گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش لايىھەسى (9-نەشرى)»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال باھالاپ ھۆكۈم قىلىشى ئارقىلىق، 8-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 0دىن باشلاپ، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) يىڭبىن يولى كوچىسى دىدياۋچۇ نەنيۈەن ئولتۇراق رايونى تۆۋەن خەۋپ- خەتەر رايونىغا تەڭشەلدى. يۇقىرىقى رايونلاردا باشقۇرۇش- تىزگىنلەش بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە خەۋپ- خەتەر رايونى تۈگەپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى