بۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن تارقىتىدىغان پوچتا ماركىسى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (سۈرەتنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى تەمىنلىگەن)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 1-ئاينىڭ 14-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋاڭ جيەنگاڭ، شيې ئې) بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى: 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىشىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «تەنتەربىيە تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ» باش تېمىسىدىكى پوچتا ماركىسى تارقىتىدۇ، دەپ جاكارلىدى. بۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى قېتىم قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن پوچتا ماركىسى تارقىتىشى ھېسابلىنىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم تارقىتىلىدىغان پوچتا ماركىسىنىڭ قىممىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 0.58 دوللار، 1.30 دوللار، 1.10 شىۋېيتسارىيە فىرانكى، 2.00 شىۋېيتسارىيە فىرانكى، 0.85 ياۋرو ۋە 1.80 ياۋرو بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇز توپ تەنھەرىكەتچىسى، يەككە تاختىدا قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى، فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى، قار ئاپتوموبىلى تەنھەرىكەتچىسى، مۇز چەينەك تەنھەرىكەتچىسى ۋە ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسىنىڭ ئوبرازى نامايان قىلىنغان. بۇ پوچتا ماركىسىنى جۇڭگو قىستۇرما رەسىم ئۇستىسى رۇەن فېيفېي سىزغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئاپپاراتنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىدىن «تەنتەربىيە تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ» پوچتا ماركىسىنى سېتىۋالسا ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى نيۇ يورك، جەنۋە ۋە ۋىيېنادا تەسىس قىلغان ئەمەلىي دۇكانلاردىن سېتىۋالسا بولىدىكەن. ئادەتتىكى پوچتا ماركىسىغا ئوخشاشلا «تەنتەربىيە تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ» دېگەن پوچتا ماركىسى ئارقىلىقمۇ ھەر خىل خەت-چەكلەرنى پوچتىدىن ئەۋەتىشكە بولىدىكەن.