نۆۋەتتە، ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى چوڭ باغچىلار گۈل دېڭىزىغا ئايلاندى، خەلق باغچىسى ۋە خۇڭسەن باغچىسىدىكى مودەنگۈل، ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىدىكى ئۇچقات، لىيۈشەن باغچىسىدىكى زىلولەن قۇياش نۇرىدا لاتاپىتىنى نامايان قىلدى، شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەر باغچىلارغا كېلىپ گۈللەرنى، مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلغاچ، بۇ گۈزەللىكتىن قانغۇچە بەھرىلەندى.

ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق باغچىسىدا سېرىق ئەتىرگۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، ساياھەتچىلەرگە خۇش ھىدلىرىرىنى سۇندى (5-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان).
ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىدىكى ئۇچقاتلار كەچكى شامالدا پورەكلەپ ئېچىلىپ، مەيىن شامالدا گۈللەرنىڭ خۇش ھىدى ھەممە يەرنى قاپلىدى (5-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان).
5-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق باغچىسىدا ساياھەتچىلەر يان تېلېفون بىلەن مودەنگۈلنى سۈرەتكە تارتماقتا.
ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن باغچىسىدا مودەنگۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى (5-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان).
5-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن باغچىسىدا ئېچىلغان مودەنگۈللەر ساياھەتچىلەرنى سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلماقتا.
ئۈرۈمچى شەھىرى لىيۈشەن باغچىسىدا، پورەكلەپ ئېچىلغان زىلولەن شامالدا لەرزان ئىرغاڭلىماقتا (5-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان).
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






