلىرىنى قەرەللىك ھالدا ئالماشتۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك.

  تاموژنا باشلىقى بىر دەرىجە يۇقىرى تاموژنىغا قەرەللىك ھالدا خىزمەت دوكلاتى بېرىپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى ئەينەن ئېيتىشى كېرەك. تاموژنا باش مەھكىمىسى بىۋاسىتە قاراشلىق تاموژنا باشلىقىنى قەرەللىك ھالدا باھالىشى، بىۋاسىتە قاراشلىق تاموژنا ئۆزىگە قاراشلىق تاموژنا باشلىقىنى قەرەللىك ھالدا باھالىشى كېرەك.

  75 – ماددا تاموژنا ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشتا مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ نازارىتىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى؛ ئەتكەسچىلىك ساقچىلىرى تەھقىقلەش پائالىيىتىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ نازارىتىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى كېرەك.

  76 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى تاموژنىنىڭ مالىيە كىرىم – چىقىمىنى قانۇن بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى قىلىدۇ، تاموژنا بېجىرگەن، دۆلەتنىڭ مالىيە كىرىم – چىقىمىغا ئالاقىدار ئىشلارنى مەخسۇس تەپتىش قىلىپ تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق.

  77 – ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك تاموژنا تۆۋەن دەرىجىلىك تاموژنىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك تاموژنا تۆۋەن دەرىجىلىك تاموژنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى ياكى قارارىنى نامۇۋاپىق دەپ قارىسا، قانۇن بويىچە ئۆزگەرتسە ياكى بىكار قىلسا بولىدۇ.

  78 – ماددا تاموژنا مۇشۇ قانۇندىكى ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئىچكى نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خادىملىرىنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارنى ئىجرا قىلىش ۋە ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك.

  79 – ماددا تاموژنا ئىچكى قىسمىدىكى ھۆججەت تەكشۈرۈش، ئېنىقلاش، ماڭدۇرۇش، تەكشۈرۈش، ئەھۋال ئۇقۇش ئىش ئورنى قاتارلىق ئاساسلىق ئىش ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇق دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى ھەمدە ئۆزئارا ئايرىۋېتىشى، بىر – بىرىنى چەكلەيدىغان قىلىشى كېرەك.

  80 – ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس تاموژنا ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ قانۇن، ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى شىكايەت قىلىش ۋە پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. شىكايەت قىلىش ۋە پاش قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان ئورگانلاردىن بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بارلىرى قانۇن ۋە مەسئۇلىيىتى بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. شىكايەت قىلىش ۋە پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان ئورگان ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل ئورگان شىكايەت قىلغۇچى ۋە پاش قىلغۇچىلارنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.

  81 – ماددا تاموژنا خادىملىرىدىن قانۇنغا خىلاپ دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشتا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرى چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك:

  (1) شۇ دېلودىكى ئالاقىدارلار ياكى ئالاقىدارلارنىڭ يېقىن تۇغقىنى بولسا؛

  (2) ئۆزىنىڭ ياكى يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ شۇ دېلو بىلەن پايدا – زىيان مۇناسىۋىتى بولسا؛

  (3) شۇ دېلودىكى ئالاقىدارلار بىلەن باشقا مۇناسىۋىتى بولۇپ، دېلونىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا.

‎8 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

  82 – ماددا مۇشۇ قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن باش تارتىپ، باج ئوغرىلاپ، باجدىن قېچىپ، دۆلەتنىڭ چېگرادىن كىرگۈزۈش، چىقىرىشقا ئالاقىدار مەنئى قىلىش بەلگىلىمىسى ياكى چەكلەش بەلگىلىمىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىش ئەتكەسچىلىك قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ:

  (1) دۆلەت چېگرادىن كىرگۈزۈش، چىقىرىشنى مەنئى قىلغان ياكى ئۇنىڭغا چەك قويغان مال، بۇيۇمنى توشۇش، ئېلىپ مېڭىش، پوچتىغا سېلىش ياكى قانۇن بويىچە باج تاپشۇرىدىغان مال، بۇيۇمنى چېگرادىن كىرگۈزۈش، چىقىرىش؛

  (2) تاموژنىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي ھەمدە تاپشۇرىدىغان باجنى تاپشۇرماي، ئالاقىدار ئىجازەت گۇۋاھنامىلىرىنى تەكشۈرتمەي تۇرۇپ، باجدىن خالىي مال، بېجى كېمەيتىلىدىغان، كەچۈرۈم قىلىنىدىغان مۇئەييەن مالنى شۇنىڭدەك تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان باشقا مال، بۇيۇمنى، چېگرا سىرتىدىكى تىرانسپورت قوراللىرىدىن چېگرادىن كىرگەنلىرىنى چېگرا ئىچىدە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن سېتىش؛

  (3) تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش قىلمىشلىرىدىن ئەتكەسچىلىككە توشىدىغان باشقا قىلمىشلار.

  ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشىنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان بولسىمۇ، جىنايەتكە توشمايدىغانلىرىنىڭ ئەتكەس مېلى، بۇيۇمى شۇنىڭدەك قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى تاموژنا مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ ئەتكەسچىلىكنى نىقابلاشقا مەخسۇس ياكى كۆپ قېتىم ئىشلەتكەن مېلى، بۇيۇمى، ئەتكەسچىلىككە مەخسۇس ياكى كۆپ قېتىم ئىشلەتكەن تىرانسپورت قورالىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ ئەتكەس مېلى، بۇيۇمىنى يوشۇرىدىغان ئۈسكۈنىسىنى چۇۋۇۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ ياكى مۇسادىرە قىلىدۇ.

  1 – تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  83 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلار ئەتكەسچىلىك قىلغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، ئۇلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 82 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ:

  (1) ئەتكەسچىلىك يولى بىلەن ئىمپورت قىلىنغان مال، بۇيۇمنى ئەتكەسچىلەردىن بىۋاسىتە، قانۇنسىز سېتىۋالغانلار؛

  (2) دۆلەت چېگرادىن كىرگۈزۈش – چىقىرىشنى مەنئى قىلغان ياكى چەك قويغان مال ۋە بۇيۇملارنى ئىچكى دېڭىز، دېڭىز تەۋەلىكى، چېگرا دەريا، چېگرا كۆل، كېمە – پاراخوتلاردا شۇنىڭدەك ئۇنىڭدا ئولتۇرغانلار ئارقىلىق توشۇش، سېتىۋېلىش، سېتىشتا قانۇنلۇق ئىسپاتى بولمىغانلار ياكى قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇلىدىغان ماللارنى توشۇش، سېتىۋېلىش، سېتىشتا قانۇنلۇق ئىسپاتى بولمىغانلار.

  84 – ماددا تاموژنىنىڭ تالون، ھۆججەتلىرىنى ياسىۋېلىپ، ئۆزگەرتىۋېلىپ، ئېلىپ سېتىپ ئەتكەسچىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۇلارغا قەرز پۇل، مەبلەغ، ھېسابات نومۇرى، تالون، ئىسپات، تاموژنا ھۆججىتىنى بېرىپ، ئەتكەسچىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۇلارغا توشۇش، ساقلاش، پوچتىغا سېلىش جەھەتتە ياكى باشقا جەھەتتە قولايلىق يارىتىپ بېرىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى تاموژنا مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ.

  85 – ماددا شەخسلەردىن چېگرادىن كىرىش – چىقىشتا ئۆزى ئىشلىتىدىغان بۇيۇمنى مۇۋاپىق مىقداردىن ئارتۇق ئېلىپ مېڭىپ، پوچتىغا سېلىپ قانۇن بويىچە تاموژنىغا مەلۇم قىلمىغانلىرى تاموژنا بېجىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ، ئۇلارغا جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

  86 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:

  (1) تىرانسپورت قورالىنى تاموژنا بار جاي ئارقىلىق چېگرادىن كىرگۈزمىگەن، چىقارمىغانلار؛

  (2) چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان تىرانسپورت قورالىنىڭ يېتىپ كېلىش ۋاقتى، توختايدىغان جايى ياكى ئالماشتۇرىدىغان جايىنى تاموژنىغا ئۇقتۇرۇش قىلمىغانلار؛

  (3) چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان – چىقىرىلىدىغان مال، بۇيۇملارنى ياكى چېگرادىن ئۆتكۈزۈلىدىغان، يۆتكەپ توشۇلىدىغان، بىۋاسىتە توشۇلىدىغان مالنى تاموژنىغا ئەينەن مەلۇم قىلمىغانلار؛

  (4) چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان تىرانسپورت قورالى، مال، بۇيۇملارنى تەكشۈرتۈش، ئېنىقلىتىشتا تاموژنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

  (5) چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان تىرانسپورت قوراللىرىغا تاموژنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان – چىقىرىلىدىغان مال، بۇيۇملارنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قاچىلىغان، چۈشۈرگەن ياكى چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان يولۇچىلارنى سالغان، چۈشۈرگەنلەر؛

  (6) تاموژنا بار جايدا توخىتىتىلغان چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان تىرانسپورت قورالىنى تاموژنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھەيدەپ كەتكەنلەر؛

  (7) چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان تىرانسپورت قورالىنى تاموژنا بار بىر جايدىن تاموژنا بار يەنە بىر جايغا ھەيدەپ بېرىشتا، تاموژنا رەسمىيىتىنىمۇ ئۆتىمەي، تاموژنىنىڭ تەستىقىنىمۇ ئالماي تۇرۇپ، يېرىم يولدا يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىپ چېگرا سىرتىغا ھەيدەپ ماڭغانلار ياكى چېگرا ئىچىدىكى تاموژنا يوق جايغا ھەيدەپ ماڭغانلار؛

  (8) تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلىپىگە يەتكۈزمەي ياكى تاموژنىدا رەسمىيەت ئۆتىمەي تۇرۇپ، چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان تىرانسپورت قوراللىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قوشۇمچە تىجارەتكە سالغان ياكى چېگرا ئىچى تىرانسپورتىغا سالغانلار؛

  (9) تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان سەۋەب تۈپەيلىدىن، چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان كېمە – پاراخوت ۋە ئاۋىياۋاسىتىلىرىنى تاموژنا بار جايدا توختىتىشقا، قوندۇرۇشقا ياكى چېگرا ئىچىگە مال، بۇيۇملارنى نائىلاج تاشلىۋېتىشكە، چۈشۈرۈشكە توغرا كەلگەندە، ئورۇنلۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى تاموژنىغا مەلۇم قىلمىغانلار؛

  (10) تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ماللارنى تاموژنىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئاچقان، ئالغان، تاپشۇرۇپ بەرگەن، ماڭدۇرغان، ئالماشتۇرغان، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرغان، رەنە قويغان، گۆرۈ قويغان، ئېلىپ قالغان، ئۆتۈنۈپ بەرگەن، بەلگىسىنى ئالماشتۇرغان، باشقا ئىشقا ئىشلەتكەن ياكى باشقىچە بىر تەرەپ قىلغانلار؛

  (11) تاموژنىنىڭ پېچىتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئاچقان ياكى بۇزغانلار؛

  (12) تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ماللارنى توشۇش، ساقلاش، پىششىقلاش كەسپى قاتارلىق كەسىپلەردە، ئالاقىدار ماللارنى يوقىتىۋېتىپ ياكى ئالاقىدار خاتىرىسى ئەينەن بولمىغان، يەنە كېلىپ ئورۇنلۇق سەۋەبىنى كۆرسىتىپ بېرەلمىگەنلەر؛

  (13) تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىسىگە خىلاپ كېلىدىغان باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلار.

  87 – ماددا تاموژنا ئالاقىدار كەسىپنى يولغا قويۇشىغا رۇخسەت قىلغان كارخانىلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەرسە بولىدۇ، ئالاقىدار كەسپىنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ ھەتتا رويخەتتىن ئۆچۈرىدۇ.

  88 – ماددا تاموژنىغا تىزىملاتماي تۇرۇپ تاموژنىغا مەلۇم قىلىش كەسپىنى قىلغانلارنى تاموژنا بىكار قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

  89 – ماددا تاموژنىغا مەلۇم قىلغۇچى كارخانىلاردىن قانۇنسىز ھالدا باشقىلارنىڭ ئورنىدا تاموژنىغا مەلۇم قىلغان ياكى كەسىپ دائىرىسىدىن ھالقىپ تاموژنىغا مەلۇم قىلغانلىرىنى تاموژنا تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش رويخېتىدىن ئۆچۈرىدۇ.

  تاموژنىغا مەلۇم قىلغۇچىلاردىن قانۇنسىز ھالدا باشقىلارنىڭ ئورنىدا تاموژنىغا مەلۇم قىلغان ياكى كەسىپ دائىرىسىدىن ھالقىپ تاموژنىغا مەلۇم قىلغانلىرىنى تاموژنا تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، جەرىمانە قويىدۇ.

  90 – ماددا ئىمپورت – ئېكسپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى، ئەۋەتكۈچىلەر، تاموژنىغا مەلۇم قىلغۇچى كارخانىلاردىن تاموژنا خادىملىرىغا پارا بەرگەنلىرىنى تاموژنا تاموژنىغا مەلۇم قىلىش رويخېتىدىن ئۆچۈرىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ قايتىدىن رويخەتكە ئالدۇرۇپ تاموژنىغا مەلۇم قىلغۇچى كارخانا بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  تاموژنىغا مەلۇم قىلغۇچىلاردىن تاموژنا خادىملىرىغا پارا بەرگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  91 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملىرى قوغدايدىغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلغان مالنى ئىمپورت – ئېكسپورت قىلغانلارنىڭ ھوقۇققا چېقىلغان مېلىنى تاموژنا قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  92 – ماددا تاموژنا قانۇن بويىچە تۇتۇپ قالغان مال، بۇيۇم، تىرانسپورت قورالىنى خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىشتىن ياكى تاموژنا جازا قارارى چىقىرىشتىن بۇرۇن بىر تەرەپ قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. لېكىن، ئۇزاق ساقلىغىلى بولمايدىغان خەتەرلىك بۇيۇم ياكى يېڭى، تىرىك، ئاسان چىرىيدىغان، ئاسان كۈچىدىن قالىدىغان مال، بۇيۇملارنى شۇنىڭدەك ئىگىسى سېتىۋېتىشنى ئىلتىماس قىلغان مال، بۇيۇم، تىرانسپورت قورالىنى بىۋاسىتە قاراشلىق تاموژنا باشلىقىنىڭ ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن ئۆزىگە قاراشلىق تاموژنا باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن، قانۇن بويىچە سېتىۋېتىپ تۇرۇشقا بولىدۇ، سېتىۋېتىپ تاپقان پۇلنى تاموژنا ساقلاپ قويىدۇ ھەمدە ئىگىسىگە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

  خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى ياكى تاموژنىنىڭ قارارى بىلەن مۇسادىرە قىلىنغان ئەتكەس مال، بۇيۇم، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت، ئەتكەسچىلىك تىرانسپورت قورالى، ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى تاموژنا قانۇن بويىچە بىر تۇتاش بىر تەرەپ قىلىدۇ، تاپقان پۇل ۋە تاموژنىنىڭ قارارى بىلەن قويۇلغان جەرىمانىنىڭ ھەممىسىنى مەركەز خەزىنىسىگە تاپشۇرىدۇ.

  93 – ماددا مۆھلەت ئۆتسىمۇ تاموژنىنىڭ جازا قارارىنى ئادا قىلمىسا، قايتا قاراپ چىقىشنىمۇ ئىلتىماس قىلمىسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلمىسا، جازا قارارى چىقارغان تاموژنا ئۇلارنىڭ كاپالەت پۇلىدىن توغرىلاپ تاپشۇرۇۋەتسە ياكى تۇتۇپ قالغان مېلى، بۇيۇمى، تىرانسپورت قورالىنى قانۇن بويىچە باھاغا توغرىلاپ تاپشۇرۇۋەتسىمۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ.

  94 – ماددا تاموژنىلاردىن چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان – چىقىرىلىدىغان مال، بۇيۇمنى تەكشۈرگەندە، مال، بۇيۇمنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرى ئەمەلىي زىياننى تۆلىشى كېرەك.

  95 – ماددا تاموژنىلاردىن مال، بۇيۇم، تىرانسپورت قوراللىرىنى قانۇنغا خىلاپ تۇتۇپ قېلىپ، ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  96 – ماددا تاموژنا خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 72 – ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  97 – ماددا تاموژنىنىڭ مالىيە كىرىم – چىقىملىرىدىن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ كېلىدىغانلىرىنى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى شۇنىڭدەك ئالاقىدار تارماقلار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  98 – ماددا ئەرز – شىكايەت قىلغۇچى ۋە پاش قىلغۇچىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلاشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى ئالاقىدار ئورۇن قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

  99 – ماددا تاموژنا خادىملىرىدىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە چەتلەپ تۇرمىغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

9 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  100 – ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆز – ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:

  بىۋاسىتە قاراشلىق تاموژنا تاموژنا باش مەھكىمىسى بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىدىغان، مۇئەييەن رايون دائىرىسىدىكى تاموژنا كەسپىنى باشقۇرىدىغان تاموژنىنى كۆرسىتىدۇ؛ قاراشلىق تاموژنا بىۋاسىتە قاراشلىق تاموژنىنىڭ رەھبەرلىكىدە، كونكرېت تاموژنا كەسپىنى بېجىرىدىغان تاموژنىنى كۆرسىتىدۇ.

  چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان تىرانسپورت قورالى ئادەم، مال، بۇيۇملارنى سېلىپ چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان كېمە – پاراخوت، پويىز، ئاپتوموبىل، ئاۋىياۋاسىتىسى ۋە ئات – ئۇلاغنى كۆرسىتىدۇ.

  چېگرادىن ئۆتكۈزۈلىدىغان، يۆتكەپ توشۇلىدىغان ۋە بىۋاسىتە توشۇلىدىغان مال چېگرا سىرتىدىن توشۇپ كېلىنگەن، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىن چېگرا سىرتىغا داۋاملىق توشۇلىدىغان مالنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلاردىن چېگرا ئىچىدىكى قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق توشۇلىدىغانلىرى چېگرادىن ئۆتكۈزۈلىدىغان مال دېيىلىدۇ؛ چېگرا ئىچىدىكى تاموژنا بار جايدا باشقا تىرانسپورت قورالىغا قاچىلىنىدىغان، چېگرا ئىچىدىكى قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق توشۇلمايدىغان مال يۆتكەپ توشۇلىدىغان مال دېيىلىدۇ؛ كېمە – پاراخوت، ئاۋىياۋاسىتىسى ئارقىلىق توشۇپ چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن ھەمدە يەنە شۇ تىرانسپورت قورالى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىرىلىدىغان مال بىۋاسىتە توشۇلىدىغان مال دېيىلىدۇ.

  تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان مال مۇشۇ قانۇننىڭ 23 – ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئىمپورت – ئېكسپورت ماللىرى، چېگرادىن ئۆتكۈزۈلىدىغان، يۆتكەپ توشۇلىدىغان، بىۋاسىتە توشۇلىدىغان مال، بېجى كېمەيتىلگەن، كەچۈرۈم قىلىنغان مۇئەييەن مال شۇنىڭدەك ئىمپورت – ئېكسپورت قىلىپ تۇرۇلىدىغان، باجدىن خالىي قىلىپ تۇرۇلىدىغان ماللار ۋە چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان – چىقىرىلىدىغان باشقا ماللاردىن تاموژنا رەسمىيىتى ئۆتەلمىگەنلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

  باجدىن خالىي مال تاموژنىنىڭ تەستىقى بىلەن، باج تاپشۇرۇش رەسمىيىتىنى ئۆتىمەي، چېگرادىن كىرگۈزۈپ، چېگرا ئىچىدە ساقلانغان، پىششىقلانغان، قۇراشتۇرۇلغاندىن كېيىن چېگرادىن قايتا چىقىرىدىغان مالنى كۆرسىتىدۇ.

  تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان رايون تاموژنا بار پورت، ۋوگزال، گاراژ، ئايرودۇرۇم، دۆلەت چېگراسىدىكى ئۆتكەل، خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئىدارىسى (ئالماشتۇرۇش پونكىتى) ۋە تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كەسپى يولغا قويۇلغان باشقا سورۇنلار شۇنىڭدەك تاموژنا يوق بولسىمۇ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان – چىقىرىلىدىغان جاينى كۆرسىتىدۇ.

  101 – ماددا ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قاتارلىق مۇئەييەن رايون بىلەن چېگرا ئىچىدىكى باشقا رايونلار ئارا ماڭدۇرۇلىدىغان تىرانسپورت قوراللىرى، مال، بۇيۇملارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم چىقىرىدۇ.

  102 – ماددا بۇ قانۇن 1987 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى 1951 – يىل 4 – ئاينىڭ 18 – كۈن ئېلان قىلغان ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا ۋاقىتلىق قانۇنى›› بىكار قىلىنىدۇ.

  (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ