2023 - يىلى شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 42 مىليارد 384 مىليون جىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6 مىليارد 113 مىليون جىڭ كۆپىيىپ، %16.9 ئاشقان، ئومۇمىي ھوسۇلنىڭ ئېشىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرغان؛ تېرىلغۇ كۆلىمى 42 مىليون 371 مىڭ 500 مو بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5 مىليون 863 مىڭ 500 مو كۆپىيىپ، %16.1 ئاشقان، تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ ئېشىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرغان. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تېرىلغۇ يەر قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى قوغداش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى ۋە جابدۇق تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا «ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئېشىنچا بولۇش، دۆلەتنى تەمىنلەش»نى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا كۆلەم، بىرلىك ھوسۇل، ئومۇمىي ھوسۇلدا «ئۈچ ئېشىش»تەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاشلىقنىڭ بىرلىك كۆلەم ھوسۇلى 500.14 كىلوگىرام/مو بولۇپ، مو بېشى ھوسۇلى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 3.41 كىلوگىرام ئاشتى. شىنجاڭ سىياسەت يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغىدى. مەركەزنىڭ تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە ئەمەلىي ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا بىر قېتىمدا بېرىلىدىغان 3 مىليارد 290 مىليون يۈەنلىك ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەر مو يەرنىڭ كۈزگى، يازغى بۇغداي ياردەم تولۇقلىمىسىنى 230 يۈەنگە ئۆستۈرۈپ، بۇغداي تېرىغان 1 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىگە نەپ يەتكۈزدى، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىشتىن پايدا ئېلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونىمىز ئاشلىق ساتىدىغان ئامما «ئۇزاق ئۆچرەتتە تۇرۇش» مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەيدۇ

بۇ يىل يازلىق يىغىم مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئاشلىق ساتىدىغان ئامما «ئۇزاق ئۆچرەتتە تۇرۇش» مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەپ، ئاشلىق ساتىدىغان ئاممىنى «ئاشلىقنى كۆڭۈللۈك سېتىش» «ئاشلىقنى رازى بولۇپ سېتىش» «ئاشلىقنى چۈشىنىپ سېتىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن.

شىنجاڭدا يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش باشلاندى

مەبلەغ يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. پۇل مۇئامىلە يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئاشلىق سېتىۋالىدىغان پۇل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى، شىنجاڭ بانكىسى بىلەن يېقىندا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئاشلىق سېتىۋېلىش قەرز پۇلى ئىناۋەت كاپالىتى فوندىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سېتىۋېلىش كارخانىلىرىنىڭ قەرز پۇل ئىناۋەت كاپالەت فوندىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىناۋەتنى ئاشۇرۇپ قەرز ئېلىشىنى ماسلاشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، «پۇل ئاشلىقنى كۈتۈپ تۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى.