تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۇنجى قېتىم باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىندى   بۇ يىل شىنجاڭدىكى كەسپىي ئورۇنلارغا 5817 ئادەم ئاشكارا تەكلىپ قىلىنىدۇ

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2024-يىلى كەسپىي ئورۇنلارغا جەمئىيەتتىن ئاشكارا خىزمەتچى خادىم تەكلىپ قىلىش تۈر ئىمتىھانىغا 2-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن باشلاپ تىزىملىتىش باشلىنىدىكەن، 4090 ئىش ئورنىغا 5817 ئادەم تەكلىپ قىلىنىدىكەن. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تەكلىپ قىلىنىدىغان خادىملارنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىش ئورنىغا ئىمتىھان بېرىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى ئىمتىھاندا شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىنغاندىن سىرت، تۇنجى قېتىم تيەنجىن شەھىرى، چۇڭچىڭ شەھىرى، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرى، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرى ۋە گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ نەننىڭ شەھىرىدە ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان.

    بۇ قېتىمقى خىزمەتچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىش ۋاقتى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 10:30دىن 3-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 18:30غىچە بولۇپ، توردا تىزىملىتىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزى تورى(http://www.xjrsks.com.cn)نى ئېچىپ «تىزىملىتىش تەرتىپى»نى كۆرسە بولىدىكەن. يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى (شەنبە) چۈشتىن بۇرۇن (يېزىقچە ئىمتىھاننىڭ ھەرقايسى پەنلىرىنىڭ كونكرېت ۋاقتىنى ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىدىن كۆرۈۋېلىڭ) ئېلىنىدىكەن.

    شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر، شىنجاڭنىڭ ناھىيە، يېزىلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان تۈرلۈك دۆلەت خىزمەتچى خادىملىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، شىنجاڭ نوپۇسىدىكى خادىملارنىڭ جورىسى ۋە پەرزەنتلىرى مۇناسىۋەتلىك كىشى خىزمەت قىلىۋاتقان جاينىڭ نوپۇسىدا دەپ قارىلىپ، مەخسۇس شىنجاڭ نوپۇسىدىكى (ئوقۇغۇچى مەنبەسى) ياكى شۇ جاي نوپۇسىدىكى (ئوقۇغۇچى مەنبەسى) خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغان ئىش ئورنىغا تىزىملاتسا بولىدىكەن؛ شىنجاڭدا مۇلازىمەت قىلىۋاتقان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى، «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» خادىملىرى (مۇلازىمەت مۇددىتى بىر يىل بولۇپ، ئالتە ئاي ۋە ئۇنىڭدىن ئاشقان بولسا، مۇلازىمەت مۇددىتى ئىككى يىل بولۇپ، 12 ئاي ۋە ئۇنىڭدىن ئاشقان بولسا) مۇلازىمەت قىلىدىغان جاينىڭ نوپۇسىدا دەپ قارىلىدىكەن. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ نوپۇسى ئاپتونوم رايوننىڭ نوپۇسى، دەپ قارىلىدىكەن.

    تىزىملىتىش مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىز سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش، تېخنىكا مۇلازىمىتىدىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق قىزىق لىنىيەلىك تېلېفونلارنى ئاچتى. تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنىنىڭ كەسپى، ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ئۇنۋان قاتارلىق سالاھىيەت شەرتلىرى ۋە تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىزاھاتىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەسلىھەت سورىغاندا، تەكلىپ قىلىنغۇچى خادىم تەكلىپ قىلىدىغان ئورۇن بىلەن ئالاقىلىشىشى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئىش ئورنى جەدۋىلىدىن سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. ئەگەر باشقا مەسىلە بولسا، 12333-0991 غا تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسا ياكى ئىنكاس قىلسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.