تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

شەخسلەر تاپاۋەت بېجى، نەتىجە سۈرۈشتۈرۈش، خادىم قوبۇل قىلىش ... بۇ ھەپتىكى ئەسكەرتمىلەرگە دىققەت قىلىڭ

ئەسكەرتمە: شىنجاڭدىكى كەسپىي ئورۇنلارغا 5817 خادىم تەكلىپ قىلىدۇ

   مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2024-يىلى كەسپىي ئورۇنلارغا جەمئىيەتتىن ئاشكارا خىزمەتچى خادىم تەكلىپ قىلىش تۈر ئىمتىھانىغا 2-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن باشلاپ تىزىملىتىش باشلىنىدىكەن، 4090 ئىش ئورنىغا 5817 ئادەم تەكلىپ قىلىنىدىكەن. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تەكلىپ قىلىنىدىغان خادىملارنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىش ئورنىغا ئىمتىھان بېرىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى ئىمتىھاندا شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىنغاندىن سىرت، تۇنجى قېتىم تيەنجىن شەھىرى، چۇڭچىڭ شەھىرى، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرى، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرى ۋە گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ نەننىڭ شەھىرىدە ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان.

    بۇ قېتىمقى خىزمەتچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىش ۋاقتى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 10:30دىن 3-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 18:30غىچە بولۇپ، توردا تىزىملىتىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزى تورى(http://www.xjrsks.com.cn)نى ئېچىپ «تىزىملىتىش تەرتىپى»نى كۆرسە بولىدىكەن. يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى (شەنبە) چۈشتىن بۇرۇن (يېزىقچە ئىمتىھاننىڭ ھەرقايسى پەنلىرىنىڭ كونكرېت ۋاقتىنى ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىدىن كۆرۈۋېلىڭ) ئېلىنىدىكەن. تېخىمۇ كۆپ تەپسىلىي مەزمۇن بۇ يەردە >>>

ئەسكەرتمە: ئىنگلىز تىلى 4-، 6-دەرىجە ئىمتىھانى نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرۈڭ

    2023-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدىكى مەملىكەتلىك داشۆ ئىنگلىز تىلى 4-، 6-دەرىجە ئىمتىھانى (ئېغىزچە ئىمتىھاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نەتىجىسى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 6دە ئېلان قىلىندى! بۇ قېتىم ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار تېزدىن گوۋۇيۈەن ئابونىچىلار تېرمىنالى كىچىك پروگراممىسىغا كىرىپ نەتىجىڭىزنى تەكشۈرۈڭ! گوۋۇيۈەن ئابونىچىلار تېرمىنالى كىچىك پىروگراممىسى بېتىگە كىرىپ،【ئىمتىھان ئېلىنغان پەن】نى تاللاپ، 【ئىسىم - فامىلىسى】، 【گۇۋاھنامە نومۇرى】نى ياكى 【ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرى】نى كىرگۈزۈپ، «دەرھال تەكشۈرۈش»نى چەكسىڭىزلا ئىمتىھان نەتىجىڭىزنى كۆرەلەيسىز!  تېخىمۇ كۆپ تەپسىلىي مەزمۇن بۇ يەردە >>>

ئەسكەرتمە: 2024 - يىللىق ئاسپىراتلىق ئىمتىھانى دەسلەپكى ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى سۈرۈشتۈرۈڭ

   ئاپتونوم رايوننىڭ 2024 - يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسى 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى سائەت 17دە ئېلان قىلىنىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورۇنلىرىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان ئورنىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتى (www.xjzk.gov.cn)گە چىقىپ، «ئاممىۋى مۇلازىمەت زالى(公众服务大厅)» سەھىپىسىدە «نەتىجە تەكشۈرۈش(成绩查询)» - «ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش(研究生招生考试成绩查询)»نى چېكىپ، كىملىك نومۇرى ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ نومۇرىنى توغرا كىرگۈزۈپ نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. تېخىمۇ كۆپ تەپسىلىي مەزمۇن بۇ يەردە >>> 

ئەسكەرتمە: شەخسلەر تاپاۋەت بېجىنى يىللىق جەملەپ ھېسابلاش پات ئارىدا باشلىنىدۇ

   يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان شەخسلەر تاپاۋەت بېجىدە ئۇنىۋېرسال تاپاۋەتنى يىللىق جەملەپ ھېسابلاش پات ئارىدا ئۆز قەرەلىدە باشلىنىدۇ. دۆلەت باج باش ئىدارىسى يېقىندا 2023-يىللىق شەخسلەر تاپاۋەت بېجىدە ئۇنىۋېرسال تاپاۋەتنى جەملەپ ھېسابلاش ئىشلىرىنى بېجىرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلىپ، ئالاقىدار بېجىرىش ئىشلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى. 

   ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2023-يىللىق جەملەپ ھېسابلاش ۋاقتى 2024-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولىدۇ. جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە تۇرالغۇسى يوق باج تاپشۇرغۇچىلار 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن چېگرادىن ئايرىلسا، چېگرادىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن بېجىرسە بولىدۇ؛ باج تارماقلىرى ئالدىن كېلىشىپ بېجىرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى، جەملەپ ھېسابلاشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى (3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە)دە بېجىرىش ئېھتىياجى بار باج تاپشۇرغۇچىلار ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن، 2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن كېيىن شەخسلەر تاپاۋەت بېجى APPسى ئارقىلىق يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋاقىت بۆلىكىدىكى خالىغان بىر كۈندە بېجىرىشنى ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ. 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، باج تاپشۇرغۇچىلار ئالدىن كېلىشمىسىمۇ، خالىغان ۋاقىتتا بېجىرسە بولىدۇ.  تېخىمۇ كۆپ تەپسىلىي مەزمۇن بۇ يەردە >>> 

ئەسكەرتمە: ئايروپىلان بېلىتى، ماشىنا بېلىتىنى 12306دىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ

   پويىز بېلىتى سېتىۋېلىشتىن باشقا، يولۇچىلار تۆمۈريول 12306 APPسىدىن ئاپتوموبىل بېلىتى، ئايروپىلان بېلىتى قاتارلىقلارنى سېتىۋالالايدۇ. 12306 ئاۋىياتسىيە-تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسىپورت مۇلازىمىتى نۆۋەتتە نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئايروپىلان بېلىتى سېتىشىغا ئۇلاندى، ئاۋىياتسىيە-تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسىپورتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 78 تۈگۈن شەھەر، 2000دىن ئارتۇق لىنىيەنى قاپلىدى. نۆۋەتتە، 12306 ئاپتوموبىل بېلىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 2700دىن ئارتۇق ۋوگزالنى قاپلىدى. تۆمۈريول 12306 «تۆمۈريول-سۇ بىرلەشمە تىرانسپورتى» مۇلازىمىتىدە بىر قېتىم بېلەت سېتىۋالسىلا، پويىز، پاراخوت، ئاپتوبۇس ئارىسىدا يوچۇقسىز ئالماشقىلى بولىدۇ.

ئەسكەرتمە: تاشيول مۇلازىمەت رايونىغا يېڭىدىن 3000 توكلىغۇچ ئورنىتىلىدۇ

   يېقىندا، «2024 يىللىق تاشيول مۇلازىمەت رايونىنىڭ توكلىغۇچ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ى تارقىتىلدى، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە تاشيول مۇلازىمەت رايونىغا توكلىغۇچتىن 3000نى، توك قاچىلىغىلى بولىدىغان ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن 5000نى كۆپەيتىپ، تاشيول بويىنىڭ توك قاچىلاش مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش پىلانلاندى. «ئۇقتۇرۇش»تا ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك قاتناش تىرانسپورت مەسئۇل تارماقلىرىدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ۋەزىپە، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ۋاقىت نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.

   بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېگىز، سوغۇق، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز رايونلاردىن باشقا رايونلاردىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مۇلازىمەت رايونلىرىنىڭ توكلىغۇچ بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %100كە يەتكۈزۈلىدۇ؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مۇلازىمەت رايونلىرىدا يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇلىدىغان توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن ماس قەدەمدە لايىھەلىنىشى، ماس قەدەمدە قۇرۇلۇشى، ماس قەدەمدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ھەمدە شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئادەتتىكى دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيە يولى مۇلازىمەت رايونى (پونكىتى)نىڭ توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.   تېخىمۇ كۆپ تەپسىلىي مەزمۇن بۇ يەردە >>> 

2024- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت ئىمتىھانى ئېلىنىدۇ

 ئاپتونوم رايوننىڭ 2024- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانى (يازما ئىمتىھان) 3- ئاينىڭ 9- كۈنى (شەنبە) ئېلىنىدۇ. بىرىنچى مەيدان ئىمتىھان ۋاقتى 3- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00دىن 11:00گىچە؛ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى بېسىپ چىقىرىش ئىقتىدارى 3- ئاينىڭ 4- كۈنى سائەت 10دا ئېچىۋېتىلىدۇ؛ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 4- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن باشلاپ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت ئىمتىھانى تورى (/https://ntce.neea.edu.cn)غا چىقىپ يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. تېخىمۇ كۆپ تەپسىلىي مەزمۇن بۇ يەردە>>>

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.