تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› غايە، ئېتىقادنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم ئەمەلىيەت

ۋاڭ كەيمۇ

 ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش مەسىلىسىنى چوقۇم ياخشى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت. پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش شوئار بولماستىن، بەلكى مۇستەھكەم سىياسىي ئېتىقاد، شۇنداقلا پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيەگە، ئاممىغا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش جەريانى. بۇ ئىتىقادنىڭ ماھىيىتى كوممۇنىزم غايىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت.

‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىدە غايە، ئېتىقادنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك

 پارتىيەلىك كادىرلار ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىدە، پارتىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش پىرىنسىپى ۋە پارتىيە قۇرۇش مەقسىتىگە بولغان تونۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنى ئۆگىنىش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى؛ غايە، ئېتىقادتىكى تەۋرىنىشنىڭ ئەڭ خەتەرلىك تەۋرىنىش ئىكەنلىكى، غايە، ئېتىقادى مۇستەھكەم بولمىغاندا، ‹‹سىياسىي جەھەتتە سۈپەت ئۆزگىرىش، ئىقتىسادىي جەھەتتە نەپسانىيەتچىلىك قىلىش، ئەخلاق جەھەتتە چۈشكۈنلىشىش، تۇرمۇشتا چىرىكلىشىش›› كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىشى كېرەك.

 كوممۇنىستلار جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمى، مەدەنىيىتىگە ئىشىنىشى كېرەك، بۇ ‹‹تۆت ئىشەنچ›› بولغاندىلا، كوممۇنىزم غايىسى، ئېتىقادىغا بولغان قەتئىيلىك مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە بولىدۇ، بۇ پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنىڭ تونۇش ئاساسى، ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان ئاساسلىق مەسىلە.

 ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىدە، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى تىرىشىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك

 باش شۇجى شى جىنپىڭ: خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى دەل بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز، پۇقرالارنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش بىزنىڭ بارلىق خىزمىتىمىزنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى مەقسىتى، دەپ تەكىتلىدى. شۇڭا ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئوبدان ئىشقا ئاشۇرۇش، ئوبدان قوغداش، ئوبدان راۋاجلاندۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ سىياسىي تۈرتكىسى، سىياسىي مەيدانى، پارتىيە قۇرۇشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى.

جەمئىيەتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى جەريانىدا، بەزى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاساسىي مەقسەت ئېڭى سۇسلىشىپ، ئاممىنىڭ دەرد – ھالى بىلەن كارى بولمايدىغان، ئاممىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى. بەزى پارتىيەلىك كادىرلار شەخسىي غەرىزىنى پارتىيە مەنپەئىتىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، شەخسىي مەنپەئىتى ئۈچۈن كوللېكتىپ مەنپەئىتىگە، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزدى؛ پارتىيەلىك ئايرىم رەھبىرىي كادىرلار چىرىكلىشىپ، چۈشكۈنلىشىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، ئامما بىلەن قارشىلىشىدىغان، پارتىيەگە، خەلققە ئاسىيلىق قىلىدىغان يولغا ماڭدى. شۇڭا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتى ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى تىرىشپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە يولغا قويۇپ، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاش كېرەك.

‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتى خىزمەت ئىستىلىنى تولۇق ئۆزگەرتتى

ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ئالاھىدە مەزگىل ۋە مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى نىسبەتەن كەسكىن بولغان ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتىدۇ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن. ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىق ناھايىتى زور، تولۇقلاشقا تېگىشلىك كەمتۈكلۈكلەر ناھايىتى كۆپ. ئەگەر پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردا خەۋپ ئېڭى بولمىسا، مەسئۇلىيەتنى زېممىسىگە ئېلىش ئېڭى كەمچىل بولسا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. شۇجى چېن چۈەنگو: ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئىستىلدا ئەمەلىي بولماسلىق بىزنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىمىز، دەپ تەكىتلىدى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلارغا بېرىلگەن كۈچلۈك سىگىنال، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيەلىك كادىرلار جەزمەن يۈكسەك ھوشيار بولۇشى، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشى كېرەك.

مەملىكەت خەلقى بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتى. شۇڭا پاسسىپلىق، بىپەرۋالىق قىلىش كەيپىياتىنى، قىيىن ئىش، جاپالىق ئىش، تەس ئىشتىن ۋايساش خاھىشىنى تۈگىتىپ، ‹‹كۈتۈپ تۇرۇش، يۆلىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش›› ئىدىيەسىدىن قۇتۇلۇپ، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھى بىلەن خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىدە سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ۋەزىپىلەرنى دادىل، ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، جاپاغا چىداپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن، گۈزەل تۇرمۇشتىن بەھرىمەن قىلىپ، نامرات ئاھالىنى ئۈزلۈكسىز ئازايتىپ، ھەتتا تولۇق تۈگىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا تارىختىكى ئەڭ ياخشى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى ماكانىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش كېرەك.

‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش، ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلققە تېخىمۇ كۆپرەك ياخشى، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت، بۇ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاساسى ۋە مۇھىم ھالقىسى. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاممىنىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەممىدىن بەك كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك كىشىلەر توپىغا تېخىمۇ ياخشى كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىشنى ئارقا – ئارقىدىن، يىلمۇيىل ياخشى قىلىپ، بوشاشماي ئالغا بېسىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ