تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئائىلىسىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلى بارلار دىققەت قىلىڭ! تاشيول مۇلازىمەت رايونىغا يېڭىدىن 3000 توكلىغۇچ ئورنىتىلىدۇ

   يېقىندا، قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى «2024 يىللىق تاشيول مۇلازىمەت رايونىنىڭ توكلىغۇچ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، تاشيول بويىدىكى توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ يىللىق قاتناش تىرانسپورتىنى خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش ئەمەلىي ئىشىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈردى.

   «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بۇ يىل مەملىكەت بويىچە تاشيول مۇلازىمەت رايونىغا توكلىغۇچتىن 3000نى، توك قاچىلىغىلى بولىدىغان ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن 5000نى كۆپەيتىپ، تاشيول بويىنىڭ توك قاچىلاش مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش پىلانلاندى. «ئۇقتۇرۇش»تا ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك قاتناش تىرانسپورت مەسئۇل تارماقلىرىدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ۋەزىپە، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ۋاقىت نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.

   «ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسەن، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېگىز، سوغۇق، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز رايونلاردىن باشقا رايونلاردىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مۇلازىمەت رايونلىرىنىڭ توكلىغۇچ بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %100كە يەتكۈزۈلىدۇ؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مۇلازىمەت رايونلىرىدا يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇلىدىغان توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن ماس قەدەمدە لايىھەلىنىشى، ماس قەدەمدە قۇرۇلۇشى، ماس قەدەمدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ھەمدە شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئادەتتىكى دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيە يولى مۇلازىمەت رايونى (پونكىتى)نىڭ توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

   «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلار توك قاچىلاش ئەسلىھەلىرىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان تىجارەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تاشيول بويىدىكى توك قاچىلاش ئەسلىھەلىرىنى كۈندىلىك ئاسراشنى كۈچەيتىپ، يېڭىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن توكلىغۇچلارنى ۋاقتىدا «e يولنى راۋانلاشتۇرۇش (e路畅通)» ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسىغا كىرگۈزۈشى كېرەك؛ ئادەتتىكى دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيە يولى مۇلازىمەت رايونى (پونكىتى)غا ئالىقاچان ئورنىتىلىپ بولغان توكلىغۇچ ئۇچۇرىنى «e يولنى راۋانلاشتۇرۇش (e路畅通)» ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسىغا كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش قانۇنىيىتى ۋە توك قاچىلاش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، توكلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ ئېقىم مىقدارى كۆپ، توك قاچىلاش ئېھتىياجى كۈچلۈك بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مۇلازىمەت رايونىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى تېز توك قاچىلاش، يۇقىرى قۇۋۋەتلىك توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

گوۋۇيۈەن ئابونتلار تېرمىنالى كىچىك پىروگراممىسى

«توكلىغۇچ سۈرۈشتۈرۈش» مۇلازىمىتى

سىزنىڭ توك قاچىلاش، قۇتقۇزۇش قىيىن مەسىلىلىرىنى

ھەل قىلىشىڭىزغا ياردەملىشىپ

 سەپىرىڭىزنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىخەتەر قىلىدۇ

مۇلازىمەت بېتىگە كىرگەندىن كېيىن،

«توكلىغۇچ تەكشۈرۈش(充电桩随手查)»نى چېكىپ،

 تېز سۈرئەتتە سىزگە ئەڭ يېقىن توك قاچىلاش ئەسلىھەسىنى تاپالايسىز.

خالىغان بىر مۇلازىمەت رايونىنى چەكسىڭىز

توكلىغۇچلارنىڭ ئىشلىتىشكە بولىدىغان سانى، توك قاچىلاش ئەندىزىسى

قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرەلەيسىز

 يەنە

بىر كۇنۇپكا بىلەنلا يول باشلىغىلى بولىدۇ، قولايلىق ھەم تېز.

ھەرقايسى شوپۇر دوستلار

تارقىتىڭ ھەم ئىشلىتىش ئۈچۈن ساقلاپ قويۇڭ

سەپىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.