
ئانار بۇلۇت╲ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت╲شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لالە خېلىل خەۋىرى) 11-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى(گۇرۇھى) ئاخبارات بىرىنچى سېپىدىكى 9 نەپەر ياش مۇخبىر ۋە مۇھەررىر ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىنجاڭ داشۆسى، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىگە كىرىپ، تېخىمۇ كۆپ ياش ئوقۇغۇچىلارنى ئاخبارات ئۇچۇرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە يېتەكلەپ، ئاساسىي ئېقىم ساداسىنى مەكتەپلەرگە تېخىمۇ چوڭقۇر كىرگۈزدى.
پائالىيەت نەق مەيدانىدا، ئانار بۇلۇت ئابونىچىلار تېرمىنالى مۇھەررىرى شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈر پىدائىيلار تەشۋىقات مۇلازىمەت سۇپىسى، ئانار بۇلۇت شىنجاڭ ئالىي مەكتەپ يېڭى تاراتقۇ ئىشخانىسى( ئىتتىپاقى) ھەم «شىنجاڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. ئۇلار ياش ئوقۇغۇچىلارنى جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىقىغا پائال قاتنىشىپ، «تور تىلى»دىن ئىبارەت ياشلىققا يېقىن ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى جانلىق، كەڭ شەكىلدە تېخىمۇ كۆپ كىشىگە يەتكۈزۈپ، پائال ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مەكتەپ كەيپىياتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى مۇھەررىرى شىنجاڭ داشۆسىدە لېكسىيە سۆزلىمەكتە. ئانار بۇلۇت╲شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لالە خېلىل فوتوسى

ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى مۇھەررىرى شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىدە لېكسىيە سۆزلىمەكتە. ئانار بۇلۇت╲شىنجاڭ گېزىتى پراكتىكانت مۇخبىرى يەن يۈشىڭ فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) سۈرەتلىك خەۋەرلەر بۆلۈمىنىڭ مۇھەررىرى شىنجاڭ داشۆسىدە سۈرەتكە ئېلىش ماھارىتىنى تونۇشتۇرماقتا. ئانار بۇلۇت╲شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لالە خېلىل فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) سىنلىق خەۋەرلەر بۆلۈمىنىڭ مۇھەررىرى شىنجاڭ داشۆسىدە قىسقا سىن تەھرىرلەش ماھارىتىنى تونۇشتۇرماقتا. ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لالە خېلىل فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) سىنلىق خەۋەرلەر بۆلۈمىنىڭ مۇھەررىرى شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىدە قىسقا سىن زىيارەت مۇھىم نۇقتىلىرىنى تونۇشتۇرماقتا. ئانار بۇلۇت╲شىنجاڭ گېزىتى پراكتىكانت مۇخبىرى يەن يۈشىڭ فوتوسى

شىنجاڭ داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى كودنى ساۋما قىلىپ ئانار بۇلۇتنىڭ ئالىي مەكتەپتە تۇرۇشلۇق ئىختىيارىي مۇخبىرى بولۇشنى ئىلتىماس قىلدى. ئانار بۇلۇت╲شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لالە خېلىل فوتوسى

شىنجاڭ داشۆھى ياش پىدائىيلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى تەسىراتىنى ئورتاقلاشماقتا. ئانار بۇلۇت╲شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لالە خېلىل فوتوسى