شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12-ئاينىڭ 22-كۈنى خەۋىرى (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇاڭ شىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 12-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى خاۋيۈەن شاڭپىن دوستلۇق مودا مال سېتىۋېلىش شەھەرچىسىدىكى بىر مۇز مەيدانىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 15-ئوتتۇرا مەكتەپتىن كەلگەن مۇز توپ كوماندىسى كۆپچىلىككە مۇز توپ ماھارىتى كۆرسەتتى. بۇ، «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەڭلار · ئۆسمۈرلەر» 2021-يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق بالىلار مۇز ئۈستى قىشلىق لاگېر پائالىيىتىنى باشلاش مۇراسىمىنىڭ بىر قىسمى.
قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈشنى تېزلىتىپ، كەڭ ئۆسمۈرلەر، بالىلارنى قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتى مايسىلىرىنى تېپىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە قويۇق كەيپىيات يارىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە باشقارمىسى قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۆسمۈرلەر، بالىلار باش تېما قىلىنغان بىر قاتار بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت بالىلار قار ئۈستى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن 2-تۈرلۈك قار-مۇز باش تېما قىلىنغان پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ.
«بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈش دۆلەتنىڭ <300 مىليون كىشىنى قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەش> چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ قار-مۇز بايلىقى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ياشلار، ئۆسمۈرلەر باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى چياڭ لىن.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ياشلار، ئۆسمۈرلەر باشقارمىسى 2022-يىلى چاقلىق كانكى، تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش، چاقلىق كانكى مۇز توپى ۋە فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ياشلار، ئۆسمۈرلەر مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىغان.
«مەكتىپىمىز 2019-يىلى قار-مۇز تەنھەرىكىتىدە خاسلىقى بار مەكتەپكە ئايلىنىپ، ئارقا-ئارقىدىن چاقلىق كانكى كوماندىسى، تېز تېيىلىش كوماندىسى، مۇز توپ كوماندىسى قۇردى، پۈتۈن مەكتەپ بويىچە قىشلىق تەنتەربىيە دەرسىدە قار-مۇز تەنھەرىكىتى ئاساس قىلىندى. بىزنىڭ مۇز توپ كوماندىمىز كېلەر يىلى مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مۇز توپ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 15-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ۋاڭ شۇاڭجيەن.