تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«يازنىڭ ئۈچ ئىشى» داۋاملاشماقتا| ئاۋاتتا بۇغدايلار يەلپۈنۈپ گۈزەل مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولدى

  ھازىر، ئاۋات ناھىيەسىدىكى 320 مىڭ مو يەردىكى كۈزگى بۇغداي مول ھوسۇل شادلىقىدىن شەپە بەردى، بۇ ناھىيە 308 كومبايىن تەشكىللەپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىپ، بۇغداينى ئامبارغا تولۇق كىرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلدى. يېقىندا، ئايباغ بازىرىنىڭ بەخت كەنتىدىكى بۇغدايلىقتا كومبايىنلار ئېتىزلىقتا پىشقان بۇغدايلارنى ئورۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئېتىز-ئېرىق باشلىرىدا ئالدىراشچىلىققا تولغان مەنزىرە نامايان بولدى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار روشەنگۈل ئادىل، رابىيە مەمەت)

  بۇ يىل، ئاۋات ناھىيەسى ئالدىن پىلانلاپ، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى تىرەكلىك، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يازلىق يىغىم خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  دېھقانلار ئەمدىلا ھوسۇل ئالغان بۇغداينى تەكشۈرمەكتە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.