تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز ئاشلىق ساتىدىغان ئامما «ئۇزاق ئۆچرەتتە تۇرۇش» مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەيدۇ

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش سىياسىتىنى يېشىپ چۈشەندۈرۈش بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل يازلىق يىغىم مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئاشلىق ساتىدىغان ئامما «ئۇزاق ئۆچرەتتە تۇرۇش» مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەپ، ئاشلىق ساتىدىغان ئاممىنى «ئاشلىقنى كۆڭۈللۈك سېتىش» «ئاشلىقنى رازى بولۇپ سېتىش» «ئاشلىقنى چۈشىنىپ سېتىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش تارماقلىرى ئاشلىق ساتىدىغان ئامما «ئۇزاق ئۆچرەتتە تۇرۇش» ۋە دەرىجە ـ باھانى تۆۋەنلىتىش، نەملىك، ئارىلاشما تەركىبكە كۆپ چىقىرىۋېتىش ھەم ئاشلىق ساتقان پۇلنى نېسى قالدۇرۇش، «ئاق ھۆججەت بېرىش» مەسىلىسىگە چىڭ قادىلىپ، ئاشلىق سېتىۋېلىشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايون ھالقىپ، تارماق ھالقىپ، قاتلام ـ دەرىجە ھالقىپ، ئاساسىي گەۋدە ھالقىپ ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئېتىز باشلىرىغا ۋە سېتىۋېلىش بىرىنچى سېپىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلار، سېتىۋېلىش كارخانىلىرى، ئاساسىي قاتلام تارماقلىرى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر ـ تەكلىپلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، سېتىۋېلىش سىياسەت ـ تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش جەريانىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىدىكەن.

شىنجاڭ يەنە دېھقانلار ئۈچۈن، كارخانىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق بۇ يىللىق يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ. ھەرقايسى جايلار ئاممىنىڭ قولايلىق، راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئاشلىق سېتىش ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، مۇلازىمەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىزدىنىش، كېڭەيتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، APP، كىچىك پىروگرامما، ئاممىۋى سۇپا قاتارلىقلاردا ئالدىن كېلىشىش ئۇسۇللىرىنى ئىجادىي قوللىنىپ، سېتىۋېلىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق ساتىدىغان ئاممىنى ئاز قاتراش، ئاز ئۆچرەتتە تۇرۇش، ئاشلىقنى تېز سېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تازىلاش، قۇرۇتۇش، يىغىپ ساقلاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلەيدۇ؛ دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئاشلىقنى ئىلمىي ساقلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، دېھقانلارنىڭ زىياننى ئازايتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ سېتىۋېلىش ـ ساقلاش كارخانىلىرىنىڭ ئامباردا ساقلاش ئەسلىھەلىرى شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئىلغار، مۇۋاپىق كېلىدىغان تېخنىكا ۋە جابدۇقلارنى ئەمەلىي قوللىنىپ، ئامباردا ساقلاشنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش تارماقلىرى «ئاشلىق سېتىۋالىدىغان ئادەم بولۇش، ئاشلىق سېتىۋالىدىغان پۇل بولۇش، ئاشلىق ساقلايدىغان ئامبار بولۇش، ئاشلىق توشۇيدىغان ئاپتوموبىل بولۇش، ئاشلىقنى گۈللەندۈرىدىغان كەسىپ بولۇش، ئاشلىقنى قوغدايدىغان قانۇن بولۇش»نى چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلغان. ئاپتونوم رايون بويىچە 4 مىليون 650 مىڭ توننا ئاشلىق سىغىدىغان ئامبار، 11 مىليارد 600 مىليون يۈەن سېتىۋېلىش مەبلىغى تەييارلانغان بولۇپ، سېتىۋېلىش خىزمىتى ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 116 مىڭ توننا بۇغداي سېتىۋېلىنغان بولۇپ، 3 ـ دەرىجە ھەم 3 ـ دەرىجىدىن يۇقىرى بۇغداينىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ ئوتتۇرىچە سېتىۋېلىش باھاسى 2.43 يۈەن بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.