تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

3-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىدۇ! ھەميېنىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك!

  شەخسلەر تاپاۋەت بېجىنى يىللىق جەملەپ ھېسابلاش باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، قاراپ بېقىڭ، سىزمۇ بېجىرەمدىكەنسىز. 

   يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان شەخسلەر تاپاۋەت بېجىدە ئۇنىۋېرسال تاپاۋەتنى يىللىق جەملەپ ھېسابلاش پات ئارىدا ئۆز قەرەلىدە باشلىنىدۇ. دۆلەت باج باش ئىدارىسى يېقىندا 2023-يىللىق شەخسلەر تاپاۋەت بېجىدە ئۇنىۋېرسال تاپاۋەتنى جەملەپ ھېسابلاش ئىشلىرىنى بېجىرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلىپ، ئالاقىدار بېجىرىش ئىشلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى. 

   ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2023-يىللىق جەملەپ ھېسابلاش ۋاقتى 2024-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولىدۇ. جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە تۇرالغۇسى يوق باج تاپشۇرغۇچىلار 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن چېگرادىن ئايرىلسا، چېگرادىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن بېجىرسە بولىدۇ.

   باج تارماقلىرى ئالدىن كېلىشىپ بېجىرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى، جەملەپ ھېسابلاشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى (3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە)دە بېجىرىش ئېھتىياجى بار باج تاپشۇرغۇچىلار ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن، 2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن كېيىن شەخسلەر تاپاۋەت بېجى APPسى ئارقىلىق يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋاقىت بۆلىكىدىكى خالىغان بىر كۈندە بېجىرىشنى ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ. 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، باج تاپشۇرغۇچىلار ئالدىن كېلىشمىسىمۇ، خالىغان ۋاقىتتا بېجىرسە بولىدۇ.

   جەملەپ ھېسابلاپ باج قايتۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەمدە تۇرمۇش يۈكى بىرقەدەر ئېغىر بولغان باج تاپشۇرغۇچىلارغا قارىتا، باج ئورگانلىرى ئالدىن باج قايتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. جەملەپ ھېسابلاشنى مۇستەقىل تاماملاشتا قىيىنچىلىقى بار ياشانغان، ھەرىكىتى قولايسىز قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپى ئىلتىماس قىلسا، باج ئورگانلىرى خاسلاشقان خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

قايسى كىشىلەر يىللىق جەملەپ ھېسابلاشنى بېجىرمىسىمۇ بولىدۇ؟

قايسى كىشىلەر يىللىق جەملەپ ھېسابلاشنى بېجىرىدۇ؟

بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى↓ 

قايسى كىشىلەر يىللىق جەملەپ ھېسابلاشنى بېجىرمىسىمۇ بولىدۇ؟

   باج تاپشۇرغۇچىلار 2023-يىلى قانۇن بويىچە شەخسلەر تاپاۋەت بېجىنى ئالدىن تاپشۇرغان ھەمدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كەلسە، جەملەپ ھېسابلاشنى بېجىرىش ھاجەتسىز:

 (1) جەملەپ ھېسابلىغاندا باج تولۇقلاشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، ئۇنىۋېرسال تاپاۋەت كىرىمى پۈتۈن يىلدا 120 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمىگەن بولسا؛

(2) جەملەپ ھېسابلاشتا تولۇقلىنىدىغان باج سوممىسى 400 يۈەندىن ئېشىپ كەتمىگەن بولسا؛

(3) ئالدىن تاپشۇرغان باج سوممىسى بىلەن جەملەپ ھېسابلانغان تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسى بىردەك بولسا؛

(4) جەملەپ ھېسابلاپ باج قايتۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن بولسىمۇ، باج قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلمىغانلار.

 قايسى كىشىلەر يىللىق جەملەپ ھېسابلاشنى بېجىرىدۇ؟

    تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كەلسە، باج تاپشۇرغۇچىلار جەملەپ ھېسابلاشنى بېجىرىشى كېرەك: 

(1) ئالدىن تاپشۇرغان باج سوممىسى جەملەپ ھېسابلانغان تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىدىن كۆپ بولسا ھەمدە باج قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا؛

(2) 2023-يىلى ئېرىشكەن ئۇنىۋېرسال تاپاۋەت كىرىمى 120 مىڭ يۈەندىن ئاشقان ھەمدە جەملەپ ھېسابلىغاندا تولۇقلاشقا تېگىشلىك باج سوممىسى 400 يۈەندىن ئاشقان بولسا.

   تاپاۋەت تۈرىنى تەدبىقلاشتا خاتالىق بولغانلىقتىن ياكى باجنى تۇتۇپ قېلىپ تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچى باجنى تۇتۇپ قېلىپ تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغانلىقتىن، 2023-يىلى ئاز مەلۇم قىلغان ياكى ئۇنىۋېرسال تاپاۋىتىنى مەلۇم قىلمىغان بولسا، باج تاپشۇرغۇچى قانۇن بويىچە ئەينەن جەملەپ ھېسابلاشنى بېجىرىشى كېرەك.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.