تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى

 (1987 – يىل 9 – ئاينىڭ 5 – كۈنى 6 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1995 – يىل 8 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 8 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 15 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن، 2000 – يىل 4 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15 – يىغىنىدا 1 – قېتىم ئۆزگەرتىلگەن، 2015 – يىل 8 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 – يىغىنىدا 2 – قېتىم ئۆزگەرتىلدى)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

31 – نومۇرلۇق

  ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى›› 2015 – يىل 8 – ئاينىڭ 29 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى، ھازىر ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى›› ئېلان قىلىندى، 2016 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

2015 – يىل 8 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 

مۇندەرىجە

1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2 – باب ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۆلچىمى ۋە بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش يىرىك پىلانى

3 – باب ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

4 – باب ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرى

1 – پاراگراف كۆمۈر قالاشتىن بولغان ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

2 – پاراگراف سانائەت بۇلغىمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

3 – پاراگراف موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى، كېمە – پاراخوت قاتارلىقلارنىڭ بۇلغىمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

4 – پاراگراف چاڭ – توزاندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

5 – پاراگراف يېزا ئىگىلىك بۇلغىمىسى ۋە باشقا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

5 – باب نۇقتىلىق رايونلار ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

6 – باب ئېغىر بۇلغانغان ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇش

7 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

8 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1 – ماددا بۇ قانۇن مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، جامائەت ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2 – ماددا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە، ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ياخشىلاشنى نىشان قىلىپ، مەنبەدىن تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇش، ئاۋۋال پىلانلاش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە جايلىشىشىنى ياخشىلاش، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش كېرەك.

ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە كۆمۈر، سانائەت، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى، كېمە – پاراخوت، چاڭ – توزان، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىقلارنىڭ ئاتموسفېرانى بۇلغىشىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، رايون ئاتموسفېراسى بۇلغىنىشىنىڭ بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، دانچە، گۈڭگۈرت، ئاممىياك ئوكسىد، ئۇچۇشچان ئورگانىك ماددا، ئاممىياك قاتارلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىلىرى ۋە پارنىك گازىنى ھەمكارلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك.

3 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مالىيە سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشى كېرەك.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنىڭ سۈپىتىگە مەسئۇل بولۇپ، يىرىك پىلان تۈزۈپ، تەدبىر قوللىنىپ، ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقىرىشنى تىزگىنلەپ ياكى پەيدىنپەي ئازايتىپ، ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشى ھەمدە تەدرىجىي ياخشىلىشى كېرەك.

4 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاش نىشانى، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئەھۋالىنى باھالايدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى باھالاش چارىسى چىقىرىپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى جايلارنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشنى، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئەھۋالىنى باھالايدۇ. باھالاش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش كېرەك.

5 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارماقلىرى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

6 – ماددا دۆلەت ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش پەن – تېخنىكا تەتقىقاتىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەھلىل قىلىدۇ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ماس كېلىدىغان ئىلغار تېخنىكا ۋە جابدۇقلارنى كېڭەيتىدۇ، پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، پەن – تېخنىكىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

7 – ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەتچىلەر ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى ئازايتىشى، پەيدا قىلغان زىيان ئۈچۈن جاۋابكارلىقنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

پۇقرالار ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ئاسراش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن كاربونلۇق، تېجەشلىك تۇرمۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ئاسراش مەجبۇرىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىشى كېرەك.

2 – باب ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۆلچىمى ۋە بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش يىرىك پىلانى

8 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمىنى بېكىتىشتە جامائەت ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى مەقسەت قىلىپ، ئۇنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلاشتۇرۇپ، ئىلمىي ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق قىلىشى كېرەك.

9 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنى بېكىتىشتە، ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمىنى ۋە دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، تېخنىكا شارائىتىنى ئاساس قىلىشى كېرەك.

10 – ماددا ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمىنى ۋە ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنى بېكىتىشتە مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ تەكشۈرۈش ۋە دەلىللەش ھەمدە ئالاقىدار تارماقلار، ساھە جەمئىيەتلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىن ۋە جامائەتتىن پىكىر ئېلىش كېرەك.

11 – ماددا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارماقلىرى ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمىنى ۋە ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنى جامائەتنىڭ ھەقسىز كۆرۈشى ۋە چۈشۈرۈۋېلىشى ئۈچۈن ئۆز تور بېكىتىدە ئېلان قىلىشى كېرەك.

12 – ماددا ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمى ۋە ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنىڭ ئىجراسىنى قەرەللىك باھالاپ، ئۆلچەم باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، ۋاقتى ۋاقتىدا تۈزىتىپ تۇرۇش كېرەك.

13 – ماددا يېقىلغۇ كۆمۈر، نېفىت كوكسى، بىيو يېقىلغۇ ماتېرىيال، سۇۋالغۇ قاتارلىق ئۇچۇشچان ئورگانىك مەھسۇلاتلار، ساليۇت، پوجاڭزا، شۇنىڭدەك پار قازىنى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى بېكىتىشتە ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ئاسراش تەلىپىنى ئېنىق قويۇش كېرەك.

يېقىلغۇ ماي سۈپەت ئۆلچىمى دۆلەتنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىمىسىنى تىزگىنلەش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە ئۇنى دۆلەتنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى، كېمە – پاراخوت، يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىلارنىڭ ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقىرىش جەھەتتىكى دۆلەت ئۆلچىمى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، ماس قەدەمدە يولغا قويۇش كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنا دېگىنىمىز، موتور سەپلەنگەن كۆچمە ماشىنا ۋە ئىشلىتىلىدىغان سانائەت ئۈسكۈنىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

14 – ماددا دۆلەتنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمىگە يەتمىگەن شەھەرلەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش يىرىك پىلانىنى ۋاقتىدا تۈزۈشى، تەدبىر قوللىنىپ، گوۋۇيۈەن ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن مۆھلەتتە مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈشى كېرەك.

شەھەرنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە ئالاقىدار ساھە جەمئىيەتلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، مۇتەخەسسىسلەردىن ۋە جامائەتتىن پىكىر ئېلىش كېرەك.

15 – ماددا شەھەرنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش يىرىك پىلانىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش كېرەك. بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە رايون بار شەھەرلەرنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش يىرىك پىلانىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

16 – ماددا شەھەرلەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت ئاسراش نىشانىنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالىنى ھەر يىلى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا دوكلات قىلغاندا، ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش يىرىك پىلانىنىڭ ئىجراسىنى دوكلات قىلىشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك.

17 – ماددا شەھەرنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش يىرىك پىلانىنى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەلىپى ۋە ئىقتىساد، تېخنىكا شارائىتىغا قاراپ، ۋاقتى – ۋاقتىدا باھالاپ تۇرۇش ۋە تۈزىتىش كېرەك.

3 – باب ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

18 – ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلاردىن ئاتموسفېرا مۇھىتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان قۇرۇلۇشلارنى قىلىدىغانلىرى مۇھىت تەسىرىنى قانۇن بويىچە باھالىتىشى، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى ئاشكارىلىشى؛ ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقىرىدىغانلىرى ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن ئىش قىلىشى، ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى نۇقتىلىق كونترول قىلىش تەلىپىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

19 – ماددا سانائەت كېرەكسىز گازى چىقىرىدىغان ياكى مۇشۇ قانۇننىڭ 78 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مۇندەرىجىدە كۆرسىتىلگەن زەھەرلىك، زىيانلىق بۇلغىمىنى ئاتموسفېراغا چىقىرىدىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، مەركەزلەشتۈرۈپ پار بېرىش ئەسلىھەسىگە كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئورۇنلىرى، شۇنىڭدەك قانۇنغا بىنائەن بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان باشقا ئورۇنلار بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشى كېرەك. بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتىنىڭ كونكرېت چارىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش قەدەم – باسقۇچىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

20 – ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچىلاردىن ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقىرىدىغانلىرى قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ۋە گوۋۇيۈەن مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزى قويۇشى كېرەك.

ئوغرىلىقچە چىقىرىش، كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىنى ئۆزگەرتىۋېلىش ياكى ئويدۇرۇش، نەق مەيداننى تەكشۈرۈشتىن قېچىش مەقسىتىدە ئىشلەپچىقىرىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش، شۇنىڭدەك نورمال ئەھۋالدا جىددىي چىقىرىش ئېغىزىنى ئېچىۋېتىش، ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەسىنى نورمال ئىشلەتمەسلىكتەك باشقۇرۇشتىن قېچىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقىرىش مەنئى قىلىنىدۇ.

21 – ماددا دۆلەت نۇقتىلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەيدۇ.

نۇقتىلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش نىشانىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىساد ئۇنىۋېرسال مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ ھەمدە يولغا قويىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى گوۋۇيۈەن چۈشۈرگەن ئومۇمىي مىقدارنى تىزگىنلەش نىشانى بويىچە شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ نۇقتىلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلىشى ياكى ئازايتىشى كېرەك.

ئومۇمىي مىقدارنى تىزگىنلەش نىشانىنى بېكىتىش ۋە ئومۇمىي مىقدارنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىنى بۆلۈش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا قاراپ، دۆلەت بەلگىلىگەن نۇقتىلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىلىرىدىن باشقا ئاتموسفېرا بۇلغىمىلىرىنى چىقىرىشتا ئومۇمىي مىقدارنى تىزگىنلىسە بولىدۇ.

دۆلەت نۇقتىلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىش ھوقۇقى سودىسىنى پەيدىنپەي يولغا قويىدۇ.

22 – ماددا دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن ياكى دۆلەت چۈشۈرگەن ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاش نىشانىنى ئورۇندىيالمىغان جايلار بولۇپ قالسا، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن سۆزلىشىدۇ ھەمدە شۇ جايلار يېڭىدىن كۆپەيتكەن نۇقتىلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى ئومۇمىي مىقدارىغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالىتىش ھۆججىتىنى تەستىقلاشنى توختىتىپ تۇرىدۇ. سۆزلىشىش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش كېرەك.

23 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ئاتموسفېرانى بۇلغاش مەنبەسىنى كۆزىتىش ۋە باھالاش قائىدىسىنى چىقىرىدۇ، مەملىكەت بويىچە ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتى ۋە ئاتموسفېرانى بۇلغاش مەنبەسىنى كۆزىتىش ۋە باھالاش قائىدىسىنى چىقىرىدۇ، مەملىكەت بويىچە ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتى ۋە ئاتموسفېرانى بۇلغاش مەنبەسىنى كۆزىتىش تورىنى بەرپا قىلىش ۋە باشقۇرۇشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ، ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتى ۋە ئاتموسفېرانى بۇلغاش مەنبەسىنى كۆزىتىشنى تەشكىللەيدۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتى ئۇچۇرىنى بىر تۇتاش ئېلان قىلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاتموسفېرا سۈپىتى ۋە ئاتموسفېرا بۇلغىما مەنبەسىنى كۆزىتىش تورىنى بەرپا قىلىپ ۋە باشقۇرۇپ، ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتى ۋە ئاتموسفېرا بۇلغىما مەنبەسىنى كۆزىتىشكە مەسئۇل بولىدۇ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاتموسفېرا سۈپىتى ئەھۋالى ئۇچۇرىنى بىر تۇتاش ئېلان قىلىدۇ.

24 – ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى ۋە كۆزىتىش قائىدىسى بويىچە ئۆزلىرى چىقارغان سانائەت كېرەكسىز گازى ۋە مۇشۇ قانۇننىڭ 78 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مۇندەرىجىدە كۆرسىتىلگەن زەھەرلىك، زىيانلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىسىنى كۆزىتىشى ھەمدە دەسلەپكى كۆزىتىش خاتىرىسىنى ساقلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىدىغان ئورۇنلار ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقىرىشنى ئاپتوماتىك كۆزىتىش ئەسلىھەسىنى ئورنىتىشى ۋە ئىشلىتىشى، ئۇنى مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىنىڭ كۆزىتىش ئۈسكۈنىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇشى، كۆزىتىش ئۈسكۈنىسىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە بۇلغىما چىقىرىش ئۇچۇرىنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلىشى كېرەك. كۆزىتىش كونكرېت چارىسى ۋە نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىدىغان ئورۇنلارنىڭ شەرتىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىدىغان ئورۇنلارنىڭ تىزىملىكىنى رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارماقلىرى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا، نۇقتىلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىكى تەلەپكە، شۇنىڭدەك بۇلغىما چىقىرىدىغان ئورۇنلار چىقارغان بۇلغىمىنىڭ تۈرى، مىقدارى ۋە قويۇقلۇقى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن كېڭىشىپ بېكىتىدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.

25 – ماددا نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىدىغان ئورۇنلار ئاپتوماتىك كۆزىتىش مەلۇماتىنىڭ چىن ۋە توغرا بولۇشىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىدىغان ئورۇنلارنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىشنى ئاپتوماتىك كۆزىتىش ئۈسكۈنىسى يوللىغان مەلۇماتنىڭ نورمالسىزلىقىنى بايقىسا، ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى كېرەك.

26 – ماددا ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنى كۆزىتىش ئەسلىھەسى ۋە ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىشنى ئاپتوماتىك كۆزىتىش ئۈسكۈنىسىنى ئىگىۋېلىش، بۇزۇۋېتىش ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۆتكىۋېتىش، ئۆزگەرتىۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

27 – ماددا دۆلەت ئاتموسفېرانى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان تېخنىكا، ئۈسكۈنە ۋە مەھسۇلاتنى شاللىۋېتىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان تېخنىكا، ئۈسكۈنە ۋە مەھسۇلاتنى شاللىۋېتىش مۆھلىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىساد ئۇنىۋېرسال مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ ھەمدە ئۇنى دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال كەسىپ سىياسىتى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزىدۇ.

ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ئىمپورت قىلغۇچىلار، ساتقۇچىلار ياكى ئىشلەتكۈچىلەر ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈلگەن ئۈسكۈنە ۋە مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىش، ئىمپورت قىلىش، سېتىش ياكى ئىشلىتىشنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە توختىتىشى كېرەك. تېخنىكىدىن پايدىلانغۇچىلار ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈلگەن تېخنىكىنى قوللىنىشنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە توختىتىشى كېرەك.

شاللىۋېتىلگەن ئۈسكۈنە ۋە مەھسۇلاتنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ.

28 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، ئاتموسفېرانى بۇلغاش زىيىنىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

29 – ماددا مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇ ھاۋالە قىلغان مۇھىت مەمۇرىي تەپتىش ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماقلار نەق مەيداننى تەكشۈرۈش، كۆزىتىش، ئاپتوماتىك كۆزىتىش، يىراقتىن كۆزىتىش، ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق سىنغا ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىدىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق. تەكشۈرۈلگۈچىلەر ئەھۋالنى ئەينەن ئېيتىشى، زۆرۈر ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك. تەكشۈرگۈچى تارماق، ئاپپارات ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ سودا مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.

30 – ماددا كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلاردىن قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىپ، ئاتموسفېرانى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغان ياكى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاش ئېھتىمالى بولغان ۋە ياكى دەلىل – ئىسپاتنى يوق قىلىۋېتىش ياكى يوشۇرۇپ قويۇش ئېھتىمالى بولغانلىرىغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ۋە ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەسى، ئۈسكۈنىسى، بۇيۇملىرىنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىشتەك مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ.

31 – ماددا مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارماقلىرى ۋە ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماقلار پاش قىلىش تېلېفون نومۇرى، ئېلېكتىرونلۇق پوچتا ساندۇقى ئادرېسى قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىپ، ئاممىنىڭ پاش قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارماقلىرى ۋە ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماقلاردىن پاش قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغانلىرى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە پاش قىلغۇچىنىڭ ئالاقىدار مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك؛ ئۆز نامىدا پاش قىلغانلارغا بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى قايتما ئىنكاس قىلىشى، راستلىقى ئېنىقلانغانلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى قانۇن بويىچە جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى ھەمدە پاش قىلغۇچىنى تەقدىرلىشى كېرەك.

پاش قىلغۇچى ئۆزى ئىشلەيدىغان ئورۇننى پاش قىلغان بولسا، شۇ ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش، ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن پاش قىلغۇچىدىن ئۆچ ئالسا بولمايدۇ.

4 – باب ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرى

1 – پاراگراف كۆمۈر ۋە باشقا ئېنېرگىيەدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

32 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشلىتىشنى كېڭەيتىشى كېرەك. كۆمۈر ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى ياخشىلاپ، كۆمۈرنى پاكىز، ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشنى كېڭەيتىپ، كۆمۈرنىڭ بىر قېتىملىق ئىستېمالدىكى نىسبىتىنى پەيدىنپەي تۆۋەنلىتىپ، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش، ئىشلىتىش، ئايلاندۇرۇش جەريانىدىكى ئاتموسفېرانى بۇلغايدىغان بۇلغىمىلارنى چىقىرىشنى ئازايتىشى كېرەك.

33 – ماددا دۆلەت كۆمۈرنى يۇيۇپ پىششىقلاپ گۈڭگۈرت ۋە كۈل تەركىبىنى ئازايتىپ، گۈڭگۈرت ۋە كۈل تەركىبى كۆپ كۆمۈرنى قېزىشقا چەك قويىدۇ. يېڭى قۇرۇلغان كۆمۈر كانلار يۈرۈشلەشكەن كۆمۈر يۇيۇش ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىپ، كۆمۈرنىڭ گۈڭگۈرت ۋە كۈل تەركىبىنى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشى كېرەك؛ بۇرۇن قۇرۇلغان كۆمۈر كانلاردىن قازغان كۆمۈرنىڭ گۈڭگۈرت ۋە كۈل تەركىبى تۆۋەن بولغانلىرى ياكى بۇلغىما چىقىرىشى ئۆلچەمگە يەتكەن كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىدىن يۇيمىسىمۇ بولىدىغانلىقى تەلەپ قىلغانلىرىدىن باشقىلىرى يۈرۈشلەشكەن كۆمۈر يۇيۇش ئەسلىھەسىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئورنىتىشى كېرەك.

تەركىبىدە رادىيوئاكتىپلىق ۋە ئارسىن قاتارلىق زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلار بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن كۆمۈرنى قېزىش مەنئى قىلىنىدۇ.

34 – ماددا دۆلەت كۆمۈردىن پاكىز، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا پايدىلىق ئىقتىساد، تېخنىكا، سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كۆمۈر پاكىزلەش تېخنىكىسىنى يارىتىش ۋە كېڭەيتىشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

دۆلەت كۆمۈر كان كارخانىلىرىنىڭ مۇۋاپىق، ئاقىدىغان تېخنىكا تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، كۆمۈر قاتلىمى گازىدىن ئېچىپ پايدىلىنىش، كۆمۈر تېشىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. كۆمۈر قاتلىمى گازىدىن ئېچىپ پايدىلىنىدىغانلار كۆمۈر قاتلىمى گازىنى مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم ۋە قائىدە بويىچە چىقىرىشى كېرەك.

35 – ماددا دۆلەت سۈپەت ئۆلچىمىگە توشمايدىغان كۆمۈرنى ئىمپورت قىلىشنى، سېتىشنى، ئىشلتىشنى مەنئى قىلىدۇ، سۈپەتلىك كۆمۈر ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىدۇ.

ئورۇنلار كۆمۈر، كۆمۈر تېشى، شاخار، كۈل قاتارلىقلارنى ساقلىغاندا ئوت كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

36 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، پۇقرالار ئىشلىتىدىغان پارچە كۆمۈرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، پۇقرالار ئىشلىتىدىغان پارچە كۆمۈردىن سۈپەت ئۆلچىمىگە توشمايدىغانلىرىنى سېتىشنى مەنئى قىلىشى، ئاھالىنىڭ سۈپەتلىك كۆمۈر ۋە يۇيۇپ پاكىزلەنگەن كۆمۈرنى ئىشلىتىشىگە ئىلھام بېرىشى، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، مۇھىت ئاسرايدىغان ئوچاق ئىشلىتىشنى كېڭەيتىشى كېرەك.

37 – ماددا نېفىت ئايرىش كارخانىلىرى يېقىلغۇ ماينى سۈپەت ئۆلچىمى بويىچە ئىشلەپچىقىرىشى كېرەك.

سۈپەت ئۆلچىمىگە توشمايدىغان نېفىت كوكۇسنى ئىمپورت قىلىش، سېتىش، ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

38 – ماددا شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېغىر بۇلغىمىلىق يېقىلغۇ كۆيدۈرۈش مەنئى قىلىنغان رايوننى ئايرىپ ئېلان قىلسا ھەمدە ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاش تەلىپىگە ئاساسەن، ئېغىر بۇلغىمىلىق يېقىلغۇ كۆيدۈرۈش مەنئى قىلىنغان رايون دائىرىسىنى پەيدىنپەي كېڭەيتسە بولىدۇ. ئېغىر بۇلغىمىلىق يېقىلغۇ تىزىملىكىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ.

كۆيدۈرۈش مەنئى قىلىنغان رايوندا ئېغىر بۇلغىمىلىق يېقىلغۇلارنى سېتىش، كۆيدۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئېغىر بۇلغىمىلىق يېقىلغۇ كۆيدۈرۈش ئەسلىھەلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇش، كېڭەيتىش مەنئى قىلىنىدۇ، قۇرۇپ بولغانلىرى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلىگەن مۆھلەتتە تەبىئىي گاز، سلانېتس گازى، سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى، توك ياكى باشقا پاكىز ئېنېرگىيەنى ئىشلىتىشكە ئۆزگەرتىشى كېرەك.

39 – ماددا شەھەر قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىپ پار بېرىدىغان رايونلاردا پار بىلەن توكنى بىللە ئىشلەپچىقىرىش ۋە مەركەزلەشتۈرۈپ پار بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەركەزلەشتۈرۈپ پار بېرىش تورى قاپلىغان رايونلاردا تارقاق كۆمۈر يېقىلغۇلۇق پار قازانلىرىنى يېڭىدىن ئورنىتىش، كېڭەيتىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئورنىتىپ بولغان كۆمۈر يېقىلغۇلۇق پار قازانلاردىن بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىگە توشمايدىغانلىرىنى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلىگەن مۆھلەتتە چۇۋۇۋېتىش كېرەك.

40 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۈپەت نازارەتچىلىكى تارماقلىرى مۇھىت ئاسىراش مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە پار قازان ئىشلەپچىقىرىش، ئىمپورت قىلىش، سېتىش ۋە ئىشلىتىش ھالقىلىرىدا مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىشى ياكى تەلەپنى ئىجرا قىلىشى، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك؛ مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىگە ۋە تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئىمپورت قىلىش، سېتىش ۋە ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

41 – ماددا كۆمۈر يېقىلغۇلۇق ئېلېكتىر ئىستانىسىسى ۋە كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىدىغان باشقا ئورۇنلار پاكىز ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، چاڭ – توزان يوقىتىش، گۈڭگۈرتسىزلاندۇرۇش، نىتراتسىزلاندۇرۇش قۇرۇلمىلىرىنى ئورنىتىشى ياكى تېخنىكىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىشنى تىزگىنلەيدىغان باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك.

دۆلەت كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ چاڭ – توزان يوقىتىش، گۈڭگۈرتسىزلاندۇرۇش، نىتراتسىزلاندۇرۇش، سىمابسىزلاندۇرۇش قاتارلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىسىنى ھەمكارلىشىپ تىزگىنلەيدىغان ئىلغار تېخنىكا ۋە قۇرۇلمىدىن پايدىلىنىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىشنى ئازايتىشقا ئىلھام بېرىدۇ.

42 – ماددا توك تەقسىملەشتە پاكىز ئېنېرگىيەلىك توكنى ئالدىن تورغا چىقىرىش كېرەك.

2 – پاراگراف سانائەت بۇلغىمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

43 – ماددا پولات – تۆمۈر، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، رەڭلىك مېتال، نېفىت، خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىدىن ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا چاڭ – توزان، گۈڭگۈرتلەشكەن ماددا ۋە ئازوت ئوكسىدلىق ماددىلارنى چىقىرىدىغانلىرى پاكىز ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، چاڭ – توزان يوقىتىش، گۈڭگۈرتسىزلاندۇرۇش، نىتراتسىزلاندۇرۇش قۇرۇلمىلىرىنى ئورنىتىشى ياكى تېخنىكا ئۆزگەرتىش تەدبىرى قاتارلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىشنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.

44 – ماددا تەركىبىدە ئۇچۇشچان ئورگانىك ماددا بولغان خام ئەشيا ۋە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، ئىمپورت قىلىدىغان، ساتىدىغان ۋە ئىشلىتىدىغانلار تەركىبىدە ئۇچۇشچان ئورگانىك ماددىسى بار مەھسۇلاتىنى سۈپەت ئۆلچىمىگە ياكى تەلىپىگە يەتكۈزۈشى كېرەك.

دۆلەت زەھىرى، ئۇچۇشچانلىقى تۆۋەن بولغان ئورگانىك ئېرىتكۈچنى ئىشلەپچىقىرىشقا، ئىمپورت قىلىشقا، سېتىشقا ۋە ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىدۇ.

45 – ماددا ئۇچۇشچان ئورگانىك ماددىلىق كېرەكسىز گاز چىقىرىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇلازىمەت پائالىيەتلىرىنى يېپىق ماكان ياكى ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ئېلىپ قىلىش ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەسىنى ئورنىتىش ۋە ئىشلىتىش كېرەك؛ يېپىق ھالەتتە ئىشلەپچىقارغىلى بولمىسا، تەدبىر قوللىنىپ كېرەكسىز گازنى چىقىرىشنى ئازايتىش كېرەك.

46 – ماددا سانائەت سۇۋاقچىلىق كارخانىلىرى تۆۋەن تەركىبلىك ئۇچۇشچان ئورگانىك ماددىلىق سۇۋالغۇ ئىشلىتىشى ھەمدە قونداق ھېسابات ئورنىتىپ، ئىشلەپچىقىرىلغان خام ماتېرىيال، قوشۇمچە ماتېرىيالنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى، تاشلاندۇق مىقدارى، يۆنىلىشى، شۇنىڭدەك ئۇچۇشچان ئورگانىك ماددىنىڭ مىقدارىنى تىزىملىشى كېرەك. قونداق ھېساباتنى ساقلاش مۇددىتى ئۈچ يىلدىن كەم بولسا بولمايدۇ.

47 – ماددا نېفىت، خىمىيە سانائىتى، شۇنىڭدەك باشقا ئورگانىك ئېرىتكۈچنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە ئىشلىتىدىغان كارخانىلار تەدبىر قوللىنىپ، تۇرۇبا، ئۈسكۈنىلەرنى ھەر ۋاقىت ئاسراپ، رېمونت قىلىپ تۇرۇشى، ئېرىتكۈچنىڭ چىقىپ كېتىشىنى ئازايتىشى، چىقىپ كەتكەن ئېرىتكۈچنى ۋاقتىدا يىغىۋېلىپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

ماي، گاز ئىسكىلاتلىرى، ماي، گاز پونكىتلىرى، خام ماي، تەييار ماي پورتلىرى، خام ماي، تەييار ماي توشۇيدىغان پاراخوتلار ۋە ماي، گاز باكلىق ئاپتوموبىللىرىغا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ماي، گاز يىغىۋېلىش ئۈسكۈنىسىنى ئورنىتىشى ھەمدە نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

48 – ماددا پولات – تۆمۈر، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، رەڭلىك مېتال، نېفىت، خىمىيە سانائىتى، دورا ياساش، كان قېزىش كارخانىلىرى تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يىغىۋېلىپ بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، چاڭ – توزان ۋە ھاۋا بۇلغىغۇچى ماددىلارنى چىقىرىشنى قاتتىق تىزگىنلىشى كېرەك.

سانائەت ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ھىم ئوراش، قاشالاش، يېپىش، تازىلاش، سۇ چېچىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كارخانا ئىچىدە ماتېرىياللارنى دۆۋىلەپ قويۇش، يەتكۈزۈش، قاچىلاش، چۈشۈرۈش قاتارلىق ھالقىلاردا پەيدا بولغان چاڭ – توزان ۋە گازسىمان بۇلغىمىلارنى چىقىرىشنى ئازايتىشى كېرەك.

49 – ماددا سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدىن، ئەخلەت كۆمۈشتىن ياكى باشقا ھەرىكەتلەردىن پەيدا بولغان يېنىشچان گازنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش كېرەك، يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش شەرتىنى ھازىرلىمىغانلار بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تىزگىنلىشى كېرەك.

يېنىشچان گازنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش قۇرۇلمىسى نورمال ئىشلىمىسە ۋاقتىدا رېمونت قىلىش ياكى يېڭىلاش كېرەك. يېنىشچان گازنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش قۇرۇلمىسى نورمال ئىشلىمىگەن مەزگىلدە يېنىشچان گاز چىقىرىشقا توغرا كەلسە، چىقىرىدىغان يېنىشچان گازنى تولۇق كۆيدۈرۈش ياكى ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىشىنى تىزگىنلەشتەك باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىش ھەمدە شۇ جايدىكى مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىغا مەلۇم قىلىش، تەلەپ بويىچە بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە رېمونت قىلىش ياكى يېڭىلاش كېرەك.

3 – پاراگراف موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى، كېمە – پاراخوت قاتارلىقلارنىڭ بۇلغىمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

50 – ماددا دۆلەت تۆۋەن كاربونلۇق، مۇھىت بۇلغىمايدىغان يول يۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، شەھەر يىرىك پىلانى بويىچە ماي يېقىلغۇلۇق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ سانىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىپ، شەھەر ئاممىۋى قاتنىشىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىۋى قاتناشنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرىدۇ.

دۆلەت مالىيە، باج، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، مۇھىت بۇلغىمايدىغان ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى، كېمە – پاراخوتلار، يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىلارنى كېڭەيتىپ، ماينى كۆپ كۆيدۈرىدىغان، ئىسنى كۆپ چىقىرىدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە كېمە – پاراخوتلار، يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىلارنىڭ تەرەققىياتىغا چەك قويۇپ، نېفىت خىمىيە ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ئازايتىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شارائىت ھازىرلانغان رايونلاردا دۆلەتنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىش ئۆلچىمىدە مۇناسىپ بۆلەكلىرىگە چەك قويۇشنى ئالدىن ئىجرا قىلسا بولىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسىراش مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر قاتنىشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، يول قاتنىشى قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاپ، پىيادىلەر يولى ۋە موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى يولىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

51 – ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى، كېمە – پاراخوت، يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىلارنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى، كېمە – پاراخوت، يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىلارنى ئىشلەپچىقىرىش، ئىمپورت قىلىش ياكى سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

52 – ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى، يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار يېڭى ئىشلەپچىقارغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى، يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىلارنىڭ بۇلغىما چىقىرىشىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلىرىنى زاۋۇتتىن چىقىرىپ سېتىشقا بولىدۇ. تەكشۈرۈش ئۇچۇرلىرىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش كېرەك.

ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارماقلىرى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يېڭى ئىشلەپچىقىرىلغان، سېتىلىدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى، يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىلارنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك. سانائەت، سۈپەت نازارەتچىلىكى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ماسلىشىشى كېرەك.

53 – ماددا دۆلەتنىڭ ياكى يەرلىكنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىشلىتىلىۋاتقان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغىما چىقىرىشىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى قەرەللىك تەكشۈرۈشى كېرەك. تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلىرى يولغا چىقسا بولىدۇ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەنلىك بەلگىسى بەرسە بولمايدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسىراش مەسئۇل تارماقلىرى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توختىتىدىغان، رېمونت قىلىدىغان ئورۇنلارغا بېرىپ، ئىشلىتىۋاتقان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرسە بولىدۇ؛ نورمال ئىشلىشىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا، يىراقتىن كۆزىتىش ۋاسىتىسى قاتارلىق تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، يولدا يۈرۈۋاتقان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرسە بولىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ماسلىشىشى كېرەك.

54 – ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى چىقارغان بۇلغىمىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى قانۇن بويىچە ئۆلچەم مىقدار ئىسپاتىدىن ئۆتكەن، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى چىقارغان بۇلغىمىلارنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى چىقارغان بۇلغىمىلارنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى تۈزگەن قائىدە بويىچە تەكشۈرۈشى ھەمدە ئۇنى مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىنىڭ تورىغا تۇتاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈش مەلۇماتىدىن ۋاقتى ۋاقتىدا ئورتاق پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى چىقارغان بۇلغىمىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلى تەكشۈرۈش مەلۇماتىنىڭ چىنلىقى ۋە توغرا بولۇشىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.

مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارماقلىرى ۋە ئىسپات بېرىش، ئېتىراپ قىلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى چىقارغان بۇلغىمىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ بۇلغىما چىقىرىشنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك.

55 – ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، ئىمپورت قىلىدىغان كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان، ئىمپورت قىلغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ تىپى بويىچە بۇلغىما چىقىرىش ئۇچۇرى، بۇلغىمىنى تىزگىنلەش تېخنىكا ئۇچۇرى ۋە مۇناسىۋەتلىك رېمونت ئۇچۇرلىرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى رېمونت قىلىدىغان ئورۇنلار ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپى ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تېخنىكا قائىدىسى بويىچە، ئىشلىتىلىۋاتقان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى رېمونت قىلىپ، ئۇنى بەلگىلەنگەن چىقىرىش ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈشى كېرەك. قاتناش – تىرانسپورت، مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارماقلىرى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى كېرەك.

موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ئىگىلىرىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغىما تىزگىنلەش قۇرۇلمىسىنى ۋاقىتلىق ئالماشتۇرۇۋېتىشتەك ساختىپەزلىك ئۇسۇللىرى بىلەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى بۇلغىما چىقىرىش بويىچە تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈۋېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى رېمونت قىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ بۇنداق مۇلازىمەتنى قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئورنىتىلغان بۇلغىما چىقىرىشنى تەكشۈرۈش، ئېنىقلاش سىستېمىسىنى بۇزۇۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

56 – ماددا مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى قاتناش – تىرانسپورت تارمىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى تارمىقى، يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى، سۇچىلىق مەمۇرىي تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىلارنىڭ ئاتمۇسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك، لاياقەتسىزلىرىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

57 – ماددا دۆلەت مۇھىت بۇلغىمايدىغان قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ماي يېقىلغۇلۇق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەرنىڭ قاتناش راۋانلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەي، 3 مىنۇتتىن ئارتۇق توختىتىشقا توغرا كەلگەندە موتورنى ئۆچۈرۈپ، ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىشنى ئازايتىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

58 – ماددا دۆلەت موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىلارنى مۇھىتنى ئاسراش بويىچە قايتۇرۇۋېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

ئىشلەپچىقىرىش – ئىمپورت كارخانىسى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىلارنىڭ چىقارغان ئاتموسفېرا بۇلغىمىسىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، لايىھەلەش، ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىكى نۇقساندىن بولغانلىقىنى ياكى بەلگىلەنگەن مۇھىت ئاسراشتا چىدامچانلىق بولۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بىلگەندە قايتۇرۇۋېلىشى كېرەك؛ قايتۇرۇۋالمىغانلارنى گوۋۇيۈەننىڭ سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە قايتۇرۇۋېلىشقا بۇيرۇيدۇ.

59 – ماددا ئېغىر تىپتىكى دىزېل ئاپتوموبىللىرى، يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىلارنى ئىشلەتكۈچىلەردىن بۇلغىما تىزگىنلەش قۇرۇلمىسى ئورناتمىغانلىرى ياكى بۇلغىما تىزگىنلەش قۇرۇلمىسىنى تەلەپكە يەتكۈزەلمىگەن، چىقارغان بۇلغىمىسى ئۆلچەمگە يەتمىگەنلىرى بۇلغىما تىزگىنلەش قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىشى ياكى ئالماشتۇرۇشى كېرەك.

60 – ماددا ئىشلىتىۋاتقان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن ئاتموسفېراغا ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما چىقىرىدىغانلىرىنى رېمونت قىلىش كېرەك؛ رېمونت قىلغان ياكى بۇلغىما چىقىرىشنى تىزگىنلەش تېخنىكىسى قوللانغاندىن كېيىنمۇ، چىقارغان ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى دۆلەتنىڭ ئىشلىتىلىۋاتقان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىگە يەتمىسە، مەجبۇرىي بىراك قىلىش كېرەك. قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىراك قىلىدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يىغىپ پارچىلاش كارخانىلىرىغا سېتىپ بېرىشى كېرەك، بىراك قىلىدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يىغىپ پارچىلاش كارخانىلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تىزىملايدۇ، پارچىلايدۇ، يانچىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

دۆلەت كۆپ بۇلغىما چىقىرىدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى، كېمە – پاراخوت، يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن بىراك قىلىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

61 – ماددا شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاتموسفېرا مۇھىتىنىڭ سۈپىتىگە قاراپ، يولغا چىقمايدىغان كۆپ بۇلغىمىلىق كۆچمە ماشىنىلارنى ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىش رايونىنى ئايرىسا ھەمدە ئېلان قىلسا بولىدۇ.

62 – ماددا كېمە – پاراخوتلارنى تەكشۈرىدىغان ئاپپاراتلار كېمە – پاراخوتلارنىڭ موتورى ۋە ئالاقىدار ئۈسكۈنىلىرىنى بۇلغىما چىقىرىش بويىچە تەكشۈرىدۇ. تەكشۈرۈشتە دۆلەتنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولغانلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

63 – ماددا ئىچكى دەريا ۋە دەريا، دېڭىزلاردىكى نىشانغا بىۋاسىتە بارىدىغان كېمە – پاراخوتلارغا ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئادەتتىكى دىزېلىن ئىشلىتىش كېرەك. ئوكيان كېمە – پاراخوتلىرى پورتقا يېقىنلاشقاندىن كېيىن ئاتموسفېرا بۇلغىمىسىنى تىزگىنلەش تەلىپىگە يېتىدىغان كېمە – پاراخوت يېقىلغۇسى ئىشلىتىشى كېرەك.

يېڭىدىن پىرېستان ياسىغاندا، قىرغاق توك ئەسلىھەلىرىنى پىلانلاش، لايىھەلەش، ئورنىتىش كېرەك؛ قۇرۇلۇپ بولغان پىرېستانلارنىڭ قىرغاق توك ئەسلىھەلىرىنى تەدرىجىي ئۆزگەرتىش كېرەك. كېمە – پاراخوتلار پورتقا كىرگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن قىرغاق توكىنى ئىشلىتىش كېرەك.

64 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى دېڭىز ياقىسى تەۋەلىكىدە كېمە – پاراخوتلارنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىشىنى تىزگىنلەش رايونىنى ئايرىسا بولىدۇ، بۇلغىما چىقىرىشنى تىزگىنلەش رايونىغا كىرىدىغان كېمە – پاراخوتلار بۇلغىما چىقىرىشقا ئالاقىدار ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

65 – ماددا ئۆلچەمگە توشمايدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى، كېمە – پاراخوت، يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىلارنىڭ يېقىلغۇسىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئىمپورت قىلىش، سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئاپتوموبىل، موتوسىكلىتلارغا ئادەتتىكى دىزېلىن شۇنىڭدەك باشقا موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يېقىلغۇسىنى سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىلار، دەريا، دېڭىزدا نىشانغا بىۋاسىتە بارىدىغان كېمە – پاراخوتلارغا قالدۇق ماي ۋە ئېغىر ماي سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

66 – ماددا ئاپتول، ئازوت ئوكسىد ئوكسىدسىزلىغۇچ، يېقىلغۇ ۋە سىلىقلاش مايلىرىنىڭ خۇرۇجى شۇنىڭدەك باشقا خۇرۇجنىڭ زىيانلىق ماددىلىرىنىڭ نىسبىتى ۋە ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ئاسرايدىغان باشقا كۆرسەتكۈچلەر ئالاقىدار ئۆلچەملەردىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى، كېمە – پاراخوتلارنىڭ بۇلغىما تىزگىنلەش قۇرۇلمىسىنىڭ ئۈنۈمىگە ۋە چىداملىقلىقىغا زىيان يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ، ئاتموسفېرانى بۇلغايدىغان باشقا يېڭى بۇلغىمىلارنى كۆپەيتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

67 – ماددا دۆلەت پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاتموسفېرانى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ، لايىھەلەش، ئىشلەپچىقىرىش، ئىشلىتىش جەريانىدا ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئاتموسفېرانى بۇلغايدىغان بۇلغىمىلارنى چىقىرىشنى ئازايتىشقا ئىلھام بېرىدۇ.

پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرى دۆلەت بەلگىلىگەن ئاۋىياتسىيە قاتناش ئۆلچىمىدىكى موتور چىقىرىندىلىرى تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

4 – پاراگراف چاڭ – توزاندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

68 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قۇرۇلۇش قىلىش ۋە تىرانسپورتنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يوللارنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاپ، ماتېرىيال ۋە داشقال، توپا دۆۋىلەپ قويۇشنى تىزگىنلەپ، يېشىللىق، سۇ يۈزى، سۇلۇق يەر ۋە بېزەلگەن يەر كۆلىمىنى ياساش نىسبىتىنى كۆپەيتىپ، چاڭ – توزاندىن بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تىزگىنلىشى كېرەك.

تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى، شەھەر قىياپىتى، مۇھىت تازىلىقى، قاتناش – تىرانسپورت، زېمىن بايلىقى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن مەسئۇلىيىتى بويىچە، چاڭ – توزاندىن بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

69 – ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن چاڭ – توزاندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىراجىتىنى قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈش باھاسىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە قۇرۇلۇش ھۆددە توختامىدا قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇننىڭ چاڭ – توزاندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك. قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن چاڭ – توزاندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كونكرېت لايىھەسىنى تۈزۈشى كېرەك.

ئۆي – ئىمارەت قۇرۇلۇشى، شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قىلىدىغان، دەريا يولىنى تۈزەيدىغان شۇنىڭدەك ئىمارەت چاقىدىغان ئورۇنلار چاڭ – توزاندىن بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان مەسئۇل تارماققا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش مەيدانىنى پۇختا رېشاتكىلىشى ھەمدە يېپىش، بۆلەك بويىچە مەشغۇلات قىلىش، مۇۋاپىق پەيتتە قۇرۇلۇش قىلىش، سۇ چېچىپ چاڭ – توزان پەسەيتىش، يەر يۈزى ۋە قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يۇيۇش قاتارلىق چاڭ – توزاندىن ساقلىنىش جەھەتتە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك. قۇرۇلۇشتىن چىققان قۇرۇلۇش داشقاللىرى، قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىنى ۋاقتىدا تازىلىشى كېرەك؛ مەيدانغا دۆۋىلەپ قويۇلغانلىرىنى چاڭ – توزاندىن ساقلىنىش تورى بىلەن ھىم يېپىپ قويۇشى كېرەك. قۇرۇلۇش داشقاللىرى، قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش مەيدانىدا چاڭ – توزاندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرى، مەسئۇل خادىم، چاڭ – توزان توزۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى مەسئۇل تارماققا دائىر ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ۋاقتىنچە ئىش باشلىغىلى بولمايدىغان قۇرۇلۇش يېرىنىڭ ئوچۇق قالغان جايلىرىنى يېپىپ قويۇشى كېرەك؛ 3 ئايدىن ئېشىپ كەتسە كۆكەرتىشى، بېزەپ قويۇشى ياكى توسۇپ قويۇشى كېرەك.

70 – ماددا كۆمۈر، ئەخلەت، داشقال، شېغىل، توپا، سېمونت لاي قاتارلىق پارچە ۋە سۇيۇق نەرسىلەرنى توشۇيدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھىم يۆگەش تەدبىرى ياكى باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، نەرسىلەر چېچىلىپ چاڭ – توزان بۇلغاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە بەلگىلەنگەن لىنىيەدە مېڭىش كېرەك.

نەرسىلەرنى قاچىلاش، چۈشۈرۈشتە ھىم ئوراش ياكى سۇ چېچىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، چاڭ – توزان بۇلغاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كېرەك.

شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يول، مەيدان، توختالغۇ ياكى باشقا جامائەت سورۇنلىرىنى سۈپۈرۈش، تازىلاشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ماشىنىلاشتۇرۇپ تازىلاشتەك تۆۋەن توزانلىق مەشغۇلات ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، چاڭ – توزاندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تىزگىنلىشى كېرەك.

71 – ماددا شەھەر مەمۇرىيىتىگە تەۋە دەريا ۋە دەريا بويلىرى، جامائەت يەرلىرىدىن يالىڭاچ قالغانلىرى شۇنىڭدەك شەھەر – بازار يەرلىرىدىن يالىڭاچ قالغانلىرىنى ئالاقىدار تارماقلار پىلان بويىچە كۆكەرتىشى ياكى سۇ سىڭىدىغان قىلىپ بېزەپ قويۇشى كېرەك.

72 – ماددا كۆمۈر، كۆمۈر تېشى، شاخار، كۈل، سېمونت، ھاك، گېپىس، شېغىل قاتارلىق ئاسان چاڭ – توزان پەيدا قىلىدىغان نەرسىلەرنى ساقلىغاندا ھىم ئوراش كېرەك؛ ھىم ئورىغىلى بولمايدىغانلىرىنى دۆۋىسىدىن ئېگىز قىلىپ پۇختا توسۇش ھەمدە ئۈنۈملۈك يېپىش تەدبىرى قوللىنىپ چاڭ – توزاندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كېرەك.

پىرېستان، كان، كۆمۈش مەيدانى، بىر تەرەپ قىلىش مەيدانلىرىدا رايونلار بويىچە مەشغۇلات قىلىش ھەمدە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ چاڭ – توزاندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كېرەك.

5 – پاراگراف يېزا ئىگىلىك بۇلغىمىسى ۋە باشقا بۇلغىمىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

73 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى، يېزا ئىگىلىكىدىكى ئايلانما ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشى، تاشلاندۇقنى ھەر تەرەپلىمە بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەپ قوللىشى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت پائالىيىتىدە ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىشنى تىزگىنلىشى كېرەك.

74 – ماددا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى – تىجارىتى قىلغۇچىلار ئوغۇتلاش شەكلىنى ياخشىلاپ، خىمىيەۋى ئوغۇتنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئىشلىتىشى ھەمدە دېھقانچىلىق دورىلىرىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىشلىتىشى، ئاتموسفېرانى بۇلغايدىغان ئاممونىيە، ئۇچۇشچان ئورگانىك ماددا قاتارلىقلارنى ئازايتىشى كېرەك.

ئاھالە زىچ رايونلاردا دەل – دەرەخ، گۈل – گىياھلارغا ئۆتكۈر زەھەرلىك، زەھىرى كۈچلۈك دېھقانچىلىق دورىلىرىنى چېچىش مەنئى قىلىنىدۇ.

75 – ماددا چارۋا – قۇش باقمىچىلىق مەيدانلىرى، كىچىك باقمىچىلىق رايونلىرى چارۋا – قۇش گەندىسى ۋە تاپى قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا يىغىۋېلىش، ساقلاش، يۆتكەش ھەمدە زىيانسىزلاندۇرۇش، سېسىق گاز چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش كېرەك.

76 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى ئىلغار، ئەمەلىي تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، شاخ – شۇمبا، يوپۇرماقلارنى ئوغۇتقا، يەم – خەشەككە، ئېنېرگىيەگە، سانائەت خام – ئەشياسىغا، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى خام ماتېرىيالىغا ئايلاندۇرۇپ ئۇنىڭدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى، شاخ – شۇمبىلارنى ئېتىزغا قايتۇرۇش، يىغىۋېلىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا مالىيەدىن ياردەم پۇل بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شاخ – شۇمبىلارنى يىغىش، ساقلاش، توشۇش ۋە ئۇنىڭدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مالىيەدىن ياردەم پۇل بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى، كارخانىلار قاتارلىقلارنىڭ شاخ – شۇمبىلارنى يىغىش، ساقلاش، توشۇش ۋە ئۇنىڭدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش مۇلازىمىتى قىلىشىغا مەدەت بېرىشى كېرەك.

77 – ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوچۇقچىلىقتا شاخ – شۇمبا، يوپۇرماقلارنى كۆيدۈرۈپ ئىس – تۈتەك بۇلغىمىسىنى پەيدا قىلىش مەنئى قىلىنىدىغان رايوننى ئايرىپ چىقىشى كېرەك.

78 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە ئاتموسفېرا بۇلغىمىسىنىڭ جامائەت ساغلاملىقى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان زىيىنى، تەسىر دەرىجىسىگە قاراپ، زەھەرلىك، زىيانلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىسىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، خەۋپ – خەتەرنى باشقۇرۇشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تىزىملىكتە كۆرسىتىلگەن زەھەرلىك، زىيانلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىلىرىنى چىقارغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، مۇھىت خەۋپ – خەتىرىدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، چىقىرىش ئېغىزى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى قەرەللىك كۆزىتىپ، مۇھىتقا بولغان خەۋپ – خەتىرىنى باھالىشى، مۇھىت بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ مۇھىت خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

79 – ماددا ئاتموسفېراغا ئورگانىك بۇلغىمىلارنى ئۇزاققىچە چىقارغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچى – تىجارەت قىلغۇچىلار شۇنىڭدەك تاشلاندۇقلارنى كۆيدۈرۈش ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئورگانىك بۇلغىمىلارنى ئۇزاققىچە چىقىرىشنى ئازايتىش تېخنىكىسى ۋە ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۈنۈملۈك ساپلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنى سەپلەپ، ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ چىقىرىشى كېرەك.

80 – ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلاردىن ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت پائالىيىتىدە سېسىق گاز چىقىرىدىغانلىرى ئورۇننى ئىلمىي تاللىشى، مۇۋاپىق مۇداپىئە ئارىلىقى قويۇشى ھەمدە ساپلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنى سەپلەپ ياكى باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سېسىق گاز چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

81 – ماددا بۇس چىقىرىدىغان يېمەكلىك مۇلازىمەت كەسپىي تىجارەتچىلىرى بۇس ساپلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسى ئورنىتىشى ھەمدە ئۇنىڭ نورمال ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى ياكى باشقا بۇس ساپلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئۇنى بۇس چىقىرىش ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈشى ھەمدە يېقىن ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇش مۇھىتىنى بۇلغاشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

ئاھالە ئولتۇراق بىناسى، مەخسۇس تۇرخۇن قويۇلمىغان سودا – ئولتۇراق ئۇنىۋېرسال بىناسى ھەمدە سودا – ئولتۇراق ئۇنىۋېرسال بىناسىنىڭ ئىچى بىلەن ئولتۇراق ئۆي قەۋىتىگە قوشنا سودا بىناسىغا بۇس، غەيرىي پۇراق، كېرەكسىز گاز چىقىرىدىغان يېمەك – ئىچمەك مۇلازىمەت قۇرۇلۇشىنى يېڭىدىن سېلىش، ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى مەنئى قىلغان دائىرىدىكى ئوچۇقچىلىقتا يېمەكلىكنى قاقلاپ پىشۇرۇشىغا ياكى ئوچۇقچىلىقتا يېمەكلىكنى قاقلاپ پىشۇرۇشقا جاي ھازىرلاپ بېرىشىگە بولمايدۇ.

82 – ماددا ئاھالە مەركەزلەشكەن جايلار ۋە قانۇن بويىچە ئالاھىدە قوغدىلىدىغان باشقا رايونلاردا ئاسفالت، ماي قەغەز، كاۋچۇك، يالتىراق، كۆن – خۇرۇم، ئەخلەت، شۇنىڭدەك زەھەرلىك، زىيانلىق ئىس – تۈتەك، سېسىق گاز پەيدا قىلىدىغان نەرسىلەرنى كۆيدۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ.

سۈپەت ئۆلچىمىگە توشمايدىغان ساليۇت، پوجاڭزىلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە ئېتىش مەنئى قىلىنىدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمىتى مەنئى قىلغان ۋاقىت ۋە دائىرىدە ساليۇت، پوجاڭزا ئېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

83 – ماددا دۆلەت نەزىر – چىراغنى مەدەنىي، مۇھىتنى بۇلغىماي ئۆتكۈزۈشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنى ئىس – تۈتەك يوقىتىش قاتارلىق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىشى ھەمدە ئۇنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى، ئەتراپتىكى مۇھىتقا تەسىر يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

84 – ماددا كىيىم – كېچەكنى قۇرۇق يۇيۇش ۋە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى رېمونت قىلىش مۇلازىمىتى قىلىدىغان تىجارەتچىلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمى ياكى تەلىپى بويىچە، غەيرىي پۇراق ياكى كېرەكسىز گازنى بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلمىسى قاتارلىق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىشى ھەمدە ئۇنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى، ئەتراپتىكى مۇھىتقا تەسىر يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

85 – ماددا دۆلەت ئوزۇن قەۋىتىنى خورىتىدىغان ماددىلارنىڭ سەپلىمە مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئىشلىتىشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، ئوزۇن قەۋىتىنى خورىتىدىغان ماددىلارنى تەدرىجىي ئازايتىدۇ، ھەتتا ئوزۇن قەۋىتىنى خورىتىدىغان ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشلىتىشنى توختىتىدۇ.

دۆلەت ئوزۇن قەۋىتىنى خورىتىدىغان ماددىلارنىڭ سەپلىمە مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئىشلىتىش ۋە ئىمپورت – ئېكسپورت قىلىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەيدۇ ۋە نورمىسىنى باشقۇرىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.

5 – باب نۇقتىلىق رايونلاردا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ بىرلىكتە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

86 – ماددا دۆلەت نۇقتىلىق رايونلاردا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، نۇقتىلىق رايونلاردا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونلارغا ئايرىش ئەھۋالى، رايونلار ئاتموسفېرا مۇھىتىنىڭ سۈپەت ئەھۋالى ۋە ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ تارقىلىش، كېڭىيىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، دۆلەتنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نۇقتىلىق رايونىنى ئايرىپ گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ.

نۇقتىلىق رايونلاردىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى باشلامچىلىق قىلىدىغان يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنى بېكىتىپ، بىرلەشمە يىغىننى قەرەللىك ئېچىشى، بىر تۇتاش پىلانلاش، بىر تۇتاش ئۆلچەم چىقىرىش، بىر تۇتاش كۆزىتىش، بىر تۇتاش ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرى توغرىسىدىكى تەلەپ بويىچە، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نىشان مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر 1 – تارماقتىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نۇقتىلىق رايونىنى ئايرىسا بولىدۇ.

87 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، دۆلەتنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نۇقتىلىق رايونىدىكى ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئاتموسفېرانىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن، نۇقتىلىق رايونلاردا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ، تىزگىنلەش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى ياخشىلايدۇ، قاتناش باشقۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىپىسى ۋە تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

88 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادىي ئۇنىۋېرسال مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، دۆلەتنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نۇقتىلىق رايونىنىڭ كەسىپلەر تەرەققىيات ئەمەلىيىتى ۋە ئاتموسفېرا مۇھىتىنىڭ سۈپەت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە سەرپىياتى، بىخەتەرلىك، سۈپەت قاتارلىق تەرەپلەردىكى تەلەپنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ.

نۇقتىلىق رايونلاردىكى مۇناسىۋەتلىك ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىش ئۆلچىمىنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىشلىتىلىۋاتقان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ۋە بۇلغىما چىقىرىش چېكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى ھەمدە لاياقەتلىك يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

89 – ماددا دۆلەتنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نۇقتىلىق رايونىدىكى ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ئېغىر بۇلغاش ئېھتىمالى بولغان سانائەت رايونلىرىنىڭ، تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ، رايون كەسىپلىرى ۋە تەرەققىياتنىڭ يىرىك پىلانلىرىنى تۈزۈشتە، مۇھىت تەسىرىنى قانۇن بويىچە باھالىتىش كېرەك. يىرىك پىلان تۈزگۈچى ئورگان نۇقتىلىق رايونلاردىكى مۇناسىۋەتلىك ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن كېڭىشىشى كېرەك.

نۇقتىلىق رايونلاردىكى مۇناسىۋەتلىك ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر قوشنا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان قۇرۇلۇشلارنى قىلىشتا، ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى، كېڭىشىشى كېرەك.

كېڭىشىش پىكرى ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىش ئەھۋالى مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى تەكشۈرۈش ياكى تەستىقلاشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىنىدۇ.

90 – ماددا دۆلەتنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نۇقتىلىق رايونىدا كۆمۈر ئىشلىتىدىغان قۇرۇلۇشلارنى سېلىش، ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىشتە، شۇ قۇرۇلۇشنى كۆمۈر سەرپىياتى ئىلگىرىكىسىگە تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن ئاز قىلىپ سېلىش كېرەك.

91 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نۇقتىلىق رايونىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنى كۆزىتىش، ئاتموسفېرانى بۇلغاش مەنبەسىنى كۆزىتىش ئۇچۇرى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن ئورتاق پايدىلىنىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشقا تەشكىللىشى، كۆزىتىش، تەقلىد قىلىش، شۇنىڭدەك سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق كۆزىتىش، ئاۋىياتسىيەلىك كۆزىتىش، يىراقتىن سېزىش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ نۇقتىلىق رايونلاردا ئاتموسفېرانى بۇلغاش مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىش يۆنىلىشىنى تەھلىل قىلىشى ھەمدە ئۇنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك.

92 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نۇقتىلىق رايونلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار ئورۇنلارنى بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىشقا، رايون ھالقىپ قانۇن ئىجرا قىلىشقا، گىرەلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىشقا تەشكىللىسە بولىدۇ.

6 – باب ھاۋانىڭ ئېغىر بۇلغىنىشىغا تاقابىل تۇرۇش

93 – ماددا دۆلەت ھاۋانىڭ ئېغىر بۇلغىنىشىنى كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى بەرپا قىلىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى، دۆلەتنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نۇقتىلىق رايونلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، نۇقتىلىق رايونلاردا ھاۋانىڭ ئېغىر بۇلغىنىشىنى كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، سىگنال دەرىجىسى ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرىدۇ. رايونلارنىڭ ھاۋاسىدا ئېغىر بۇلغىنىش ئېھتىمالى بولسا، نۇقتىلىق رايونلاردىكى مۇناسىۋەتلىك ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، رايون بار شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارماقلىرى مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، شۇ مەمۇرىي رايوندا ھاۋانىڭ ئېغىر بۇلغىنىشىنى كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىدۇ.

94 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھاۋانىڭ ئېغىر بۇلغىنىشىغا تاقابىل تۇرۇشنى تاسادىپىي ۋەقەگە جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، رايون بار شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇنىڭدەك ھاۋانىڭ ئېغىر بۇلغىنىش ئېھتىمالى بولغان ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھاۋانىڭ ئېغىر بۇلغىنىشىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

95 – ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، رايون بار شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارماقلىرى مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى بىلەن بىرلىكتە كېڭىشىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىدىن مەلۇمات بېرىشى كېرەك. ئېغىر بۇلغىنىش پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ھاۋا رايى ئەھۋالىنى ۋاقتىدا شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلىشى كېرەك. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، رايون بار شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېغىر بۇلغىنىش پەيدا قىلىدىغان ھاۋا رايىدىن ئالدىن بېرىلگەن مەلۇماتتىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم چىقىرىپ، سىگنال دەرىجىسىنى بېكىتىشى ھەمدە ۋاقتىدا سىگنال بېرىشى كېرەك. سىگنال دەرىجىسىنى ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ۋاقتى – ۋاقتىدا تەڭشەپ تۇرۇشى كېرەك. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئېغىر بۇلغانغان ھاۋا رايى ھەققىدە ئالدىن مەلۇمات سىگنال ئۇچۇرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

سىگنال ئۇچۇرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تېلېۋىزور، رادىيو، تور، قىسقا ئۇچۇر قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئاممىغا ساغلاملىق، مۇداپىئە تەدبىرىنى ئۇقتۇرۇپ، ئاممىنىڭ سىرتقا چىقىش ۋە باشقا ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

96 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېغىر بۇلغىنىش پەيدا قىلىدىغان ھاۋا رايى سىگنالى دەرىجىسىگە ئاساسەن، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ۋاقتىدا يولغا قويۇشى، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئېھتىياجىغا قاراپ، ئالاقىدار كارخانىلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا بۇيرۇش ياكى ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويۇش، بىر قىسىم موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈرۈشىگە چەك قويۇش، ساليۇت، پوجاڭزا ئېتىشنى مەنئى قىلىش، قۇرۇلۇش مەيدانىدىكى توپا – تاش مەشغۇلاتىنى ۋە ئىمارەتلەرنى چېقىشنى توختىتىش، ئوچۇقچىلىقتا ئوتقا قاقلاپ پىشۇرۇشنى توختىتىش، يەسلى ۋە مەكتەپلەرنىڭ دالا پائالىيىتىنى توختىتىش، ھاۋا رايىغا تەسىر كۆرسىتىش مەشغۇلاتىنى تەشكىللەش قاتارلىق جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ.

جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خەلق ھۆكۈمىتى جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى باھالاپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ۋاقتى – ۋاقتىدا تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك.

97 – ماددا ئاتموسفېرا بۇلغايدىغان تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەسى يۈز بەرگەندە خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنى››دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەسىدىن پەيدا بولغان ئاتموسفېرا بۇلغىمىلىرىنى كۆزىتىشى ھەمدە كۆزىتىش ئۇچۇرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

7 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

98 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، نەق مەيدانغا كىرىشنى رەت قىلىش ئۇسۇلى بىلەن، مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇ ھاۋالە قىلغان مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي تەپتىش ئاپپاراتى ياكى ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ئاسراش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى رەت قىلغانلار ياكى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا ساختىپەزلىك قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ياكى ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماقلار تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ.

99 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ياكى ئىشلەپچىقىرىشىغا چەك قويىدۇ، ئىش توختىتىپ تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنى تەستىقلاش ھوقۇقى بار خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ، ئىش توختىتىشقا، تاقاشقا بۇيرۇيدۇ:

(1) قانۇن بويىچە بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ، ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقارغانلار؛

(2) ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىش ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇپ ياكى ئۇمۇمىي مىقدارنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىن ئاشۇرۇپ ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقارغانلار؛

(3) نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن قېچىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقارغانلار.

100 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ تۈزەتمىگەنلەرنى ئىش توختىتىپ تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ:

(1) ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنى كۆزىتىش ئەسلىھەسى ياكى ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىشنى ئاپتوماتىك كۈزىتىش ئۈسكۈنىسىنى ئىگىلىۋالغان، بۇزۇۋەتكەن ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۆتكىۋەتكەن، ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر؛

(2) سانائەت كېرەكسىز گازى ۋە زەھەرلىك، زىيانلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىشنى كۆزىتىشتە ھەمدە دەسلەپكى كۆزىتىش خاتىرىسىنى ساقلاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(3) ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىشنى ئاپتوماتىك كۆزىتىش ئەسۋابىنى ئورنىتىش، ئىشلىتىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار ياكى مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىنىڭ كۆزىتىش ئەسۋابى بىلەن تۇتاشتۇرۇش ھەمدە كۆزىتىش ئەسۋابىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(4) بۇلغىما چىقىرىدىغان نۇقتىلىق ئورۇنلاردىن ئاپتوماتىك كۆزىتىش مەلۇماتىنى ئاشكارىلىمىغان ياكى ئەينەن ئاشكارىلىمىغانلار؛

(5) ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىش ئېغىزى قويۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.

101 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسال كەسىپ سىياسىتى مۇندەرىجىسىدە مەنئى قىلىنغان ئۈسكۈنە ۋە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغان، ئىمپورت قىلغان، ساتقان ياكى ئىشلەتكەن، دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسال كەسىپ سىياسىتى مۇندەرىجىسىدە مەنئى قىلىنغان تېخنىكىنى قوللانغان ياكى شاللىۋېتىلگەن ئۈسكۈنە، مەھسۇلاتلارنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىساد ئۇنىۋېرسال مەسئۇل تارمىقى، چىگرا پىرىيوم – كارانتىن ئاپپاراتى مەسئۇلىيىتى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، مال قىممىتىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 3 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ تۈزەتمىگەنلەرنى تەستىقلاش ھوقۇقى بار خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ، ئىش توختىتىشقا، تاقاشقا بۇيرۇيدۇ. ئىمپورتتا ئەتكەسچىلىك قىلمىشىنى شەكىللەندۈرگەنلەرنى تاموژنا قانۇن بويىچە جازالايدۇ.

102 – ماددا كۆمۈركانلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، يانداش كۆمۈر يۇيۇش ئەسلىھەلىرىنى ياساش بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ تۈزەتمىگەنلىرىنى تەستىقلاش ھوقۇقى بار خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ، ئىش توختىتىشقا، تاقاشقا بۇيرۇيدۇ.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، رادىيوئاكتىپ ۋە ئارسېن قاتارلىق زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىسى بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن كۆمۈرنى قازغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ئىش توختىتىشقا، تاقاشقا بۇيرۇيدۇ.

103 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۈپەت نازارەتچىلىكى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مەسئۇلىيىتى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، خام ئەشياسى، ماتېرىيالى، مەھسۇلاتى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، مال قىممىتىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 3 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛

(1) سۈپەت ئۆلچىمىگە توشمايدىغان كۆمۈر، نېفىت كوكسىنى ساتقانلار؛

(2) ئۇچۇشچان ئورگانىك ماددا تەركىبى سۈپەت ئۆلچىمىگە توشمايدىغان ياكى تەلەپكە يەتمەيدىغان خام ئەشيا، ماتېرىيال ۋە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغان، ساتقانلار؛

(3) ئۆلچەمگە توشمايدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى، كېمە، پاراخوت ۋە يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنا يېقىلغۇسى، ئاپتول، ئازوت ئوكسىد ئوكسىدسىزلىغۇچى، يېقىلغۇ ۋە سىلىقلاش مېيىنىڭ خۇرۇجى شۇنىڭدەك باشقا خۇرۇجلارنى ئىشلەپچىقارغان، ساتقانلار؛

(4) ئوت يېقىش مەنئى قىلىنغان رايوندا ئېغىر بۇلغىمىلىق يېقىلغۇنى ساتقانلار.

104 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى چېگرا پىرىيوم – كارانتىن ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، خام ئەشيا ماتېرىيالى، مەھسۇلاتى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، مال قىممىتىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 3 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ ئەتكەسچىلىك قىلمىشى شەكىللەندۈرگەنلەرنى تاموژنا قانۇن بويىچە جازالايدۇ:

(1) سۈپەت ئۆلچىمىگە توشمايدىغان كۆمۈر، نېفىت كوكسىنى ئىمپورت قىلغانلار؛

(2) ئۇچۇشچان ئورگانىك ماددا تەركىبى سۈپەت ئۆلچىمىگە توشمايدىغان ياكى تەلەپكە يەتمەيدىغان خام ئەشيا – ماتېرىيال ۋە مەھسۇلاتنى ئىمپورت قىلغانلار؛

(3) موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ، كېمە، پاراخوتنىڭ ۋە يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىنىڭ ئۆلچەمگە توشمايدىغان يېقىلغۇسى، ئاپتول، ئازوت ئوكسىد ئوكسىدسىزلىغۇچى، يېقىلغۇ ۋە سىلىقلاش مېيى خۇرۇجى شۇنىڭدەك باشقا خۇرۇجلارنى ئىمپورت قىلغانلار.

105 – ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، سۈپەت ئۆلچىمىگە توشمايدىغان كۆمۈر، نېفىت كوكىسى ئىشلەتكەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، مال قىممىتىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 3 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

106 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆلچەمگە توشمايدىغان ياكى تەلەپكە يەتمەيدىغان كېمە، پاراخوت يېقىلغۇسى ئىشلەتكەنلەرگە دېڭىز ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى، بېلىقچىلىق مەسئۇل تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى بويىچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

107 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوت يېقىش مەنئى قىلىنغان رايوندا ئېغىر بۇلغىمىلىق يېقىلغۇ ئەسلىھەسىنى يېڭىدىن ياسىغان، كېڭەيتكەنلەر ياكى بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ ئېغىر بۇلغىمىلىق يېقىلغۇنى ئىشلىتىشنى توختاتمىغان ۋە ياكى شەھەردىكى بىر تۇتاش پار بېرىش تۇرۇبا تورى قاپلىغان جايلاردا، كۆمۈر يېقىلغۇلۇق تارقاق پار قازاننى يېڭىدىن ياسىغان، كېڭەيتكەنلەر ياكى بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىگە توشمايدىغان كۆمۈر يېقىلغۇلۇق پار قازاننى چۇۋۇۋەتمىگەنلەرنىڭ ئېغىر بۇلغىمىلىق يېقىلغۇ ئىشلىتىدىغان ئەسلىھەسىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، كۆمۈر يېقىلغۇلۇق پار قازىنىنى چۇۋۇۋەتكۈزىدۇ. قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە توشمايدىغان ياكى تەلەپكە يەتمەيدىغان پار قازاننى ئىشلەپچىقارغان، ئىمپورت قىلغان، ساتقان ياكى ئىشلەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۈپەت نازارەتچىلىكى، مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارماقلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

108 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ تۈزەتمىگەنلەرنى ئىش توختىتىپ تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ:

(1) تەركىبىدە ئۇچۇشچان ئورگانىك ماددا بار كېرەكسىز گاز پەيدا قىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇلازىمەت پائالىيىتىنى ھىم بولمىغان بوشلۇق ياكى ئۈسكۈنە ئارقىلىق قىلغانلار، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسلىھەسىنى بەلگىلىمە بويىچە ئورناتمىغان، ئىشلەتمىگەن ياكى كېرەكسىز گاز چىقىرىشنى ئازايتىش تەدبىرىنى قوللانمىغانلار؛

(2) سۇۋاق بېزەكچىلىك سانائەت كارخانىلىرىدىن ئورگانىك ماددا مىقدارى تۆۋەن بولغان سۇۋاق ماتېرىيالى ئىشلەتمىگەنلىرى ياكى قونداق ھېسابات دەپتىرى تۇتمىغان، ساقلىمىغانلىرى؛

(3) نېفىت – خىمىيە سانائىتى شۇنىڭدەك باشقا ئورگانىك ئېرىتكۈچنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە ئىشلىتىدىغان كارخانىلاردىن تۇرۇبا يولى، ئۈسكۈنىلەرنى كۈندىلىك ئاسراش، رېمونت قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللانماي، ماتېرىيالنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئازايتمىغانلىرى ياكى ئېقىپ كەتكەن ماتېرىيالنى ۋاقتىدا يىغىپ بىر تەرەپ قىلمىغانلىرى؛

(4) ماي، گاز ئىسكىلاتلىرى، ماي، گاز پونكىتلىرى ۋە ماي باكلىق ئاپتوموبىل، گاز باكلىق ئاپتوموبىل قاتارلىقلارغا ماي، گازنى قايتۇرۇۋېلىش قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىش ۋە نورمال ئىشلىتىشتە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(5) پولات – تۆمۈر، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، رەڭلىك مېتال، نېفىت – خىمىيە سانائىتى، دورىگەرلىك، قېزىلما بايلىقنى قېزىش قاتارلىق كارخانىلاردىن بىر تۇتاش يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش، ھىم ئوراش، توسۇش، يېپىش، تازىلاش، سۇ چېچىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانماي، توزان ۋە گازلىق بۇلغىمىلارنى چىقىرىشنى تىزگىنلىمىگەن، ئازايتمىغانلىرى؛

(6) سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا، ئەخلەتلەرنى كۆمۈشتە ياكى باشقا پائالىيەتلەرنى قىلىشتا، يېنىشچان گازنى يىغىۋېلىپ پايدىلانمىغان، يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش شارائىتى ھازىرلىماي، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، بىر تەرەپ قىلىش ئىشىنى قىلمىغان ياكى يېنىشچان گازدىن يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش قۇرۇلمىسىنى نورمال ئىشلەتمىگەن، ئۇنى ۋاقتىدا ئوڭشىمىغان ياكى يېڭىلىمىغانلار.

109 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى، يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىنى ئىشلەپچىقارغانلارنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، مال قىممىتىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 3 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ، بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىگە يەتكۈزگىلى بولمايدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى، يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىسىنى مۇسادىرە قىلىپ يەنجىۋېتىدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلارنى ئىش توختىتىپ تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇل تارمىقى شۇ تىپتىكى قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ.

موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى، يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، موتورغا، بۇلغىمىنى تىزگىنلەش قۇرۇلمىسىغا ساختىلىق ئىشلىتىپ، ناچىرىنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىپ، بۇلغىما چىقىرىش بويىچە تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك مەھسۇلات دەپ زاۋۇتتىن چىقىرىپ ساتقانلىرىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ئىش توختىتىپ تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، مال قىممىتىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 3 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ، بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىگە يەتكۈزگىلى بولمايدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى، يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىسىنى مۇسادىرە قىلىپ يەنجىۋېتىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇل تارمىقى شۇ تىپتىكى قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتشقا بۇيرۇيدۇ.

110 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى، يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىنى ئىمپورت قىلغان، ساتقانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، چېگرا پىرىيوم – كارانتىن ئاپپاراتى مەسئۇلىيىتى بويىچە مۇسادىرە قىلىدۇ، مال قىممىتىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 3 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ، بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىگە يەتمەيدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى، يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىسىنى مۇسادىرە قىلىپ يەنجىۋېتىدۇ؛ ئىمپورت قىلىشتا ئەتكەسچىلىك قىلمىشى شەكىللەندۈرگەنلەرگە تاموژنا قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ.

ساتقۇچىلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى، يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىلارنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىگە توشمايدىغانلىرىنى ساتقانلىرى رېمونت قىلىش، ئالماشتۇرۇش، قايتۇرۇشقا ئىگە بولۇشى كېرەك؛ سېتىۋالغۇچىغا زىيان سالغانلىرى زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.

111 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەپچىقارغان، ئىمپورت قىلغان كارخانىلاردىن ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان، ئىمپورت قىلغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغىما چىقىرىش بويىچە تەكشۈرۈش ئۇچۇرى ياكى بۇلغىما تىزگىنلەش تېخنىكا ئۇچۇرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىشلەپچىقارغان، ئىمپورت قىلغان كارخانىلاردىن ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان، ئىمپورت قىلغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تىپىغا ئالاقىدار رېمونت قىلىش تېخنىكا ئۇچۇرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

112 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى، يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىلارنىڭ بۇلغىما چىقىرىشىنى تەكشۈرگەنلىك نەتىجىسىنى ئويدۇرۇپ چىققان ياكى بۇلغىما چىقىرىشنى تەكشۈرگەنلىك ھەققىدە ساختا دوكلات چىقىرىپ بەرگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ تەكشۈرۈش سالاھىيىتىنى ساپا بېكىتكۈچى تارماق بىكار قىلىدۇ.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، كېمە – پاراخوتلارنىڭ بۇلغىما چىقىرىشىنى تەكشۈرگەنلىك نەتىجىسىنى ئويدۇرۇپ چىققان ياكى بۇلغىما چىقىرىشنى تەكشۈرگەنلىك ھەققىدە ساختا دوكلات بەرگەنلەرگە دېڭىز ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ بۇلغىما تىزگىنلەش قۇرۇلمىسىنى ۋاقىتلىق ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ساختىپەزلىك ئۇسۇلى ئارقىلىق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ بۇلغىما چىقىرىش تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈۋالغان ياكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئورنىتىلغان بۇلغىما چىقىرىش دىياگنوز سىستېمىسىنى بۇزۇۋەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسىگە 5000 يۈەن جەرىمانە قويىدۇ؛ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى رېمونت قىلغۇچى ئورۇنغا ھەر بىر قاتناش ۋاسىتىسى ئۈچۈن 5000 يۈەن جەرىمانە قويىدۇ.

113 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەردىن بۇلغىما چىقىرىش تەكشۈرۈشىدىن ئۆتەلمىگەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ يولغا چىققانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ.

114 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، بۇلغىما چىقىرىشتا لاياقەتسىز بولغان، يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىلارنى ئىشلەتكەن ياكى ئېغىر تىپتىكى دىزېلىنلىق ئاپتوموبىلىنى ئىشلەتكەن، يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىغا بۇلغىمىنى تىزگىنلەش قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىش، ئالماشتۇرۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 5000 يۈەن جەرىمانە قويىدۇ.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، كۆپ بۇلغىما چىقىرىدىغان يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىنى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان رايوندا ئىشلەتكەنلەرگە شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلىرى قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ.

115 – ماددا قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلىرىنى ئىش توختىتىپ تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ:

(1) قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان جاينى پۇختا توسمىغان ياكى يېپىش، بۆلەكلەر بويىچە مەشغۇلات قىلىش، ۋاقىت تاللاپ قۇرۇلۇش قىلىش، سۇ چېچىپ چاڭ – توزان بېسىش، يەر يۈزى ۋە قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يۇيۇش قاتارلىق چاڭ – توزان ئازايتىش، چاڭ – توزاندىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللانمىغانلار؛

(2) بىناكارلىقتىن چىققان قۇرۇلۇش داشقىلى ۋە بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئەخلىتىنى ۋاقتىدا توشۇۋەتمىگەن ياكى ھىم يېپىش شەكلىنى قوللىنىپ، چاڭ – توزاندىن مۇداپىئەلىنىش تورىنى ھىم ياپمىغانلار.

قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ۋاقتىنچە ئىش باشلىغىلى بولمايدىغان قۇرۇلۇش يېرىنىڭ ئوچۇق قالغان جايلىرىنى ياپمىغان ياكى 3 ئايغىچە قۇرۇلۇش قىلىنمىغان، ئوچۇق قالغان يەرنى كۆكەرتمىگەن، ياساپ قويمىغان ۋە ياپمىغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلار ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.

116 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، كۆمۈر، ئەخلەت، داشقال، شېغىل، توپا، سېمونت لاي قاتارلىق ئوراقسىز ئاقما ماتېرىياللارنى توشۇغان قاتناش ۋاسىتىسىنى ھىم ئورىمىغان ياكى باشقا چېچىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللانمىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلارنىڭ قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ يولغا چىقىشىغا يول قويمايدۇ.

117 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلارنى ئىش توختىتىپ تۈزىتىشكە ياكى تىجارىتىنى توختىتىپ تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ:

(1) كۆمۈر، كۆمۈر تېشى، شاخار، كۆمۈر كۈلى، سېمونت، ھاك، گەج، شېغىل توپا قاتارلىق ئاسان توزۇيدىغان ماتېرىياللارنى ھىم ئورىمىغانلار؛

(2) ھىم ئورىغىلى بولمايدىغان ئاسان توزۇيدىغان ماتېرىياللارنى دۆۋىسىدىن ئېگىز توسۇق ئورناتمىغان ياكى چاڭ – توزاندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈملۈك يېپىش تەدبىرلىرىنى قوللانمىغانلار؛

(3) ماتېرىياللارنى قاچىلاش، چۈشۈرۈشتە ھىملاش ياكى سۇ پۈركۈشتەك چاڭ – توزان تىزگىنلەش ئۇسۇلىنى قوللانمىغانلار؛

(4) كۆمۈر، كۆمۈر تېشى، شاخار، كۆمۈر كۈلى قاتارلىق ماتېرىياللارنى ساقلاشتا كۆيۈشتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللانمىغانلار؛

(5) پىرىستان، كان، كۆمۈش مەيدانلىرى، بىر تەرەپ قىلىش مەيدانلىرىدىن توزاندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللانمىغانلار؛

(6) ئاتموسفېرانى بۇلغايدىغان زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن زەھەرلىك، زىيانلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىدىغان كارخانا – كەسپىي ئورۇنلاردىن مۇھىت خەۋپ – خەتىرى سىگنالى سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا ياكى بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى قەرەللىك كۆزىتىش، مۇھىت بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش ھەمدە مۇھىت خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(7) ئاتموسفېراغا ساقلىنىشچان ئورگانىك بۇلغىمىنى چىقارغان كارخانا – كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچىلار شۇنىڭدەك تاشلاندۇقلارنى كۆيدۈرۈش ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشتۈرىدىغان ئورۇنلاردىن ئۇزاققىچە ساقلىنىدىغان ئورگانىك بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشقا پايدىلىق تېخنىكا ئۇسۇلى ۋە تېخنىكىسىنى قوللىنىش، تازىلاش قۇرۇلمىسىنى سەپلەشتە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(8) سېسىق گاز چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللانمىغانلار.

118 – ماددا بۇس چىقىرىدىغان يېمەك – ئىچمەك مۇلازىمەت تىجارىتى قىلىدىغانلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، بۇس تازىلاش ئەسلىھەسىنى ئورناتمىغان، نورمال ئىشلەتمىگەن ياكى باشقا بۇس تازىلاش تەدبىرىنى قوللانمىغان، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 5000 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلارنى ئىش توختىتىپ تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاھالە تۇرالغۇ بىناسى، سودا تۇرالغۇ – ئۇنىۋېرسال بىناسىغا يۈرۈشلەشكەن مەخسۇس تۇرخۇن قويمىغان، تۇرالغۇ – ئۇنىۋېرسال بىناسى ئىچىدىكى تۇرالغۇ قەۋىتىگە قوشنا سودا بىناسى ئىچىدە بۇس، غەيرىي پۇراق، كېرەكسىز گاز پەيدا قىلىدىغان مۇلازىمەت تۈرىنى يېڭىدىن يولغا قويغان، ئۆزگەرتىپ قۇرغان، كېڭەيتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلارنى تاقاشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى مەنئى قىلغان ۋاقىت ۋە دائىرىدىكى ئوچۇقچىلىقتا يېمەكلىكنى قاقلاپ پىشۇرغان ياكى ئوچۇقچىلىقتا يېمەكلىكنى قاقلاپ پىشۇرۇشقا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قاقلاپ پىشۇرۇش سايمىنى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

119 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاھالە مەركەزلەشكەن رايونلاردا دەل – دەرەخ، ئوت – چۆپلەرگە ئۆتكۈر زەھەرلىك، كۈچلۈك زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنى چاشقان ياكى ئوچۇقچىلىقتا شاخ – شۇمبا، غازاڭ كۆيدۈرۈپ ئىس – تۈتەك چىقىرىپ بۇلغىنىش پەيدا قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاھالە مەركەزلەشكەن جايدا ياكى قانۇن بويىچە ئالاھىدە قوغدىلىدىغان باشقا رايوندا ئاسفالت، ماي قەغەز، كاۋچۇك، سولياۋ، كۆن – خۇرۇم، ئەخلەت ۋە باشقا زەھەرلىك، زىيانلىق ئىس – تۈتەك ۋە سېسىق گاز پەيدا قىلىدىغان ماددىلارنى كۆيدۈرگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئورۇنغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، شەخسكە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمىتى مەنئى قىلغان ۋاقىت ۋە دائىرىدە ساليۇت، پوجاڭزا ئاتقانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ.

120 – ماددا كىيىم – كېچەكنى قۇرۇق يۇيۇش ۋە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى رېمونت قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەت پائالىيىتىدە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، غەلىتە پۇراق، كېرەكسىز گازنى بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلمىسى قاتارلىق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەسىنى ئورناتمىغان ھەمدە نورمال ئىشلەتمەي ئەتراپتىكى مۇھىتقا تەسىر يەتكۈزگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 2000 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلارنى ئىش توختىتىپ تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ.

121 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ھاۋانىڭ ئېغىر بۇلغانغانلىق ھەققىدىكى سىگنال ئۇچۇرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلەرگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ توپا – تاش مەشغۇلاتىنى توختىتىش ياكى ئىمارەتنى چېقىۋېتىش قاتارلىق ئېغىر ھاۋا بۇلغىنىشىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى ئىجرا قىلماي تۇرۇۋالغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

122 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىش ھادىسىسى پەيدا قىلغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ ماددىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جەرىمانە قويىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا كارخانا، كەسپى ئورۇندىن ئالدىنقى يىلدا ئېرىشكەن كىرىمىنىڭ %50تىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

ئاتموسفېرانىڭ ئادەتتىكىدەك ياكى ئېغىرراق بۇلغىنىش ھادىسىسىنى پەيدا قىلغانلارغا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشتىن بولغان بىۋاسىتە زىياننىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 3 ھەسسىسىدىن تۆۋەن ئۆلچەم بويىچە ھېسابلاپ جەرىمانە قويىدۇ؛ ئاتموسفېرانىڭ ئېغىر ياكى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشتىن بولغان بىۋاسىتە زىياننىڭ 3 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن ئۆلچەم بويىچە ھېسابلاپ جەرىمانە قويۇلىدۇ.

123 – ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچىلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىلگەن، تۈزىتىشكە بۇيرۇلغان بولسىمۇ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلىرىغا قانۇن بويىچە جازا قارارى چىقارغان مەمۇرىي ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ، ئەسلىدىكى جەرىمانە سوممىسىغا قاراپ، كۈن بويىچە ھېسابلاپ داۋاملىق جازا بەرسە بولىدۇ:

(1) قانۇن بويىچە بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى ئالماي تۇرۇپ، ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقارغانلار؛

(2) ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما چىقارغان ياكى نۇقتىلىق ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما چىقارغانلار؛

(3) نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن قېچىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقارغانلار؛

(4) قۇرۇلۇش قىلىش ياكى ئاسانلا چاڭ – توزان پەيدا قىلىدىغان ماتېرىياللارنى ساقلاشتا، چاڭ – توزاندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتەك ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمىغانلار.

124 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، پاش قىلغۇچىدىن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش، ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆچ ئالغانلار ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

125 – ماددا ئاتموسفېراغا بۇلغىما چىقىرىپ زىيان پەيدا قىلغانلار ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

126 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارماقلىرى ۋە ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماقلار شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتلىك قىلغان، ساختىپەزلىك قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

127 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

8 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

 128 – ماددا دېڭىز – ئوكيان قۇرۇلۇشىدا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

 129 – ماددا بۇ قانۇن 2016 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : پەرغانە غوپۇر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ