تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى 600 مىڭ مودىن ئارتۇق يازلىق ئاشلىق ئارقا-ئارقىدىن ئامبارغا كىرگۈزۈلدى

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا فوتوسى، خەۋىرى) «بۇ يەر ئاشلىق سېتىشىمىزغا بەك ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ، ئاشلىقنى ئاپتوموبىلدىن بەك تېز چۈشۈرىدۇ، ئاشلىق ساتقان پۇلىمىزنى بىۋاسىتە كارتىمىزغا ئۇرۇپ بېرىدۇ» 7-ئاينىڭ 3-كۈنى، مەركەز زاپاس ئاشلىقى بايىنغولىن بىۋاسىتە قاراشلىق ئامبار چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاشلىق يىغىۋېلىش نەق مەيدانىدا، يازلىق ئاشلىقنى ئەمدىلا سېتىپ بولغان دېھقان ما كۈنپېڭ خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.

7-ئاينىڭ 3-كۈنى، يازلىق ئاشلىق ساتىدىغانلارنىڭ ئاپتوموبىللىرى ئاشلىق سېتىش نەق مەيدانىغا تەرتىپلىك كىرمەكتە.

مەركەز زاپاس ئاشلىقى بايىنغولىن بىۋاسىتە قاراشلىق ئامبار چەكلىك شىركىتى ئامبار رايونى دەرۋازىسى، ئاشلىق سېتىش نەق مەيدانىدا بىر پونكىت شەكلىدىكى مۇلازىمەت مەركىزى تەسىس قىلىپ، ئاشلىق ساتقان دېھقان ئائىلىلىرىنى سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى ھەم چاي، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش دورىسى قاتارلىق بۇيۇملار بىلەن تەمىنلىدى (7-ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان).

   يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى 600 مىڭ مودىن ئارتۇق بۇغداي ئارقا-ئارقىدىن ئورۇلۇپ ئامبارغا كىرگۈزۈلدى. ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردىكى يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش پونكىتلىرىدا، ئاشلىق توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار تەرتىپلىك ھالدا ئاشلىق ئامبىرىغا كىردى، خىزمەتچى خادىملار قېلىپلاشقان تەرتىپ بويىچە ئەۋرىشكە ئېلىش، تەكشۈرۈش، جىڭلاش، ئاشلىقنى ئاپتوموبىلدىن چۈشۈرۈش، ھېسابات قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارنى تەرتىپلىك ئېلىپ باردى.

  جىڭلاپ سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن، مەركەز زاپاس ئاشلىقى بايىنغولىن بىۋاسىتە قاراشلىق ئامبار چەكلىك شىركىتى ئامبارلارنى ئومۇميۈزلۈك تازىلاپ، دېزىنفېكسىيەلەپ، ئاشلىق توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ كەلگەن ھامان چۈشۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، «ئامبار، ئادەم، پۇل، ماشىنا»دىن ئىبارەت تۆت دەل جايىدا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

7-ئاينىڭ 3-كۈنى، تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ خىزمەتچى خادىمى بۇغداينى تەكشۈرمەكتە.

7-ئاينىڭ 3-كۈنى، تەكشۈرۈش مەركىزىدىكى خىزمەتچى خادىم كومپيۇتېردا بۇغدايدىن ئەۋرىشكە ئېلىش جەريانىنى تەكشۈرمەكتە.

   ئامبارغا كىرگۈزۈلگەن ئاشلىق سۈپىتىنىڭ لاياقەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردىكى ئاشلىق ئامبارلىرى تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، كۆپ قاتلاملىق تەكشۈرۈش، تاللاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئاشلىقنى ئامبارغا قەتئىي كىرگۈزمەسلىككە كاپالەتلىك قىلدى.

  مەركەز زاپاس ئاشلىقى بايىنغولىن بىۋاسىتە قاراشلىق ئامبار چەكلىك شىركىتى يەنە ئاشلىق سېتىۋېلىش نەق مەيدانىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا ئاشلىق سېتىۋېلىش-سېتىش كەسپىنى نازارەت قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى چاپلاپ، ئاشلىق ساتىدىغان ئاممىنىڭ مەسىلە ئىنكاس قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كەڭ نازارەتنى قوبۇل قىلىپ، ئاشلىق سېتىۋېلىش جەريانىنىڭ ئاشكارا، ئوچۇق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

7-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاشلىق سېتىۋېلىش نەق مەيدانىدا، سېتىۋېلىنغان بۇغدايلاردىكى ئارىلاشمىلار تازىلانغاندىن كېيىن توشۇش بەلبېغى ئارقىلىق ئاشلىق ئامبىرىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

7-ئاينىڭ 3-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار بۇغداينى ئاپتاپقا سالماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.