5-ئايدىكى ئۇلۇنگۇر كۆلىدە قار-مۇزلار ئېرىپ، كۆل سۈيى دولقۇنلاپ تۇراتتى، دۆلەت تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان ئاق باشلىق قاتتىق قۇيرۇق ئۆردەك قەرەلىدە بۇ يەرگە كېلىپ ماكانلاشتى ۋە كۆپەيدى.
ئۇلۇنگۇر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا، ئاق باشلىق قاتتىق قۇيرۇق ئۆردەكلەرنىڭ بەزىلىرى بېشىنى قانىتىنىڭ ئاستىغا تىقىپ ئارام ئالسا، بەزىلىرى سۇغا شۇڭغۇپ چاققانلىق بىلەن ئوزۇق ئىزدەيتتى.
ئۇلۇنگۇر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا، ئاق باشلىق قاتتىق قۇيرۇق ئۆردەكلەرنىڭ بەزىلىرى بېشىنى قانىتىنىڭ ئاستىغا تىقىپ ئارام ئالسا، بەزىلىرى سۇغا شۇڭغۇپ چاققانلىق بىلەن ئوزۇق ئىزدەيتتى، يەنە تېخى ئەركەك ئۆردەكلەر سوقۇشۇپ، كۆل يۈزىدە «مۇھەببەت قوغداش جېڭى» قىلاتتى.
سەنشىدىن كەلگەن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى ۋاڭ ۋېنيۆ بۇ يەردە نەچچە كۈن ساقلاپ ئولتۇرۇپ، ئېسىل كۆرۈنۈشلەرنى ئوڭۇشلۇق سۈرەتكە تارتىۋالدى. ۋاڭ ۋېنيۆ مۇنداق دېدى: «مەن ئەينى چاغدا ئاق باشلىق قاتتىق قۇيرۇق ئۆردەكلەرنىڭ بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۇرۇشقانلىقىنى سۈرەتكە تارتىۋېلىپ بەكلا خۇشال بولدۇم. بۇ يەرنىڭ مۇھىتى ياخشى، قۇش تۈرى كۆپ بولۇپ، يەنە بىر قىسىم ئەتىۋارلىق تۈرلەرمۇ بار ئىكەن، بۇ يىل بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە ئىككى ئاي تۇرۇپ، مەخسۇس قۇشلارنى سۈرەتكە تارتىشنى پىلانلىدىم».
ئەركەك ئۆردەكلەر سوقۇشۇپ، كۆل يۈزىدە «مۇھەببەت قوغداش جېڭى»قىلماقتا.
فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى ئۇلۇنگۇر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا ساقلاپ ئولتۇرۇپ ئاق باشلىق قاتتىق قۇيرۇق ئۆردەكنى سۈرەتكە تارتماقتا.
ئاق باشلىق قاتتىق قۇيرۇق ئۆردەك دۆلەت تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيادىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە يەر شارىدا ئاران 13 مىڭدىن ئارتۇقى ساقلىنىپ قالغان. «ئاق باش، كۆك تۇمشۇق» بەلگە خاراكتېرلىك تاشقى كۆرۈنۈشى بولۇپ، قۇش تاماشا قىلىش ھەۋەسكارلىرى تەرىپىدىن «تاڭلاۋيا ئۆردەك» دەپ ئاتالغان. ھەر يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 5-ئاينىڭ باشلىرىغىچە، ئۇلار ئۇلۇنگۇر كۆلىگە قەرەلىدە كېلىپ بۇ يەردە ئۇۋا ياساپ كۆپىيىدۇ.
بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ئۇلۇنگۇر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رېن يۆخۇ مۇنداق دېدى: «بىز چارلاپ قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، تەشۋىقات خىزمىتىنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ساياھەتچىلەر ھەم فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى قۇشلارنى ئىلمىي تاماشا قىلىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، قۇشلارنى بىخەتەر ياشاش مۇھىتى يارىتىمىز».
ئۇلۇنگۇر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا تارتىلغان ئاق باشلىق قاتتىق قۇيرۇق ئۆردەك.
ئۇلۇنگۇر كۆلى سۇلۇق يەر ئېكولوگىيەسىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھەر يىلى 300 خىلدىن ئارتۇق پەسىل قۇشى بۇ يەرگە كېلىپ ماكانلاشتى. ئاق باشلىق قاتتىق قۇيرۇق ئۆردەك تۈر توپىنىڭ سانى دەسلەپكى يەككە خانىلىق ساندىن 2025-يىلى كۆپىيىپ 102گە يەتتى.
(بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى ۋاڭ چېڭ، چاڭ خۇاياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ ۋېنيۆ، ۋاڭ يۇڭ)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى