تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   نىزام

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش نىزامى

(2011 – يىل 5 – ئاينىڭ 25 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

(36 – نومۇرلۇق)

  ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش نىزامى›› 2011 – يىل 5 – ئاينىڭ 25 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى. ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

2011 – يىل 5 – ئاينىڭ 25 – كۈنى

1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1 – ماددا بۇ نىزام تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، ئالاقىدار قانۇن – نىزامغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

  2 – ماددا بۇ نىزام شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇشقا تەتبىقلىنىدۇ.

  تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىدىكى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، مەدەنىي يادىكارلىق، داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇشتا ئالاقىدار قانۇن – نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش لازىم.

  3 – ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرى تىيانشان تېغى تۆمۈر چوققىسى، بوغدا چوققىسى، تىيانشان تېغى ئوتتۇرا تاغ تىزمىسىدىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئايرىلغان ھەم ئېلان قىلىنغان تەبىئىي مەنزىرە، ئېكولوگىيە سىستېمىسى، جانلىقلار ياشايدىغان جاي ۋە تەبىئىي مىراس دائىرىسىنى كۆرسىتىدۇ.

  4 – ماددا تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇشتا، ئىلمىي پىلانلاش، بىر تۇتاش باشقۇرۇش، قاتتىق قوغداش، ئۇزاققىچە پايدىلىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، تەبىئىي مىراس يېرىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە شۇ جايدىكى ئاھالىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش لازىم.

  5 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ، كونكرېت خىزمەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

  تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرى جايلاشقان جايدىكى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە بېكىتكەن تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراسلىرىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ كەسىپ جەھەتتىكى نازارىتى، يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ.

  تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرى جايلاشقان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى پىلانلاش، مۇھىت ئاسراش، ئورمانچىلىق، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، زېمىن بايلىقى، مەدەنىيەت، مەدەنىيەت يادىكارلىقى، ساياھەت تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

  6 – ماددا تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراسلىرىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى لازىم:

  (1) تەبىئىي مىراسنى قوغداشقا ئالاقىدار قانۇن – نىزام ۋە فاڭجېن – سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش؛

  (2) تەبىئىي مىراسنى قوغداشقا دائىر باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى تۈزۈش، تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىش؛

  (3) تەبىئىي مىراسنى قوغداش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، تىزىملاش، كۆزىتىش، باھالاش ۋە مەلۇم قىلىش؛

  (4) تەبىئىي مىراسنى قوغداشقا دائىر پەن تەتقىقات، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، تەربىيە پائالىيىتىنى تەشكىللەش؛

  (5) ھەرىكەتچان قوغداش، كۆزىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ۋاقتىدا توسۇش، بىر تەرەپ قىلىش.

  7 – ماددا تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش خىراجىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ، ئاپتونوم رايون مالىيەسى ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەيدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ.

  تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرى جايلاشقان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھە ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار ئىئانە قىلىش، ياردەم بېرىش قاتارلىق يوللار بىلەن تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش مەخسۇس مەبلىغى توپلاپ، تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراسلىرىنى قوغداش ئىشلىرىغا ئىشلەتسە بولىدۇ.

  8 – ماددا تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرى جايلاشقان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى، تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراسلىرىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىگە دائىر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تەشۋىق – تەربىيەنى كۈچەيتىپ، جامائەتنىڭ تەبىئىي مىراسنىڭ قىممىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشى، تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراسلىرىنى ئاڭلىق قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىشى لازىم.

  9 – ماددا تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس بايلىقى دۆلەت ياكى كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، ئۇنى ھەر قانداق نام ۋە ئۇسۇل بىلەن سېتىۋېتىش ياكى باشقىچە يول بىلەن سېتىۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

  ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراسلىرىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ، تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراسلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى توسۇش ۋە پاش قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراسلىرىنى قوغداشتا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ۋە قانۇنغا خىلاپ بۇزغۇنچىلىق قىلمىشىنى پاش قىلغانلىقى راست بولغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.

2 – باب مۇھاپىزەت رايونى ۋە مۇھاپىزەت يىرىك پىلانى

  10 – ماددا تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىنىڭ دائىرىسىنى تەبىئىي مىراسنىڭ قىممىتىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈش، ئۈنۈملۈك قوغداش ۋە تەبىئىي مىراسنى نامايان قىلىش پىرىنسىپى بويىچە بېكىتىش كېرەك.

  تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرى ئىچىدىكى تىپىك تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېما رايونى، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋان، ياۋا ئۆسۈملۈك تۈرى تەبىئىي ھالدا مەركەزلىك جايلاشقان رايون، چوڭ – چوڭ پەن – مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە گېئوتۈزۈلمە ۋە تاشقاتمىلار جايلاشقان رايون، مۇزلۇق قاتارلىق تەبىئىي خارابە ۋە تارىخىي خارابە رايونىنى ئېكولوگىيە مۇھاپىزەت رايونى، تەبىئىي مەنزىرە مۇھاپىزەت رايونى، تەبىئىي خارابە مۇھاپىزەت رايونى قاتارلىق فۇنكسىيەلىك رايونلارغا ئايرىش؛ فۇنكسىيەلىك رايون ئىچىدە قۇرۇلۇش قىلىش مەنئى قىلىنىدىغان رايون، قۇرۇلۇشقا چەك قويۇلىدىغان رايون ۋە كۆرگەزمە رايونىنى ئېنىق بېكىتىش لازىم.

  تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرى بىلەن چېگرالىنىدىغان مۇھىم مەنزىرە رايونلىرى، شۇنىڭدەك فۇنكسىيە جەھەتتە تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراسلىرى ۋە ئۇنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم بولغان رايونلاردا ئارىلىق رايون بېكىتىش لازىم.

  تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراسلىرىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات تەبىئىي مىراس يېرى ۋە ئارىلىق رايون ئەتراپىغا پاسىل قوزۇقى ۋە پاسىل تېشى ئورنىتىشى لازىم.

  11 – ماددا تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرى جايلاشقان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى تەبىئىي مىراس بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشى، تاللىشى، تۈرگە ئايرىشى، باھالىشى ھەم ئارخىپ تۇرغۇزۇشى لازىم.

  12 – ماددا تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش يىرىك پىلانى ئومۇمىي پىلان، رايون پىلانى ۋە تەپسىلىي پىلاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە تەستىقلاشتا تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش لازىم:

  (1) ئومۇمىي پىلان ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر – بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلىدۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ؛

  (2) رايون پىلانى ئوبلاست، شەھەر(ۋىلايەت)نىڭ شەھەر – بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلىدۇ، ئۇنى تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرى جايلاشقان جايدىكى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىدۇ؛

  (3) تەپسىلىي پىلاننى تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرى جايلاشقان جايدىكى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تۈزۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىدۇ.

  تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش يىرىك پىلانىنى شەھەر – يېزا يىرىك پىلانى، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش پىلانى، شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار مەخسۇس پىلان بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش لازىم. رايون پىلانىنى تۈزگەندە، تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىدىكى فۇنكسىيەلىك رايون، شۇنىڭدەك قۇرۇلۇش مەنئى قىلىنىدىغان رايون، قۇرۇلۇشقا چەك قويۇلىدىغان رايون، كۆرگەزمە رايونىنى بېكىتىپ، رايونلارنىڭ فۇنكسىيەلىك قۇرۇلمىسى ۋە ماكان جەھەتتىكى جايلىشىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.

  ئومۇمىي پىلاننى تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرى، دەپ كۆرسىتىلگەن كۈندىن باشلاپ ئىككى يىل ئىچىدە تۈزۈپ بولۇش لازىم، پىلان مەزگىلى بەش يىل بولىدۇ. رايون پىلانىنى تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرى تەستىقلانغان كۈندىن باشلاپ ئىككى يىل ئىچىدە تۈزۈپ بولۇش كېرەك، پىلان مەزگىلى ئومۇمىي پىلاننىڭ كۈچكە ئىگە مەزگىلى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

  13 – ماددا تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنى تەشكىللىگۈچى ئورگان خېرىدار چاقىرىش، لايىھە تاللاش قاتارلىق باراۋەر رىقابەتلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، مۇناسىپ ساپا دەرىجىسىگە ئىگە ئورۇننى يىرىك پىلان تۈزۈش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تاللىشى لازىم.

  تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار يىرىك پىلان لايىھە ئۆلچىمى، قائىدىسىنى ئىجرا قىلىپ، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئاممىدىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش ھەم تەستىقلاشقا يوللايدىغان ماتېرىيالغا پىكىرنى قوبۇل قىلىش ئەھۋالى ۋە ئاساسىنى قوشۇپ قويۇشى كېرەك.

  14 – ماددا تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش يىرىك پىلانى تەستىقلانغاندىن كېيىن، جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش ھەم ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ كۆرۈشىگە يول قويۇش لازىم.

  15 – ماددا تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرى ئىچىدە قۇرۇلۇش قىلىش، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشتا، تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش يىرىك پىلانىغا ئەمەل قىلىپ، يىرىك پىلان بويىچە باشقۇرۇشقا بويسۇنۇش لازىم.

  تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تەستىقلاتماي تۇرۇپ، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا يول قويۇلمايدۇ.

  16 – ماددا تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزگۈچى ئورگان ئالاقىدار تارماق ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى قەرەللىك باھالاشقا تەشكىللىشى ھەم شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە يىرىك پىلاننى تەستىقلىغان ئورگانغا باھالاش دوكلاتىنى سۇنۇشى لازىم.

  17 – ماددا تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش يىرىك پىلانى تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تۈزىتىشكە بولمايدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولسا، شەھەر – يېزا يىرىك پىلانىغا دائىر قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇق چېكى ۋە تەرتىپ بويىچە تۈزىتىش لازىم:

  (1) تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرى، ئارىلىق رايون، فۇنكسىيە رايونىنىڭ دائىرىسى تەڭشەلگەن بولسا؛

  (2) بىر دەرىجە يۇقىرى شەھەر – يېزا يىرىك پىلانى، يەر ئىشلىتىش ئومۇمىي پىلانى ياكى ئالاقىدار مەخسۇس پىلان تەڭشەلگەن بولسا؛

  (3) گوۋۇيۈەن، ئاپتونوم رايون چوڭ – چوڭ قۇرۇلۇش قىلىشنى تەستىقلىغان بولسا؛

  (4) باھالاش ئارقىلىق تەبىئىي مىراس بايلىقىنى قوغداش تەدبىرى، ئېچىپ پايدىلىنىشقا قويۇلغان چەكلەش شەرتى، شۇنىڭدەك ساياھەتچىلەر سىغىمى قاتارلىق مەزمۇنلارنى تەڭشەشكە توغرا كەلسە؛

  (5) قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

3 – باب قوغداش، پايدىلىنىش ۋە باشقۇرۇش

  18 – ماددا تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرى ئىچىدە تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ:

  (1) تاغ ئېچىش، تاش كولاش، كان ئېچىش، ئورمان كېسىش، ئوۋ ئوۋلاش، بوز يەر ئېچىش، قەبرە ياساش قاتارلىق مەنزىرە، يېپىنچا ئۆسۈملۈك ۋە يەر شەكلى، يەر قىياپىتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، تاغ – دەريالارنىڭ تەبىئىي ھالىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىش ۋە ئۇنىڭغا تەسىر يەتكۈزۈش؛

  (2) تەبىئىي مىراس بايلىقىنىڭ بېجىرىملىقى، چىنلىقىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش ياكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ كۆچۈشى، ياشىشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان قۇرۇلۇشلارنى قىلىش، سەيلىگاھ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش؛

  (3) سىرتتىن كىرگۈزۈلگەن جانلىقلار ۋە ئۇنىڭ ياسالمىلىرىنى ئېلىپ يۈرۈش، ياۋايى ھايۋانلارنى كۆندۈرۈش، ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى كۆپەيتىش قاتارلىق تەبىئىي ئېكولوگىيەگە يامان تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان ھەرىكەتلەر؛

  (4) قانۇن – نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا ھەرىكەتلەر.

  19 – ماددا تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىدىكى قۇرۇلۇش مەنئى قىلىنغان رايون ئىچىدە تەتقىقات، كۆزىتىش ۋە بىخەتەرلىك مۇداپىئە ئۈچۈن زۆرۈر ئەسلىھەلەرنى ئورناتقاندىن باشقا، ھەر قانداق قۇرۇلۇشنى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

  تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىنىڭ قۇرۇلۇشقا چەك قويۇلغان رايونى ئىچىدە تەبىئىي مىراسنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلەرنى ئورنىتىشقا بولىدۇ.

  تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرى كۆرگەزمە رايونى ئىچىدە، سەيلە – ساياھەت قىلىش، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ئالاقىدار جامائەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەسى ۋە باشقۇرۇش ئەسلىھەسىنى ئورنىتىشقا بولىدۇ.

  ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە، قۇرۇلۇش قىلماقچى بولغاندا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ۋە قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن ئېكولوگىيەنى قوغداش لايىھەسى تۈزۈپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئەتراپ مەنزىرىسى، سۇ، ئورمان، ئوت – چۆپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈك، ياۋايى ھايۋان بايلىقى ۋە يەر شەكلى، يەر قىياپىتىنى ياخشى قوغدىشى ھەم تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراسلىرىنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلىتىشى لازىم؛ تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىنىڭ تەپسىلىي پىلانىدا قۇرۇلۇش ئورنى، جايلاشتۇرۇلۇشى ۋە كۆلىمى ئېنىق بېكىتىلگەن بولسا، قۇرۇلۇش ئورنىنى تاللاش پىكىرنامىسىنى قايتا ئىلتىماس قىلمىسىمۇ بولىدۇ.

  20 – ماددا تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرى ئىچىدە سەيلە – ساياھەت قىلىش، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قىلىشتا، تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراسلىرىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىش لازىم.

  تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرى ئىچىدە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، تالا ئېلانى ئورنىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قىلىشتا، تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراسلىرىنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش لازىم. چوڭ تىپتىكى ئويۇن قويۇش، كىنو – تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى سۈرەتكە ئېلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قىلىشتا، پائالىيەت پىلانى ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش لايىھەسىنى تاپشۇرۇش ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش لازىم. ئېكولوگىيەنى قوغداش لايىھەسى ئىشلىتىش شەرتى، دائىرىسى، مۆھلىتى، قوغداش ئىشلىرى، ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەجبۇرىيىتى، پۈتۈمنى ئادا قىلىش كاپالىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

  21 – ماددا تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرى ئارىلىق رايونى ئىچىدە، ئېچىش، قۇرۇلۇش قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قىلىشتا، تەبىئىي مىراس قىممىتىنىڭ كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن يامان تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  22 – ماددا تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىدە، تەبىئىي مىراس يېرىدىكى ئاھالىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجىغا تەڭ ئېتىبار بېرىش لازىم. تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراسلىرىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات شۇ جايدىكى ئاھالىنىڭ تەبىئىي مىراسلارنى قوغداشقا پايدىلىق بولغان ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى، ياردەم بېرىشى، شۇ جايدىكى ئاھالىنى تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش، ئاسراش قاتارلىق خىزمەتلەرگە ئاۋۋال قوبۇل قىلىشى كېرەك.

  تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش يىرىك پىلانى بويىچە، شۇ جايدىكى ئاھالىنى كۆچۈرۈش زۆرۈر بولسا، ئالاقىدار ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە كۆچۈرۈش، تولۇقلىما بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، كۆچۈرۈلگەن ئاھالىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم.

  23 – ماددا تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىدە يول، سەيلە – ساياھەت ئەسلىھەسى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت ئۇسۇلى بىلەن تاللاشقا بولىدۇ. مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت ئۇسۇلى بىلەن تاللاشتا، تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرى جايلاشقان جايدىكى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى كېرەك. قاتناش، يېمەك – ئىچمەك، ياتاق، خاتىرە بۇيۇملىرىنى سېتىش، مىللىي ئۆرپ – ئادەت كۆرگەزمىسى، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلارغا تىجارەتچى تاللاشتا، تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراسلىرىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات قوغداش يىرىك پىلانى بويىچە، ئادىل رىقابەتلىشىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ؛ ئوخشاش شەرت ئاستىدا، تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىدىكى كوللېكتىپ تەشكىلاتلار، شۇ جايدىكى ئاھالە ئالدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ئىگەبولىدۇ.

  24 – ماددا تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراسلىرىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات رايون يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، سەيلە مەزگىلىنى، سەيلىگاھنىڭ ساياھەتچى قوبۇل قىلىش مىقدارىنى بېكىتىشى، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش رايونى ۋە خەتەرلىك بۆلەكلەردە ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئورنىتىشى، ئالاقىدار ئۈسكۈنە ۋە ئەسلىھەلەرنى سەپلىشى، فۇنىكۇليور، كابېل يولى، سەيلە ئاپتوموبىلى، كېمە – پاراخوتى قاتارلىق ساياھەت قاتناش ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشى لازىم.

  25 – ماددا تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىدىكى ئىپتىدائىي ئېكولوگىيە سىستېمىسى، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئالاھىدە جانلىقلار ياشايدىغان جاي، تەبىئىي خارابە ئېكولوگىيەسى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتقان ياكى خەۋپكە ئۇچرىغاندا، ئارىلىشىش تەدبىرىنى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراسلىرىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات ئاپتونوم رايوننىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا مەلۇم قىلىپ، مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، خىزمەت لايىھەسى تۈزگەندىن كېيىن يولغا قويۇشى كېرەك.

  تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراسلىرى تاسادىپىي تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىغاندا، تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراسلىرىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات دەرھال جىددىي تەدبىر قوللىنىشى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى لازىم.

4 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

  26 – ماددا تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىگە ئالاقىدار مەمۇرىي ئورگانلاردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ:

  (1) تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە تەشكىللىمىگەن ياكى ئۇنى تۈزۈش، تەستىقلاش، تۈزىتىش، ئېلان قىلىشتا، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە ئەمەل قىلمىغانلار؛

  (2) تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنى مۇناسىپ ساپا دەرىجىسى ھازىرلىمىغان ئورۇنغا ھاۋالە قىلغانلار؛

  (3) تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش يىرىك پىلانى تەستىقلىنىشتىن بۇرۇن، تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرى ئىچىدە قۇرۇلۇش قىلىش، سەيلىگاھ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتى قىلىشنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تەستىقلىغانلار؛

  (4) تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراسلىرى بايلىقىنى سېتىۋەتكەن ياكى باشقىچە يول بىلەن سېتىۋەتكەنلەر.

  27 – ماددا تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراسلىرىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە چارە كۆرىدۇ:

  (1) تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار؛

  (2) تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرىنى قوغداش يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قۇرۇلۇشلارنى ۋە باشقا پائالىيەتلەرنى تەستىقلىغانلار؛

  (3) تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس بايلىقىغا ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت ھوقۇقى بېرىش خىزمىتىدە ساختىپەزلىك، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلار؛

  (4) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى بايقاپ تۇرۇپ ۋاقتىدا قانۇن بويىچە توسمىغان، بىر تەرەپ قىلمىغانلار.

  28 – ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراسلىرىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىشقا، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياكى سۈرۈك ئىچىدە چېقىۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا، 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ:

  (1) تاغ قېزىپ، تاش كولاپ، كان ئېچىپ، مەنزىرە رايون، يېپىنچا ئۆسۈملۈك ۋە يەر شەكلى، يەر قىياپىتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان، تاغ – دەريالارنىڭ تەبىئىي ھالىتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ۋە ئۇنىڭغا تەسىر يەتكۈزگەنلەر؛

  (2) تەبىئىي مىراس بايلىقىنىڭ بېجىرىملىكى، چىنلىقىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان ياكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ كۆچۈشى، ياشىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان قۇرۇلۇشلارنى قىلغان، سەيلىگاھ ئاچقان، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتى قىلغانلار؛

  (3) سىرتتىن كىرگۈزۈلگەن جانلىقلار ۋە ئۇنىڭ ياسالمىلىرىنى ئېلىپ يۈرگەن، ياۋايى ھايۋانلارنى كۆندۈرۈش، ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى كۆپەيتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەردە بولۇپ، تەبىئىي ئېكولوگىيەگە يامان تەسىر كۆرسەتكەنلەر؛

  (4) تەتقىقات، كۆزىتىش ۋە بىخەتەرلىك مۇداپىئە ئۈچۈن زۆرۈر ئەسلىھەلەرنى ئورناتقاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، قۇرۇلۇش قىلىش مەنئى قىلىنغان رايوندا قۇرۇلۇش قىلغانلار.

  29 – ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرى ئىچىدە دەرەخ كېسىش، ئوۋ ئوۋلاش، بوزيەر ئېچىش، قەبرە ياساش قاتارلىق مەنزىرە، يېپىنچا ئۆسۈملۈك ۋە يەر شەكلى، يەر قىياپىتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان، تاغ – دەريالارنىڭ تەبىئىي ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۇنىڭغا تەسىر يەتكۈزۈشتەك ھەرىكەتلەردە بولغانلارنى تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراسلىرىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى ۋە قانۇنسىز مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

  30 – ماددا قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلاردىن قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەتراپ مەنزىرىسى، سۇ، ئورمان، ئوت – چۆپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈك، ياۋايى ھايۋانات بايلىقى ۋە يەر شەكلى، يەر قىياپىتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلىرىنى تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراسلىرىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

  31 – ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراسلىرىنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراس يېرى ئىچىدە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىلمىي تەتقىقاتنى قانات يايدۇرغان، تالا ئېلانى ئورناتقان ياكى ئاپتونوم رايوننىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، چوڭ تىپتىكى ئويۇن قويۇش، كىنو – تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى سۈرەتكە ئېلىشتەك پائالىيەتلەرنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قىلغانلارنى تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراسلىرىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

  32 – ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلاردىن ئالاقىدار تارماق جازالىغانلىرىنى تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراسلىرىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات يەنە جازالىسا بولمايدۇ.

  تىيانشان تېغى تەبىئىيمىراس يېرى جايلاشقان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى ئالاقىدار مەمۇرىي جازا بېرىشنى تىيانشان تېغى تەبىئىي مىراسلىرىنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتقا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

  33 – ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان باشقا قىلمىشلارغا ئالاقىدار قانۇن – نىزامدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

5 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  34 – ماددا بۇ نىزام ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ