تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

قار-مۇز كىچىك ماھىرى ئېرسىن جانات خاتىرىسى: مېدال ئارزۇسىدىن مەڭگۈ ۋاز كەچمەيمەن

    1-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سارداۋان مەكتىپىدىكى رەتلىك تەنھەرىكەت كىيىمى كىيگەن قار-مۇز تەنھەرىكەتچىلىرى بەييۈن قار تېيىلىش مەيدانىدا قىشلىق تەتىللىك مەشىق ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. قار تېيىلىش تايىقىنى قارغا ئۇرۇش ھەرىكىتى، بەدەن ئىقتىدارى مەشىقى... بالىلار قىش كۈنلىرى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جاپالىق مەشىق قىلىپ، قاتتىق تەرگە چۆمۈلۈپ كېتەتتى.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك سارداۋان مەكتىپى تولۇقسىز 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئېرسىن جانات مۇنداق دېدى: ھازىر قىشلىق تەتىللىك مەشىق ۋاقتى، تىرېنېر بىزنى قار تېيىلىش مەيدانىدا مەشىق قىلدۇرۇۋاتىدۇ، مەشىقنى بىر باشلىساق پۈتۈن بىر كۈن قىلىمىز، كۆپچىلىك ناھايىتى ئاكتىپ. بىز ھەر كۈنى پۇتنىڭ ئالمىشىشىنى مەشىق قىلىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەرىكەت ۋە تەڭپۇڭلۇق كۈچىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ئەڭ ئاساسلىقى يەنىلا بەدەن كۈچى مەشىقى ھېسابلىنىدۇ».

    2021-يىلى، ئېرسىن جانات «قار-مۇزدا ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش . قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا ئۇچرىشىش» 3-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەكتەپ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، دالا غالتىكى 1000 مېتىرلىق مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى، چېمپىيون بىلەن بولغان پەرقى پەقەت 0.54 سېكۇنتلا قالدى، بۇ، ئۇنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتتى، قىشلىق تەتىلدە يىغىلىپ مەشىق قىلغاندا ئۇ تېخىمۇ جاپاغا چىداپ مەشىق قىلدى، ھەر قېتىم دۆڭگە چىقىشتا ئۇ پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلىپ، ھەر بىر ھەرىكەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىدى.

    ئېرسىن جانات مۇنداق دېدى:«گەرچە ناھايىتى جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن تېخىمۇ ياخشى دەرىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، بۇ بەدەللەرنىڭ ھەممىسى ئەرزىيدۇ. كېلەر يىلى بىر ئالتۇن مېدال ئالغۇم بار، كەلگۈسىدە يەنە كەسپىي تەنھەرىكەتچى بولۇپ، دۆلەتكە شەرەپ كەلتۈرىمەن».

مەنبە: ئۈرۈمچى رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى يۇغۇرما تاراتقۇسى

مۇخبىرلار: شى شۆ، گو ئەيجۈن

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى