تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

8- ئاينىڭ 1- كۈنى غۇلجا شەھىرى، غۇلجا ناھىيەسىدە يېڭىدىن 28 كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى كۆپەيدى

  مۇخبىرنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، 8- ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 0دىن سائەت 24كىچە، غۇلجا شەھىرى، غۇلجا ناھىيەسىدە يېڭىدىن 28 كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى كۆپەيگەن، بۇنىڭ ئىچىدە غۇلجا شەھىرىدە 22، غۇلجا ناھىيەسىدە 6 ئىكەن. ئۈچ يۇقۇملانغۇچى غۇلجا شەھەر رايونىدىكى بارلىق خادىملارنى خېسۇەن تەكشۈرۈشتە بايقالغاندىن باشقا، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى مەركەزلىك ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىدا خېسۇەن تەكشۈرۈشتە تەكشۈرۈپ چىقىلغان، يۇقىرىقى خادىملار بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا يۆتكەپ ئاپىرىلىپ ئايرىپ كۆزىتىلىۋېتىپتۇ.

  «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش لايىھەسى» (9- نۇسخىسى)دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، غۇلجا شەھىرى ئۈچ يۇقىرى خەۋپ- خەتەر رايونىنى بېكىتتى، يەنى دادامتۇ بازىرى تۆمۈريول مال مەيدانى، بايانداي بازىرى يېڭى كەنت شىمالىي يولى 6- نومۇر يوۋلەيكې ئاشخانىسى ۋە شىنخۇا شەرقىي يولى ئىلى خەلقئارا چوڭ بازىرى؛ ئوتتۇرا خەۋپ- خەتەر رايونى تۆت، يەنى دادامتۇ بازىرى ئۇلاستاي كەنتى 5- گۇرۇپپىسى، بايانداي بازىرى بايانداي كەنتى، قارادۆڭ يېزىسى گۈلشەنباغ كەنتى 3- گۇرۇپپىسى ۋە شىنخۇا شەرقىي يولى سۈبھى سارىيى. غۇلجا ناھىيەسى ئۈچ يۇقىرى خەۋپ- خەتەر رايونىنى بېكىتتى، يەنى ئۈچئون خۇيزۇ يېزىسى ئۈستۈنكى ئۈچئون كەنتى، ئۈچئون خۇيزۇ يېزىسى ئىسلاميۈزى كەنتى ۋە جېلىليۈزى بازىرى ياڭگۇاڭ مەھەللىسى لۈجىڭ ئولتۇراق رايونى؛ ئوتتۇرا خەۋپ- خەتەر رايونى بىر، يەنى ئۈچئون خۇيزۇ يېزىسى تۆۋەنكى ئۈچئون كەنتى.

  يۇقىرى خەۋپ- خەتەر رايونلىرىدا «ئۆيدىن چىقماسلىق، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش» قاتارلىق قامال قىلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرى قوللىنىلدى، ئوتتۇرا خەۋپ- خەتەر رايونلىرىدا «ئادەم رايوندىن چىقماسلىق، يۇقىرى پەللە مەزگىلى بىلەن تاقاشتۇرماي مال سېتىۋېلىش» قاتارلىق باشقۇرۇش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرى قوللىنىلدى.

  يەنە ئىگىلىنىشىچە، غۇلجا شەھىرى، غۇلجا ناھىيەسى تۈرلۈك نۇقتىلىق مەيدان- سورۇنلارغا قارىتا مەيدان- سورۇن كودىنى «ھەر قېتىم كىرگەندە چوقۇم سىكاننېرلاش، ھەر قېتىم سىكاننېرلىغاندا چوقۇم تەكشۈرۈش، بىر ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق»نى يولغا قويغان؛ سودا ساراي، تاللا بازىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى قاتارلىق ئادەم توپلىشىدىغان مەيدان- سورۇنلاردا، 24 سائەت ئىچىدىكى خېسۇەن تەكشۈرۈش مەنپىيلىك ئىسپاتىنى تەكشۈرگەن. ھەرقايسى يېزا- بازار (كوچا باشقارمىسى)، ھەرقايسى مەسئۇل تارماقلار نۇقتىلىق مەيدان- سورۇنلارنى نازارەت قىلىش- يېتەكچىلىك قىلىش، چارلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلەرنى قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدىكەن، سۈرۈشتۈرىدىكەن.

  بۇ يەردە ھەر مىللەت ئاممىغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاساسىي ھەرىكەت مىزانىغا ئەمەل قىلىپ، قولنى پات- پات يۇيۇش، ماسكا تاقاش، دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ئاممىۋى چوكا ئىشلىتىش، «بىر مېتىر ئارىلىق ساقلاش»، يۆتىلىش ئەدەب- قائىدىلىرىگە دىققەت قىلىش، تازىلاش، دېزىنفېكسىيەلەش قاتارلىق ياخشى تازىلىق ئادىتى ۋە مۇۋاپىق غىزالىنىش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش قاتارلىق ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، ساغلاملىق ساپاسى ۋە ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاڭلىق ئۆستۈرۈش؛ يۇقۇم مەزگىلىدە يىغىلىش، ئوپچە تاماق يېيىش ۋە جەم بولۇشنى ئازايتىپ، خەۋپ- خەتەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، خېسۇەن تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە ماسلىشىپ، ئۆز ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش ئېڭىنى ساقلاپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، گۇمانلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

  ئىلى ئوبلاستىدىكى ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ مەسلىھەت سوراش تېلېفونى (پۈتۈن كۈن 24 سائەت)

  ئىلى ئوبلاستىنىڭ شۇ دەرىجىلىكنىڭ 8021319-0999

  غۇلجا شەھىرى 8358129-0999

  0999-8320877  

  كۈيتۈن شەھىرى 3223025-0992

  قورغاس شەھىرى 8794707-0999

  غۇلجا ناھىيەسى 4022795-0999

  چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى 3626236-0999

  توققۇزتارا ناھىيەسى5620582-0999

  موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى6023076-0999

  نىلقا ناھىيەسى 4629128-0999

  كۈنەس ناھىيەسى 5030672-0999

  قورغاس ناھىيەسى 7768117-0999

  تېكەس ناھىيەسى 6681610-0999

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل