تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى بۇ تۆت جاي 2022-يىللىق مەملىكەت بويىچە «كەنت باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش كېچىلىكى» ئۈلگە كۆرسىتىش كۆرگەزمە نۇقتىسى بولۇپ تاللاندى!

    تىيانشان تورى خەۋىرى يېقىندا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت مەھكىمىسى «2022-يىللىق مەملىكەت بويىچە كەنت باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش كېچىلىكى ئۈلگە كۆرسىتىش كۆرگەزمىسىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى. تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈپ باھالاش ئارقىلىق تيەنجىن شەھىرى بېيچېن رايونى قاتارلىق 80 رايون 2022-يىللىق مەملىكەت بويىچە «كەنت باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش كېچىلىكى» ئۈلگە كۆرسىتىش كۆرگەزمە نۇقتىسى بولۇپ تاللاندى.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تەمىنلىگەن كەسمە سۈرەت.

    بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭدىكى تۆت جاي «كەنت باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش كېچىلىكى»گە تاللاندى.

كېچىدە كۆزنى چاقنىتىدىغان رەڭدار تۈسكە كىرگەن كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي بازىرى تاراتى كەنتى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ فوتوسى

    شىنجاڭدىن «كەنت باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش كېچىلىكى» ئۈلگە كۆرسىتىش كۆرگەزمە نۇقتىسى بولۇپ تاللانغان تۆت جاي ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى يېزىسى ئىگەرچى كەنتى، ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي بازىرى تاراتى كەنتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى ئەرشىلدەن بازىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا شەھىرى ئالتە شۇئار مەھەللىسى.

غۇلجا شەھىرى ئالتە شۇئار كوچىسىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى (2021-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

جاڭ چىڭخۇا فوتوسى

    2022-يىللىق مەملىكەت بويىچە «كەنت باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش كېچىلىكى» ئۈلگە كۆرسىتىش كۆرگەزمە پائالىيىتى 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى دۆلەت ئاممىۋى مەدەنىيەت بۇلۇتى، مەركىزىي رادىئو-تېلىۋىزىيە باش ئىستانىسسى سىن تېرمىنالى (央视频)، شىنخۇا تورىدا ماس قەدەمدە باشلاندى. ئۈلگە كۆرسىتىش كۆرگەزمە پائالىيىتىنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت مەھكىمىسى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى مەملىكەتلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت تەرەققىيات مەركىزى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى كۆرۈش-ئاڭلاش يېڭى تاراتقۇ مەركىزى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، «باھار بايرىمىنى شاد-خورام ئۆتكۈزۈش . قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى خۇشال كۈتۈۋېلىش بىزنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىمىز»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، ھەرقايسى جايلار بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش، توردا ۋە تور سىرتىدا يۇغۇرۇلۇش شەكلىنى قوللىنىپ، جۇڭگوچە ئۇسلۇبقا تولغان كۈچ ئۇلاپ كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش گۈزەل مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى