تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   نىزام

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز - ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى ›› قاتارلىق يەتتە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى (ئۈزۈندە )

 (2013-يىل 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6-يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    12– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6 – يىغىنىنىڭ قارارى:

    ................................

  5. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

  (1) 11 ماددىنىڭ 1 – تارمىقى: ‹‹ئىمپورت – ئېكسپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچىلار، ئەۋەتكۈچىلەر ۋە تاموژنىغا مەلۇم قىلغۇچى كارخانىلار تاموژنىغا مەلۇم قىلىش رەسمىيىتىنى ئۆتەشتە قانۇن بويىچە تاموژنىغا تىزىملىتىشى شەرت. تاموژنىغا قانۇن بويىچە تىزىملاتمىغان كارخانىلارنىڭ تاموژنىغا مەلۇم قىلىش كەسپىنى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.›› دەپ تۈزىتىلدى.

  (2) 20 ماددىنىڭ 1 – تارمىقى: ‹‹چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان كېمە – پاراخوت، ئاۋىياۋاسىتىلىرىدىن چېگرا ئىچىدە يولۇچى ۋە مال توشۇش ئىشلىرى بىلەن قوشۇمچە شۇغۇللىنىدىغانلىرى تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلىپىگە يېتىشى كېرەك.›› دەپ تۈزىتىلدى.

  (3) 26 ماددا: ‹‹تاموژنا مەلۇماتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش ھۆججىتىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىكار قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ، لېكىن تاموژنىنىڭ بەلگلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا.›› دەپ تۈزىتىلدى.

  (4)86 ماددىنىڭ (8) – تارماقچىسى: ‹‹(8) تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلىپىگە يەتكۈزمەي ياكى تاموژنىدا رەسمىيەت ئۆتىمەي تۇرۇپ، چېگرادىن كىرىدىغان – چىقىدىغان تىرانسپورت قوراللىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قوشۇمچە تىجارەتكە سالغان ياكى چېگرا ئىچى تىرانسپورتىغا سالغانلار؛›› دەپ تۈزىتىلدى.

  (5)88 ماددىدىكى ‹‹ۋە تاموژنىغا مەلۇم قىلىش كەسىپكارلىق سالاھىيىتى ئالمىغان››دېگەن سۆز چىقىرىۋېتىلدى.

  (6) 89 ماددا: ‹‹تاموژنىغا مەلۇم قىلغۇچى كارخانىلاردىن قانۇنسىز ھالدا باشقىلارنىڭ ئورنىدا تاموژنىغا مەلۇم قىلغان ياكى كەسىپ دائىرىسىدىن ھالقىپ تاموژنىغا مەلۇم قىلغانلىرىنى تاموژنا تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش رويخېتىدىن ئۆچۈرىدۇ.

  تاموژنىغا مەلۇم قىلغۇچىلاردىن قانۇنسىز ھالدا باشقىلارنىڭ ئورنىدا تاموژنىغا مەلۇم قىلغان ياكى كەسىپ دائىرىسىدىن ھالقىپ تاموژنىغا مەلۇم قىلغانلىرىنى تاموژنا تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، جەرىمانە قويىدۇ.›› دەپ تۈزىتىلدى.

  (7) 90 ماددا: ‹‹ئىمپورت – ئېكسپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى، ئەۋەتكۈچىلەر، تاموژنىغا مەلۇم قىلغۇچى كارخانىلاردىن تاموژنا خادىملىرىغا پارا بەرگەنلىرىنى تاموژنا تاموژنىغا مەلۇم قىلىش رويخېتىدىن ئۆچۈرىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ قايتىدىن رويخەتكە ئالدۇرۇپ تاموژنىغا مەلۇم قىلغۇچى كارخانا بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  تاموژنىغا مەلۇم قىلغۇچىلاردىن تاموژنا خادىملىرىغا پارا بەرگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.›› دەپ تۈزىتىلدى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ماددا، تارماقلارنىڭ تەرتىپى مۇناسىپ تەڭشەلدى.

  ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېلىقچىلىق قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاماكا مونوپول تىجارىتى قانۇنى›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ؛ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار 2014 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېلىقچىلىق قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاماكا مونوپول قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى›› مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن، قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ