تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

نومۇر تەكشۈرۈشنى باشلاڭ! شىنجاڭدا بۈگۈن سائەت 17دە ئېلان قىلىنىدۇ ←

2024 - يىللىق ئاسپىراتلىق ئىمتىھانى دەسلەپكى ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى

2 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن باشلاپ ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىنىدۇ

   ئاپتونوم رايوننىڭ 2024 - يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسى 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى سائەت 17دە ئېلان قىلىنىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورۇنلىرىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان ئورنىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتى (www.xjzk.gov.cn)گە چىقىپ، «ئاممىۋى مۇلازىمەت زالى(公众服务大厅)» سەھىپىسىدە «نەتىجە تەكشۈرۈش(成绩查询)» - «ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش(研究生招生考试成绩查询)»نى چېكىپ، كىملىك نومۇرى ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ نومۇرىنى توغرا كىرگۈزۈپ نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

   ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئەگەر ئۆزىنىڭ نەتىجىسىگە باشقىچە پىكرى بولسا، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇچى ئورۇن ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇش بويىچە نەتىجىنى قايتا تەكشۈرۈش ئىلتىماسىنى سۇنسا بولىدۇ (تەپسىلاتىنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇچى ئورۇن تور بېكىتىدىن كۆرۈڭ). ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ نەتىجىسىنى قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى: 2024 - يىلى 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە قايتا قوبۇل قىلىنمايدۇ. قايتا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇچى ئورۇن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ئۇقتۇرىدۇ.

   نەتىجىنى قايتا تەكشۈرۈش دائىرىسى: ئومۇمەن ئىمتىھان سوئالىدا چۈشۈپ قالغان باھالاش، نەتىجە يىغىندىسى ياكى خاتا تىزىملانغانلىرى قايتا تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرىدۇ، باشقا ئەھۋاللار قايتا تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر  ئوخشاش بىر پەنگە پەقەت بىر قېتىم قايتا تەكشۈرۈش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ.

كودنى سكاننېرلاپ

 2024 - يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى دەسلەپكى ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋاقتى جەملىمىسىنى كۆرۈڭ

بۇ ئاسپىرانتلىق تەكرار ئىمتىھان تەرتىپى رەسىمىنى ياخشى ساقلاڭ

ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ئامەت تىلەيمىز

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.