تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«پۇل ئالمايمىز، بۇنىڭغا قاراڭ!» − ئانار بۇلۇت مۇخبىرى «پارتىيە ئەزاسى ئىزنىكىنى كۆرسەتكەن» چارۋىچى ۋە خۇبېيلىق ساياھەتچى بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلەشتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە خەۋەر قىلىدۇ: يېڭى يىل كىرىشى بىلەن بىر تورداش سىن يوللاپ، ئۆزىنىڭ شىنجاڭدا ساياھەت قىلغان چاغدىكى «ئۆمۈر بويى ئۇنتۇمايدىغان» كەچۈرمىشىنى بايان قىلدى، بۇ سىن تېزلىكتە پۈتۈن تورنى قاپلىدى. 1-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى «پارتىيە ئەزاسى ئىزنىكىنى كۆرسەتكەن» چارۋىچى ئابدۇجاپپار مېڭدې ۋە خۇبېيلىق ساياھەتچى جىن ۋېنخۇا بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلىشىپ، شۇ كۈندىكى ئەھۋال توغرىسىدا پاراڭلاشتى.

2021-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى، خۇبېيلىق ساياھەتچى جىن ۋېنخۇا ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى چارۋىچى ئابدۇجاپپار مېڭدې بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشتى. جىن ۋېنخۇا فوتوسى

2021-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى، جىن ۋېنخۇا دوستلىرى بىلەن شىنجاڭدا ئۆزلىرى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلىپ، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ مۇجى يېزىسى مۇجى كەنتىدىكى يانار تاغ ئېغىزى مەنزىرە رايونىغا كەلگەندە، يول ئەھۋالىنى پىششىق بىلمىگەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە يامغۇر ياغقاچقا، ماشىنا پاتقاققا پېتىپ قېلىپ، يول يۈرۈشكە ئامالسىز قالغان.

«شۇ چاغدا بىز ناھايىتى تىت-تىت بولدۇق، نەچچە خىل ئامالنى سىناپ كۆرگەن بولساقمۇ، ئەمما ماشىنىنى كاتاڭدىن ھەيدەپ چىقىرالمىدۇق. بىز ئامالسىز ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلماقچى بولۇپ تۇرغىنىمىزدا، شۇ يەردىكى ئىككى چارۋىچىنىڭ موتوسىكلىت بىلەن بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق» دېدى جىن ۋېنخۇا.

«ئۇلار بىز بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن، قىلچە ئىككىلەنمەستىن پاتقاققا كېچىپ كىرىپ، ئالدى بىلەن چاقنىڭ ئاستىغا تاش قويۇپ، ماشىنىنىڭ ئۆتەلەيدىغان-ئۆتەلمەيدىغانلىقىغا قاراپ باقتى، بۇ چارىنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، بىز بىلەن بىرلىكتە ماشىنىنى ئىتتىردى، ئاخىرىدا ئوڭۇشلۇق ھالدا ماشىنىنى ئىتتىرىپ چىقاردۇق.» جىن ۋېنخۇا مۇنداق دېدى: گەرچە ياز كۈنى بولسىمۇ، ئېگىزلىك تاغلىق رايونىدىكى پاتقاق يەنىلا سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك سوغۇق ئىدى.

رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، جىن ۋېنخۇا ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى ئۇلارغا پۇل بەرمەكچى بولغان، بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئابدۇجاپپار مېڭدې ئىسىملىك بىر چارۋىچى قول ئىشارىسى قىلىپ قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلغان، يەنە مەيدىسىدىكى پارتىيە ئەزاسى ئىزنىكىنى كۆرسىتىپ ئىپتىخارلانغان ھالدا: «پۇل ئالمايمىز، بۇنىڭغا قاراڭ!» دېگەن.

«ئۇ پارتىيە ئەزاسى ئىزنىكىنى كۆرسەتكەن شۇ دەقىقىدە، كۆزۈمگە ياش كەلدى.» جىن ۋېنخۇا مۇنداق دېدى: «مۇشۇنداق چەت، يىراق جايدا، بىز ئابدۇجاپپار مېڭدېغا ئوخشاش ئاددىي-ساددا، ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرىدىغان كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنى ئۇچرىتىپ، ئۇنىڭ ھەرىكىتىدىن ئىنتايىن تەسىرلەندۇق».

ئابدۇجاپپار مېڭدې بىلەن تېلېفونلاشقاندا، مۇخبىرنىڭ بۇ ئىشنى زىيارەت قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇ توختىماي مۇنداق دېدى: «مەن 25 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتى، بۇرچى قەلبىمدە، بۇ، مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم».

2021-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى، خۇبېيلىق ساياھەتچى جىن ۋېنخۇا چارۋىچى ئابدۇجاپپار مېڭدې بىلەن قول ئېلىشىپ خوشلاشتى. جىن ۋېنخۇا فوتوسى

مۇجى يېزىسى كوئېنلۇن تېغى بىلەن تىيانشان تېغى كېسىشكەن جايغا جايلاشقان بولۇپ، مۇجى دېگەن سۆز يانار تاغدىن ئېتىلىپ چىققان پاتقاق، قۇم-شېغىل دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. مۇجى يېزىسىغا كىرگەندە، تارقاق جايلاشقان بىرقانچە غايەت زور ئويمان يەرنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئىلگىرى يانار تاغ پارتلاشتىن قالغان كالتسىي قاتمىلىرى، تۆمۈر قاتمىلىرى، مانگان قاتمىلىرى بۇ يەرنى ئۆزگىچە تۈسكە كىرگۈزگەن بولۇپ، ھەر يىلى نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىدۇ. ئابدۇجاپپار مېڭدې مۇجى كەنتى يانار تاغ ئېغىزى مەنزىرە رايونىنىڭ خالىس چارلىغۇچىسى، 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ پىيادە مېڭىپ، ئاتلىق يۈرۈپ، موتوسىكلىت مىنىپ خالىس چارلىدى، بوران-چاپقۇنلار ئۇنى توسۇيالمىدى، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 40 نەچچە كىلومېتىرلىق چارلاش يولىدا، يولدىن ئېزىپ قالغان ساياھەتچىلەرگە ياردەم بېرىش، يارىلانغان ھايۋاناتلارنى قۇتقۇزۇش ئۇنىڭ دائىملىق ئىشى ئىدى.

ئابدۇجاپپار مېڭدېنىڭ سۈرىتى. ئۆزى تەمىنلىگەن سۈرەت.

«پارتىيەگە كىرگەن ئاشۇ دەقىقىدە، ئوڭ قولۇمنى كۆتۈرۈپ قەسەم بەرگەن ئىكەنمەن، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىم كېرەك. پارتىيە ئەزاسى ئىزنىكىنى 25 يىلدىن بۇيان ھەر كۈنى تاقاپ كەلدىم. بۇ ئۆمرۈمدە پارتىيەگە، خەلققە بەرگەن ۋەدەمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، لاياقەتلىك كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولىمەن» دېدى ئابدۇجاپپار مېڭدې.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى