تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

مول ھوسۇلدىن بەختلىك تۇرمۇشنىڭ خۇش ھىدى تارالدى

     ئالتۇن كۈزدىكى 9-ئايدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا مېۋىلەر شېخىنى كۆتۈرەلمەي مەي باغلاپ پىشتى. قىزىل رەڭ، سېرىق رەڭ، بىنەپشە رەڭ، ئاق رەڭ، يېشىل رەڭ... كۈزلۈك يىغىمدىكى شىنجاڭ تۇپرىقى خۇددى كۆچمە رەڭ تەڭشەش تەخسىسىگە ئوخشايدۇ. 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، بىز سىزگە تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى مول ھوسۇل ئېلىش يېڭى مەنزىرىسى، كەسىپ تەرەققىياتىدىكى يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى جانلىق نامايان قىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش دەۋر تومۇرىنى ھېس قىلدۇرىمىز.

ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئۇچتۇرپان بازىرى توققۇز بۇلاق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى لازىنى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇش بىلەن ئالدىراش ئۆتتى. 9-ئايدا، لازا ھوسۇل پەسلىگە كىردى، يىراقلارغا نەزەر سالساق، قىپقىزىل لازىلار قۇرۇتۇش مەيدانىغا يېيىتىلىپ، مول ھوسۇل شادلىقى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چېھرىدە جىلۋىلەندى.

ۋەلى قېيۇم فوتوسى

9-ئاينىڭ 16-كۈنى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى ئۇخاۋچۈ يېزىسى توۋخاۋچۈ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى شوخلا ئۈزمەكتە (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

ئىختىيارىي مۇخبىر چۆ.خۇرە فوتوسى

9-ئاينىڭ 14-كۈنى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى شىگشىن بازىرى خوردۇن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى پىياز يىغماقتا.

ئىختىيارىي مۇخبىر چۆ.خۇرە فوتوسى

9-ئاينىڭ 16-كۈنى، باغراش ناھىيەسى بۇمبۇت بازىرى جىگىسېن نۇر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى كۆممىقوناقلارنى ئاپتاپقا سالماقتا.

ئىختىيارىي مۇخبىر چۆ.خۇرە فوتوسى

9-ئاينىڭ 16-كۈنى، خوشۇت ناھىيەسىدىكى دېھقانلار لازىنى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتماقتا.

ئىختىيارىي مۇخبىر چۆ.خۇرە فوتوسى

9-ئاينىڭ 16-كۈنى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى ئۇخاۋچۈ يېزىسى توۋخاۋچۈ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى سىلوس قونىقى يىغماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

ئىختىيارىي مۇخبىر چۆ.خۇرە فوتوسى

    9-ئاينىڭ 11-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ شىيۈ شىڭيې يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ تاڭدۈن بېغىدىكى 1500 مو ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىدا، ساپاق-ساپاق ئۈزۈملەر بۈك-باراقسان ئۈزۈم بارىڭىدا ساڭگىلاپ تۇراتتى، ئىشچىلار ئۈزۈم ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەنىدى.

ئىختىيارىي مۇخبىرلار ليۇ شىنچېڭ، مۇ يالى، لى يۈشىن فوتوسى، خەۋىرى

9-ئاينىڭ 13-كۈنى، قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چاخېت يېزىسى سار كەنتىدىكى رەڭگارەڭ سالا ئېتىزلارغا بوشلۇقتىن نەزەر(تېزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).   

خې چېڭچياڭ فوتوسى

9-ئاينىڭ 13-كۈنى، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىنىڭ چاخېت يېزىسى سار كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ لازا قۇرۇتۇشىغا ياردەملەشمەكتە(تېزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).   

خې چېڭچياڭ فوتوسى

9-ئاينىڭ 13-كۈنى، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى چاخېت يېزىسى سار كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى لازا ئۈزمەكتە(تېزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).   

خې چېڭچياڭ فوتوسى

9-ئاينىڭ 13-ۈنى، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىنىڭ چاخېت يېزىسى سار كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە لازا قۇرۇتماقتا.   

خې چېڭچياڭ فوتوسى 

9-ئاينىڭ 6-كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ بېھىشباغ يېزىسى كۇكۇش 1-كەنتىدىكى نەشپۈتزارلىقتا، پىشقان نەشپۈتلەر شاخلىرىغا لىق تولغان بولۇپ، باغۋەنلەر ئالدىراش نەشپۈت ئۈزۈۋاتاتتى.

ئىختىيارىي مۇخبىر تۇرسۇن توختى

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا شەھىرى «پارتىيە ياچېيكىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + تېخنىكا تايانچلىرى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسى ئارقىلىق، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ خاس باغ-ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىلمىيلەشكەن تېرىقچىلىق، تۈجۈپىلىك پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق، باغ-ئورمانچىلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇپ، باغۋەنلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

9-ئاينىڭ 12-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ئەرشىلدەن بازىرى ئەرشىلدەن كەنتىدىكى دېھقانلار قوناقنى ئاپتاپقا سالماقتا.

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى ئۇرۇقلۇق قوناق ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنى داۋاملىق زورايتتى ۋە كۈچەيتتى، بۇ يىل بۇ ناھىيە 87 مىڭ 200 مو يەرگە ئۇرۇقلۇق قوناق تېرىدى، مو بېشى ھوسۇلىنىڭ 550 كىلوگرامغا يېتىپ، ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ 47 مىليون 960 مىڭ توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

9-ئاينىڭ 11-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئايشىن سىرى بازىرى نادان ماڭقان كەنتىدىكى ئۇرۇقلۇق قوناق بازىسىدا، بىر چوڭ تىپتىكى كومبايىننىڭ يەتكۈزۈش تۇرۇبىسىدىن قوناق دانچىلىرى ئېتىلىپ چىقماقتا.

خۇا يەنمىڭ فوتوسى

9-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى كومسوموللار بازىرىدىكى دېھقانلار لازىلارنى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتماقتا.
يەن شوۋلىن فوتوسى​​ 

​9-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12-شىسى تۇدۇڭخابا دېھقانچىلىق مەيدانىدا تۇنجى نۆۋەتلىك ئۈزۈم مەدەنىيىتى بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى، نەق مەيداندا ئۈزۈم كۆرگەزمىسى، تېتىپ كۆرۈش، ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. 

ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ جىچىڭ    

     ھازىر، تۇدۇڭخابا دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئۆستۈرۈلگەن 20 مىڭ مودىن ئارتۇق ئۈزۈمدىن خوشاللىنارلىق مول ھوسۇل ئېلىندى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۈزۈملەرنى ئۈزۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ساتتى. شۇ كۈنى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۈزۈم مەدەنىيەت بايرىمىدا ئۈزۈملەرنى كۆرسەتتى.

ئۈزۈم بايرىمىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆزلىرى تېرىغان ئۈزۈملەرنى كۆرسەتمەكتە.

ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ جىچىڭ

ئالتۇن كۈزدە، مېۋە-چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى. ئاقسۇ شەھىرىنىڭ خاس باغ-ئورمانچىلىق، تېرىقچىلىق بازىسىدىكى شياڭفېي خەيتاڭ ئارقا-ئارقىدىن پىشىش مەزگىلىگە كىردى. ئاقسۇ شەھىرىنىڭ چۇنجىفاڭ شياڭفېي خەيتاڭ ئۆستۈرۈش بازىسىغا كىرگەندە، قويۇق مېۋە ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ، قىپقىزىل شياڭفېي خەيتاڭلار شاخلىرى كۆتۈرەلمەي قالغان بولۇپ، خۇشاللىنارلىق مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولدى.

ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ يۇڭ، جوۋ جىيۈەن

باغۋەن شياڭفېي خەيتاڭ ئۈزمەكتە.

ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ يۇڭ، جوۋ جىيۈەن

       ئاقسۇ شەھىرىنىڭ خاس باغ-ئورمانچىلىق، تېرىقچىلىق بازىسىدا ئۆستۈرۈلگەن شياڭفېي خەيتاڭنىڭ رەڭگى قىپقىزىل، تەمى چۈرۈك، تاتلىق، قەنت تەركىبى يۇقىرى بولغاچقا، ئىستېمالچىلارنىڭ قىزغىن ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى.  

 9-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئۇچتۇرپان بازىرى توققۇز بۇلاق كەنتىدىكى باغۋەن شاپتۇل ئۈزمەكتە.

ۋەلى قېيۇم فوتوسى

       يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا شەھىرى «پارتىيە ياچېيكىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + تېخنىك + باغۋەن» ئەندىزىسى ئارقىلىق، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ خاس كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى. 

يېقىندا، كۇچا شەھىرىنىڭ دۆڭقوتان بازىرى كۇچا توغراق كەنتىدىكى ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى «تەيكوڭليەن» ئۆستۈرۈش بازىسىدا، دېھقانلار نېلۇپەر ئېتىزىدا پىشقان نېلۇپەرلەرنى ئۈزمەكتە.

ۋۇ لې فوتوسى​ 

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، كۇچا شەھىرى ياقا بازىرى ياقا كەنتىدىكى باغۋەن كۆك ياڭاقنى توشۇماقتا.

تۇرسۇن توختى فوتوسى

      بۇ يىل، كۇچا شەھىرىدىكى 296 مىڭ مو ياڭاقلىقتىن خۇشاللىنارلىق مول ھوسۇل ئېلىندى، ياڭاق ئۆستۈرىدىغان دېھقانلار ھاۋا ئوچۇق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ ياڭاقلارنى ئۈزۈش، پوستىنى سويۇش، يۇيۇش، ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇش، پىششىقلاش، دەرىجىگە ئايرىپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساتتى.

 

8-ئاينىڭ 11-كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ چىمەن بازىرى قايلو كەنتىدىكى تېرىقچىلىق بازىسىدا نەشپۈتتىن مول ھوسۇل ئېلىندى، كەنت ئاھالىلىرى نەشپۈت ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

ۋۇ لې فوتوسى 

       يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىمەن بازىرى ياچېيكا يېتەكلەش، بازار يول باشلاش، پارتىيە ئەزالىرى باشلامچى بولۇش، ئۆمەك تەشكىللەپ تۈرتكە بولۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دېھقانلارنى نەشپۈت ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. ھازىر 12 مىڭ مو يەردە نەشپۈت ئۆستۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 600 مو يەرگە بالدۇر پىشىدىغان نەشپۈت تېرىلدى. 

7-ئاينىڭ 23-كۈنى، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ لاۋتەي يېزىسى لاۋتەي كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى پىشقان پىندىق ياڭىقىنى ئۈزمەكتە.

خې لۇڭ فوتوسى

 

9-ئاينىڭ 4-كۈنى، كۇچا شەھىرى ئىشخلا بازىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار شامالباغ كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شوخلا خىللىشىغا ياردەملەشمەكتە.

 ۋۇ لې فوتوسى

     بۇ يىل بۇ كەنتتە 86 مو يەرگە بىر تۇتاش شوخلا تېرىلغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە مەھسۇلات مىقدارى 500 توننىغا يېتىدىكەن، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ، گۇاڭجوۋ، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا ئاپىرىپ سېتىلىدىكەن.  

9-ئاينىڭ 1-كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىلەن باغۋەنلەر بىرلىكتە شىنمېي توشۇماقتا. ھازىر، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىگە جايلاشقان ئىلى جىنجيۇ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باغۋەنچىلىك تېرىقچىلىق بازىسىدا، 13 مىڭ 400 مو يەردىكى شىنمېي ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى جاغىستاي بازىرى تۆۋەنكى جاغىستاي كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىشىپ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللىدى، باغقا چوڭقۇر چۆكۈپ، باغۋەنلەر بىلەن بىللە شىنمېي ئۈزۈپ، شىنمېي توشۇپ، شىنمېينى ئاپتوموبىلغا بېسىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بەردى. (ئىختىيارىي مۇخبىر خۇا يەنمىڭ)

    □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە

        تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى مول ھوسۇل مەنزىرىسىگە نەزەر سالساق، «قىزىل رەڭ» كۆزنى ئالاھىدە قاماشتۇرىدۇ. شىنجاڭ «قىزىل كەسىپ» كۆلىمىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان لازا مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەن يۆگىمە رەسىمنى نامايان قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، ھەر مىللەت ئاممىنى لازىدىن نەپكە ئېرىشتۈردى. 

تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا لازا قىزاردى 

       شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى تىلغا ئېلىنسا، داپەنجى جەزمەن كەم بولمايدۇ. داپەنجى بارلىققا كەلگەن جاي − ساۋەن شەھىرى شىنجاڭدىكى ئەڭ كۆلەملەشكەن يېمەكلىك لازىسى يىغىش - تارقىتىش ئورنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

       ھازىر، ساۋەن شەھىرى يەنسىخەي بازىرىدىكى 10 مىڭ مولۇق تەبىئىي قۇرۇتۇش مەيدانىدا، لازىلار «ئاپتاپسىنىش»نىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈۋاتاتتى. قىپقىزىل لازىلار كۆز يەتكۈسىز ئالتۇن رەڭلىك چۆل - باياۋانغا چەكسىز ھاياتىي كۈچ قوشقانىدى.

    «بۇ يىل لازا ھوسۇلى بۇلتۇرقىدىن يۇقىرى بولدى. ئەتىيازدا يېڭى سورت كىرگۈزدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە مايسا يېتىشتۈرۈپ كۆچۈرۈپ تىكىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ ئۆستۈرگەچكە، لازىلىرىمىز مۇددەتتىن 10 - 20 كۈن بۇرۇن بازارغا سېلىندى، ھوسۇلىمۇ ئادەتتىكى ئۆستۈرۈشكە سېلىشتۇرغاندا %20 ئەتراپىدا يۇقىرى بولدى.» ساۋەن شەھىرى يەنسىخەي بازىرى شۇاڭچى كەنتىدىكى لازا تېرىقچىلىق ئاھالىسى يۈ گاڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئائىلىمىزنىڭ ھەر مو يەردىكى لازا ھوسۇلى تۆت توننا ئەتراپىدا بولدى. 

يەنسىخەي بازىرىنىڭ بۇ يىللىق ئىنچىكە لازا تېرىش كۆلىمى 40 مىڭ مو بولۇپ، شىنجاڭ بويىچە يېمەكلىك لازىسى تېرىش كۆلىمىنىڭ %60ىنى ئىگىلەيدۇ، يىلىغا 20 مىڭ توننىدىن ئارتۇق قۇرۇتۇلغان لازا ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئۇنىڭ %80تىن كۆپرەكىنى شەنشى، خۇنەن قاتارلىق دۆلىتىمىز ئىچىدىكى لازا پىششىقلاپ ئىشلەش، يىغىش - تارقىتىش چوڭ ئۆلكىلىرىگە ساتىدۇ. 2022 - يىلى، يەنسىخەي بازىرىدىكى يېمەكلىك لازا بازىرىنىڭ سودا سوممىسى 200 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇ يىل 300 مىليون يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەندى.

كىلىمات شارائىتى ياخشى، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق يېتەرلىك بولۇشتەك تەبىئىي ئەۋزەللىك شىنجاڭدا لازا ئۆستۈرۈشنى ئالدىنقى شەرت بىلەن تەمىنلىدى، ھالبۇكى، پەن - تېخنىكا مول ھوسۇل ئېلىشقا ئاساس سالدى.

      يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئالدى - كەينىدە، چۆللۈكتىكى ئاپتاپقا سېلىش مەيدانىدا قىزىل لازىلار ھەممە يەرنى قىپقىزىل تۈسكە كىرگۈزگەنىدى. 

      «مەن بۇ يىل 700 مو يەرگە لازا تېرىدىم، ھوسۇل بۇلتۇرقىدىن يۇقىرى بولدى.» يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى ۋۇخاۋچۈ يېزىسى ۋۇخاۋچۈ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سۇ شياۋمىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى مول ھوسۇل ماشىنىلاشقان مايسا يېتىشتۈرۈپ كۆچۈرۈپ تىكىش تېخنىكىسىدىن ئايرىلالمايدۇ، ماشىنىلاشقان مايسا كۆچۈرۈپ تىكىشتە ۋاقىت، كۈچ، ئادەم كۈچىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ، دېھقانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، تېجەپ قالغانلىقنىڭ ئۆزى پۇل تاپقانلىق. 

    بۇ يىل، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا تېرىلغان سانائەت لازىسىنىڭ ھەممىسى ماشىنا ئارقىلىق مايسا يېتىشتۈرۈپ كۆچۈرۈلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جاي لازىنى تۈجۈپىلەپ تېرىش سىيالكىسى، مايسا كۆچۈرۈپ تىكىش ماشىنىسى قاتارلىق يېڭى ماشىنا - ئۈسكۈنىلەرنى ئۈزلۈكسىز كىرگۈزۈپ، ماشىنىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەنئەنىۋى ئادەم كۈچىگە تايىنىپ كۆچۈرۈپ تىكىشتىكى ئەمگەك سىجىللىقى زور، ئۈنۈم تۆۋەن، تەننەرخ يۇقىرى بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، لازا كەسپىنىڭ كەسىپلىشىپ، كۆلەملىشىپ، ئۆلچەملىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. بايىنغولىن ئوبلاستىدا بۇ يىل 500 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە لازا تېرىلدى، ھوسۇلنىڭ 1 مىليون 400 مىڭ توننىدىن ئاشىدىغانلىقى، مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 2 مىليارد 530 مىليون يۈەن بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. 

    يەنسىخەي لازىسى، يەنجى لازىسى، باغراش لازىسى، يېڭىسار ئالاھىدە ئاچچىق لازىسى، شايار پىگمېنتلىق لازىسى... بۇ مول ھوسۇل پەسلىدە، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى، تېرىش - پەرۋىش قىلىش ئەندىزىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، لازىلار تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى قىپقىزىل تۈسكە كىرگۈزدى. 

دۆلەت ئىچى-سىرتىغا «لازا ھىدى» تارالدى 

      «ئائىلىمىز بۇ يىل 40 مو يەرگە لازا تېرىدۇق، ھازىرغىچە 12 توننا لازا سېتىپ، 50 نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلدۇق، ھەممىنى سېتىپ بولساق مۆلچەرىمچە 200 نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمىز» دېدى يېڭىسار ناھىيەسى ساغان بازىرى تېرەك ئالدى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى قاھار تۇردى. 

   يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، يېڭىسار ناھىيەسىدە 70 مىڭ مو يەردىكى ئالاھىدە ئاچچىق لازىنى يىغىش، سېتىش خىزمىتى قىزغىن داۋاملاشتى. ماس كېلىدىغان ئېكولوگىيە، كىلىمات ۋە مۇھىت ئەۋزەللىكىدە يېتىشتۈرۈلگەن ئالاھىدە ئاچچىق لازىنىڭ پۇرىقى كۈچلۈك، ئاچچىقلىق دەرىجىسى مۇۋاپىق بولغاچقا، لازىنىڭ سۈپىتىگە «قاتتىق» تەلەپ قويىدىغان يۈننەن، گۇيجوۋ، سىچۇەن رايونلىرى ھەمدە خۇنەن، خېنەن، شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى بازارلاردا پۇت دەسسەپ تۇرالىدى. 

    نۆۋەتتە، يېڭىسار ناھىيەسىدە لازا سېتىۋېلىش ۋە پىششىقلاش كارخانىسىدىن بەشى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 20 نەچچىسى بار. قەشقەر «خەيخۇڭ» يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى شۇلارنىڭ بىرى، بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى پېڭ چۇەنخەي مۇنداق دېدى: «بۇ يىل، شىركىتىمىز 15 مىڭ توننا يېڭى لازا، 2000 توننا ئەتراپىدا قۇرۇق لازا سېتىۋېلىشنى مۆلچەرلىدى، بۇ، لازا تېرىغان دېھقانلارنىڭ ھەر مو يەردىن ئوتتۇرىچە 6000 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ». 

    شىنجاڭ «لازىسىنىڭ ھىدى» پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارىلىپلا قالماي، دۆلەت دەرۋازىسىدىنمۇ چىقتى

   «يەنە بىر ھەپتىدىن كېيىن، بىزنىڭ پىگمېنتلىق لازىنى يىغىۋېلىش خىزمىتىمىز يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. نۆۋەتتە، شىركىتىمىز 10 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە تېرىغان لازىنىڭ      1000 مودىن ئارتۇق يەردىكىسى تېخى يىغىۋېلىنماي تۇرۇپلا ئالدىن سېتىلىپ بولدى» دېدى شىنجاڭ جېجاڭ كارخانا تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ جىجۇڭ. 

  2019-يىلى، بۇ شىركەت شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كارخانا سۈپىتىدە شايار ناھىيەسىگە ماكانلاشتى. جاڭ جىجۇڭ مۇنداق دېدى: شايار ناھىيەسىدە ئىشلەپچىقىرىلغان پىگمېنتلىق لازا دانىسى چوڭ، ئايرىۋېلىنغان پىگمېنتنىڭ ساپلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغاچقا، ئاز ئۇچرايدىغان يېشىل يېمەكلىك بولۇپ، بازاردا قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى. ئېكسپورت سودىگەرلىرىنىڭ ياردىمىدە، بۇلتۇر، شايار ناھىيەسىنىڭ پىگمېنتلىق لازىسى تۇنجى قېتىم چەت ئەل بازارلىرىغا كىرىپ، ئىسپانىيە، رۇسىيە، كورېيە، تايلاند، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىندى. 

     «بۇ يىللىق ئېكسپورت مىقدارى يەنە ئاشىدۇ، ئىككى كۈندىن بۇيان نۇرغۇن ئېكسپورت سودىگەرلىرى لازا كۆرگىلى كەلدى» دېدى جاڭ جىجۇڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

    شايار ناھىيەسىدىن باشقا، باغراش ناھىيەسى، ئونسۇ ناھىيەسى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا تېرىلغان لازىلارمۇ بەس - بەستە دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئالقىشقا ئېرىشتى. 

   زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىش «ئاچچىق تەم»نى ئاشۇردى

     يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كوناشەھەر ناھىيەسى خۇەنتەيپىڭياڭ ۋەنگويۈەن (شىنجاڭ) مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ لازا پىششىقلاش سېخىدا، ماشىنىلار توختىماي ھەرىكەتلىنىپ، ئىشچىلار ئالدىراش ئىشلىدى. 

   خام ئەشيادىكى ئارىلاشمىلارنى تازىلاش، لازا ساپىقىنى كېسىش، رەڭگى بويىچە تاللاش... بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ خۇڭۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: بىر قاتار مەشغۇلاتلار ئارقىلىق، لازىلار پاكىز تازىلىنىپ، ئاندىن ئايرىپ قاچىلىنىپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىلىدۇ. شىركىتىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىقى شەندۇڭ، يۈننەن، سىچۇەن، گۇيجوۋ قاتارلىق جايلارغا سېتىلىپ، خوگو ماتېرىيالى، لاۋگەنما لازا قىيامىنىڭ خام ئەشياسى قىلىنىدۇ. بۇ يىل شىركىتىمىز 15 مىڭ توننا ئەتراپىدا يېڭى لازا سېتىۋېلىپ، 3000 توننا ئەتراپىدا قۇرۇق لازا ئىشلەپچىقىرىشنى مۆلچەرلىدى.

    يېڭى لازىنى قاقلاپ قۇرۇتۇپ ياكى ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، خام ماتېرىيالغا ئايلاندۇرۇپ ئاندىن سېتىشتىن ئىبارەت بۇنداق دەسلەپكى پىششىقلاش پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى لازا ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا ھېلىھەم ئۆلچەملىك سەپلىمە ھېسابلىنىدۇ. قانداق قىلىپ كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىش ھەرقايسى جايلار ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىۋاتقان ساھەگە ئايلاندى.

   ئۇۋاق لازا، لازا قىيامى، خوگو ماتېرىيالى، مىفېن قىيامى، كەسكەن لازا... بۈگۈنكى كۈندە ساۋەندە لازا 40 نەچچە خىل مەھسۇلاتقا ئايلاندى. «كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، لازىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇش بىزنىڭ ئىزچىل تىرىشىش نىشانىمىز» دېدى ساۋەن شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاۋ يۇڭجيەن. 

   قۇرۇلغىنىغا 20 نەچچە يىل بولغان شىئېردەن يېمەكلىك شىركىتى ئىزچىل شىنجاڭنىڭ يەرلىك لازىسىنى خام ماتېرىيال قىلىپ، «زاكازلىق يېزا ئىگىلىكى» شەكلى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننى تېرىش، ئىشلەپچىقىرىشقا قاتنىشىشقا يېتەكلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قاقلاپ قۇرۇتۇش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى يىلدىن - يىلغا كۆپەيتىپ، ھەر يىلى خام ماتېرىيال ئىشلىتىش مىقدارىنى 100 توننا ئاشۇرۇش سەۋىيەسىنى ساقلاپ كەلدى. 

    بازار ئېھتىياجىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، شىئېردەن يېمەكلىك شىركىتى چولپان مەھسۇلاتى «شۆليەن لاجياۋسى» ئاساسىدا، بىر تەرەپتىن مەھسۇلات تۈرىنى كېڭەيتسە، بىر تەرەپتىن بازارغا ئۇيغۇنلىشىپ، شىنجاڭ نانبەگ يېمەكلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، لازا ناننىڭ خام ماتېرىيالىنى تەمىنلىدى، كۆپلىگەن مىفېن ئاشخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، مىفېن قىيامى بىلەن تەمىنلىدى. ھازىر بۇ كارخانا تۆت چوڭ تۈردىكى 100 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىپ دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى بازارلارغا يۈزلىنىپ ساتتى. 

    بۈگۈنكى كۈندە، لازىنىڭ بۇنداق «شەكىل ئۆزگەرتىش»ى ھەر كۈنى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى لازا پىششىقلاش كارخانىلىرىدا يۈزبېرىۋاتىدۇ، بۇ قىپقىزىل لازىلار خام ئەشيا، يېمەكلىك قاتارلىق شەكىللەردە تېخىمۇ كەڭ بازارغا يۈزلەنمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ لازىسىنىڭ يېڭى سورتى بولغان پىگمېنتلىق لازا دىئوۋ، شياڭنەيئېر قاتارلىق نۇرغۇن خەلقئارالىق داڭلىق لەۋ سۇرۇخلارنىڭ خام ماتېرىيالى بولۇپ قالدى. زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ لازىسى گۈزەل ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.