(2013 – يىل 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 – يىغىنىدا ماقۇللاندى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
(8 – نومۇرلۇق)
‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى> قاتارلىق 12 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2013 – يىل 6 – ئاينىڭ 29– كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3– يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى. ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ
2013-يىل 6-ئاينىڭ 29-كۈنى
12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ قارارى :
.......
ئۈچىنچى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ تاموژنا قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى
28-ماددىنىڭ 2-تارمىقى: «تاموژنا ئالاھىدە ئەھۋالدا ئىمپورت-ئېكىسپورت ماللىرىنى پىرىيوم قىلمىسىمۇ بولىدۇ، كونكرېت چارىسىنى تاموژنا باش مەھكىمىسى چىقىرىدۇ» دەپ تۈزىتىلدى.
بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ تاموژنا قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئىمپورت-ئېكىسپورت تاۋارلىرى پىرىيوم قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ باج ئېلىش - باشقۇرۇش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ كۆمۈر قانۇنى». «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئاكسىيە قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئۇرۇقچىلىق قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش» مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.