6-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شى 10-تۇەن 18-ليەندىكى بۇغدايلىقتا، ئالتۇن رەڭلىك بۇغدايلار مەيىن شامالدا مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى شوپۇرى كومبايىننى ھەيدەپ ئېتىزدا موكىدەك ئۆتۈشۈپ، بۇغداي ئورۇش مەشغۇلاتى بىلەن ئالدىراش ئىدى. ھازىر، بىڭتۇەن 1-شىسىدىكى 283 مىڭ مو كۈزگى بۇغداي ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھاۋانىڭ ئوچۇق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، يىغىۋېلىشنى تېزلەتتى، ئېتىز-ئېرىق باشلىرىدا ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولدى. (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ جىچىڭ)

بۇغداي باشاقلىرى كومبايىن بۆلۈمىسىگە سۈمۈرۈلۈپ، ئورۇش، دان ئايرىش، قالدۇقلارنى چىقىرىۋېتىش بىراقلا تاماملاندى.

ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئەمدىلا ئورۇلغان بۇغداينى ئاپتوموبىلغا قاچىلىماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى