تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش باشلاندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، مەكىت ناھىيەسى جىنمەي ئاشلىق - ياغ سېتىۋېلىش - سېتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قىزىلئاۋات يېزىسىدىكى شۆبە شىركىتى ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ بۇغدىيىنى سېتىۋېلىشنى باشلىغان، بۇ، شىنجاڭدا بۇ يىللىق يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

«11 توننا بۇغداي ساتتىم، دەرىجىسى 1 - دەرىجە بولۇپ، ھەر كىلوگىرامى 2.45 يۈەن بولدى.» مەكىت ناھىيەسى قىزىلئاۋات يېزىسى باغھويلا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەمەتتۇرسۇن ئاۋۇت مۇنداق دېدى: خىزمەتچى خادىملارنىڭ تەييارلىقى تولۇق ئىكەن، جىڭلاش، تەكشۈرۈش قاتارلىق سېتىش ھالقىلىرى تېز، تەرتىپلىك بولۇپ، ئاشلىقنى قولدىن چىقارساقلا، پۇل ھېساباتقا كىرىدۇ.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش مىقدارىدا تارىختىكى يۇقىرى سەۋىيە ساقلىنىدىكەن. يېقىنقى مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش ئاساسىدا، سېتىۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇرغان، ئورۇنلاشتۇرما قىلغان. ھەرقايسى جايلار خادىملارنى تەربىيەلەش، ئامبارلارنى بىكارلاش - بىرلەشتۈرۈش، ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلام ئاشلىق پونكىتى، ئامبارلىرى ھەم ئاشلىقنى ئاپتاپقا سېلىش مەيدانلىرىنى رېمونت قىلىپ، ئاشلىقنى ئامباردا ساقلاش - باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەن. نۆۋەتتە، شىنجاڭ بويىچە تەييارلانغان سېتىۋېلىش ئامبارلىرىنىڭ سىغىمى 4 مىليون 650 مىڭ توننا ئىكەن.

«كۆپ مەنبەلىك سۇبيېكتلارنىڭ بازارغا كىرىپ سېتىۋېلىشىغا داۋاملىق ئىلھام بېرىلدى ھەم ئاشلىقنى بازارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىشقا ياخشى مۇھىت يارىتىلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى ئاشلىق زاپاس ساقلاش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى دىڭ باۋدېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش تارماقلىرى ئاشلىق سېتىۋېلىش كارخانىلىرىنى ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇش چارىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تاماملاپ، كارخانىلارنىڭ توردا ئەنگە ئالدۇرۇشىنى يەنىمۇ قولايلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاشلىق ۋاسىتىچىلىرىنىڭ تىجارەت مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، خەلق ئۈچۈن، كارخانا ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىق سېتىۋېلىش بويىچە ئەنگە ئالدۇرغان كارخانا 450كە يېتىپ، كۆپ مەنبەلىك سۇبيېكتلار بازارغا كىرىشتە ئاكتىپ بولدى.

مەبلەغ يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. پۇل مۇئامىلە يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئاشلىق سېتىۋالىدىغان پۇل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى، شىنجاڭ بانكىسى بىلەن يېقىندا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئاشلىق سېتىۋېلىش قەرز پۇلى ئىناۋەت كاپالىتى فوندىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سېتىۋېلىش كارخانىلىرىنىڭ قەرز پۇل ئىناۋەت كاپالەت فوندىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىناۋەتنى ئاشۇرۇپ قەرز ئېلىشىنى ماسلاشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، «پۇل ئاشلىقنى كۈتۈپ تۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قوناق، شال، دادۇرنى فوندنىڭ قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، تۈرلۈك ئاشلىق سېتىۋېلىش سۇبيېكتلىرىنى قەرز پۇل مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل شىنجاڭ بويىچە يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشقا 10 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ كېتىدىكەن، نۆۋەتتە 11 مىليارد 600 مىليون يۈەن تەييارلانغان بولۇپ، سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىكەن.

«ئاشلىق ساتىدىغان دېھقانلارنى ئاز قاتراش، ئاز ئۆچرەتتە تۇرۇش، ئاشلىقنى تېز سېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.» دىڭ باۋدېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش باشلانغاندىن كېيىن، ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش تارماقلىرى ئاشلىق ساتىدىغان ئامما «ئۇزاق ئۆچرەتتە تۇرۇش» ۋە ئاشلىق دەرىجىسىنى، باھاسىنى چۈشۈرۈش، نەملىك، ئارىلاشما تەركىبىگە كۆپ چىقىرىۋېتىش ھەمدە ئاشلىق ساتقان پۇلنى نېسى قالدۇرۇش، «ئاق ھۆججەت بېرىش» مەسىلىسىگە نۇقتىلىق چىڭ قادىلىپ، ئاشلىق ساتىدىغان ئاممىنى «ئاشلىقنى كۆڭۈللۈك سېتىش» «ئاشلىقنى رازى بولۇپ سېتىش» «ئاشلىقنى چۈشىنىپ سېتىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بازارنىڭ ھەرىكەتچان ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، ئاشلىق تەمىنلەش - تەلەپ ۋەزىيىتى، باھا يۈزلىنىشى، ئىستېمال ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەھلىل قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىپ، ئۇچۇر ئېلان قىلىش ۋە سىياسەت چۈشەندۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك سۇبيېكتلارنى سېتىۋېلىش - سېتىش پائالىيىتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، بۇغداي بازىرى كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.