تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   نىزام

ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ زەھەر دېلولىرىنى سوت قىلىشتا جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەش ئۆلچىمىگە مۇناسىۋەتلىك مەسلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى

(2000 – يىل 4 – ئاينىڭ 20 – كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ 1110 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2000 – يىل 6 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلدى، 2000 – يىل 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ)

زەھەر جىنايەتچىلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش ئۈچۈن، جىنايى ئىشلار قانۇنى خاس پرىنسىپىنىڭ 6 – باب 7 – پاراگرافىدىكى بەلگىلمىگە بىنائەن، زەھەر دېلولىرىنى سوت قىلىشتا جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەش ئۆلچىمىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە تۆۋەندىكىچە ئىزاھات بېرىلدى:

1 – ماددا تۆۋەندىكى زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇنى ئېلىپ ساتقان، توشۇغان، ياسىغان، ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرغانلارنى جىنايى ئىشلار قانۇنى 347 – ماددىسىنىڭ ئىككىنچى تارماق (1) تارماقچىسىدا، 348 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «باشقا زەھىرىنىڭ مىقدارى كۆپ بولغانلار» دەپ بېكىتىش لازىم:

(1) ئامفېتامىن تۈرىدىكى زەھىرى (مېتىلامفېتامىننى ھېسابقا ئالمىغاندا) 100 گرامدىن كۆپ بولغانلار؛

(2) كەندىر يېغى 5000 گرامدىن، كەندىر يېغى قېتىشمىسى 10 مىڭ گرامدىن، كەندىر يوپۇرمىقى ۋە نەشىسى 150 مىڭ گرامدىن كۆپ بولغانلار؛

(3) كوكائىن 50 گرامدىن كۆپ بولغانلار؛

(4) مورفىن 100 گرامدىن كۆپ بولغانلار؛

(5) دولانتىن 250 گرامدىن كۆپ بولغانلار (mg100 لىق ئوكۇل دورىسى 2500 تالدىن كۆپ،mg 50 لىق ئوكۇل دورىسى 5000 تالدىن كۆپ بولغانلار؛ 25mg لىق تابلېت دورىسى 10 مىڭ تالدىن كۆپ، mg50 لىق تابلېت دورىسى 5000 تالدىن كۆپ بولغانلار)؛

(6) دىھىدرو ئېتورفىن ھىدروخلورىدى 10 مىللىگرامدىن كۆپ بولغانلار

(20ug لىق ئوكۇل دورىسى ياكى تابلېت دورىسى 500 تالدىن كۆپ بولغانلار)؛

(7) كاففېنى 200 مىڭ گرامدىن كۆپ بولغانلار؛

(8) كۆكنار غوزىكى 200 مىڭ گرامدىن كۆپ بولغانلار؛

(9) يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن زەھەردىن باشقا زەھىرىنىڭ مىقدارى كۆپ بولغانلار.

2 – ماددا تۆۋەندىكى زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇنى ئېلىپ ساتقان، توشۇغان، ياسىغان، ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرغانلارنى جىنايى ئىشلار قانۇنى 347 – ماددىسىنىڭ 3 – تارمىقىدا، 348 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «باشقا زەھىرىنىڭ مىقدارى كۆپ بولغانلار» دەپ بېكىتىش لازىم:

(1) ئامېتامىن تۈرىدىكى زەھىرى (مېتىلامفېتامىننى ھېسابقا ئالمىغاندا) 20 گرامدىن كۆپ، 100 گرامدىن ئاز بولغانلار؛

(2) كەندىر يېغى 1000 گرامدىن كۆپ، 5000 گرامدىن ئاز بولغانلار، كەندىر يېغى قېتىشمىسى 2000 گرامدىن كۆپ، 10 مىڭ گرامدىن ئاز بولغانلار، كەندىر يوپۇرمىقى ۋە نەشىسى 30 مىڭ گرامدىن كۆپ، 150 مىڭ گرامدىن ئاز بولغانلار؛

(3) كوكائىن 10 گرامدىن كۆپ، 100 گرامدىن ئاز بولغانلار؛

(4) مورفىن 20 گرامدىن كۆپ، 100 گرامدىن ئاز بولغانلار؛

(5) دولانتىن 50 گرامدىن كۆپ، 250 گرامدىن ئاز بولغانلار (100mg لىق ئوكۇل دورىسى 500 تالدىن كۆپ، 2500 تالدىن ئاز بولغانلار، 50mg لىق ئوكۇل دورىسى 1000 تالدىن كۆپ، 5000 تالدىن ئاز بولغانلار، 250mg لىق تابلېت دورىسى 2000 تالدىن كۆپ، 10 مىڭ تالدىن ئاز بولغانلار؛ 50mg لىق تابلېت دورىسى 1000 تالدىن كۆپ، 5000 تالدىن ئاز بولغانلار)؛

(6) دىھىدرو ئېتورفىن ھىدروخلورىد 2 مىللىگرامدىن كۆپ، 10 مىللىگرامدىن ئاز بولغانلار (20mg لىق ئوكۇل دورىسى ياكى تابلېت دورىسى 100 تالدىن كۆپ، 500 تالدىن ئاز بولغانلار)؛

(7) كاففېنى 50 مىڭ گرامدىن كۆپ، 200 مىڭ گرامدىن ئاز بولغانلار؛

(8) كۆكنار غوزىكى 50 مىڭ گرامدىن كۆپ، 200 مىڭ گرامدىن ئاز بولغانلار؛

(9) يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن زەھەردىن باشقا زەھىرىنىڭ مىقدارى كۆپ بولغانلار.

3 –ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، جىنايى ئىشلار قانۇنى 347 – ماددىسىنىڭ 4 – تارمىقىدا بەلگىلەنگەن «قىلمىشى ئېغىر» دەپ بېكىتىلسە بولىدۇ:

(1) ئەپيۇن ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇنى ئېلىپ ساتقان، توشۇغان، ياسىغان ئەپيۇنى 140 گرامدىن كۆپ، 200 گرامدىن ئاز، خروئىنى ياكى مېتىلامفېتامىنى يەتتە گرامدىن كۆپ، ئون گرامدىن ئاز بولسا ياكى باشقا مىقدارى زەھەرنىڭكىگە باراۋەر بولسا؛

(2) دۆلەت خادىملىرى زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇنى ياسىغان، توشۇغان، ئېلىپ ساتقان بولسا؛

(3) زەھەر تاشلىتىلىدىغانلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدا زەھەر ئېلىپ ساتقان بولسا؛

(4) زەھەرنى كۆپ ئادەمگە ياكى كۆپ قېتىم ئېلىپ ساتقان بولسا؛

(5) باشقا ئېغىر قىلمىشى بولسا.

4 – ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنسىز توشۇپ، ئېلىپ مېڭىپ چېگرىدىن كىرگۈزگەن – چىقارغان ياكى چېگرا ئىچىدە قانۇنسىز ئېلىپ ساتقان ئاتسېتىك ئانگىدرىد ، ئېفىر، خلوروفورم ياكى زەھەر ياسايدىغان باشقا خام ئەشيا ياكى ياسالمىسى تۆۋەندىكى مىقدار ئۆلچىمىگە يەتكەن بولسا، جىنايى ئىشلار قانۇنى 350 – ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ:

(1) ئېفىدرىن، ساختا ئېفىدرىن ياكى ئۇنىڭ تۈرى ۋە ئاددىي رېتسىپ ياسالمىسى 5000 گرامدىن كۆپ، 50 مىڭ گرامدىن ئاز بولسا؛ چاكاندا مەلھىمى، چاكاندا پاراشوكى 100 مىڭ گرامدىن كۆپ، 1 مىليون گرامدىن ئاز بولسا؛

(2) ئاتسېتىك ئانگىدرىد، خلوروفورمى 200 مىڭ گرامدىن كۆپ، 2 مىليون گرامدىن ئاز بولسا؛

(3) ئېفىر 400 مىڭ گرامدىن كۆپ، 3 مىليون گرامدىن ئاز بولسا؛

(4) يۇقىرىقى خام ئەشيا ياكى ياسالمىدىن سىرت، زەھەر ياسايدىغان باراۋەر مىقداردىكى باشقا خام ئەشيا ياكى ياسالما بولسا.

دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنسىز توشۇپ، ئېلىپ مېڭىپ چېگرىدىن كىرگۈزگەن – چىقارغان ياكى چېگرا ئىچىدە ئېلىپ ساتقان زەھەر ياسايدىغان خام ئەشيا ياكى ياسالمىسى ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن مىقدار ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەنلەرنى، جىنايى ئىشلار قانۇنى 350 – ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىدا بەلگىلەنگەن «مىقدارى كۆپ بولغانلار» دەپ بېكىتىش لازىم.

5 – ماددا قانۇنسىز تېرىغان كەندىرى 5000 تۈپتىن كۆپ، 30 مىڭ تۈپتىن ئاز بولغانلارنى جىنايى ئىشلار قانۇنى 351 – ماددىسىنىڭ 1 – تارماق (1) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن قانۇنسىز تېرىغان كەندىرىنىڭ «مىقدارى كۆپ بولغانلار» دەپ بېكىتىش كېرەك؛ قانۇنسىز تېرىغان كەندىرى 30 مىڭ تۈپتىن كۆپ بولغانلارنى جىنايى ئىشلار قانۇنى 351 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدا بەلگىلەنگەن قانۇنسىز تېرىغان كەندىرىنىڭ «مىقدارى كۆپ بولغانلار» دەپ بېكىتىش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ