تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

توقسۇ ناھىيەسى: دېھقانلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدا «يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ئۇنىۋېرسال ئۆيى» بار بولدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن

  «يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت پونكىتىدا يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى سېتىۋالغىلى بولىدۇ، تېز يوللانمىلارنى ئالغىلى بولىدۇ، توك ھەققى تاپشۇرغىلى بولىدۇ، يەنە مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلاردىكى دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇقىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچىگىلى بولىدۇ.» 58 ياشلىق ئېزىز تاش توقسۇ ناھىيەسى ئىچئېرىق بازىرى قاراتاش كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، كۆكتاتچى دېھقان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى قانداق قىلىپ تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈپ ئۆلچەپ چىقىش، «ئىلگىرى ناھىيە بازىرىغا بېرىپ ئۆچىرەتتە تۇرۇپ تەكشۈرۈپ ئۆلچىتەتتۇق، بۈگۈنكى كۈندە، ئىشىكىمىز ئالدىدىلا ئەمەلگە ئاشتى، بەك قولايلىق».

  ئېلېكتىرونلۇق سودا، تېلېگراف مۇلازىمىتى، سۇغۇرتا كەسپى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى يېتەكچىلىكى...كىچىككىنە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت پونكىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نەزەرىدە «ئۇنىۋېرسال ئۆي»گە ئايلاندى.

  قاراتاش كەنتى شەھەر ئەتراپى كەنتىگە تەۋە بولۇپ، تېرىقچىلىق ۋە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى يېتەكچى كەسىپ قىلغان، ئاساسلىق تېرىلىدىغان كۆكتات تۈرلىرى شوخلا، لازا، خاڭگا قاتارلىق 30 خىلدىن ئاشىدۇ. قاراتاش كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئابلىز نىياز تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى تېخنىكىدا يېتىشەلمەسلىك، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش راۋان بولماسلىق سەۋەبىدىن، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەلا سۈپەتلىك بولۇش، باھاسى يۇقىرى بولماسلىقتەك ئەھۋال بار ئىدى. «يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى» دېدى ئابلىز.

  توقسۇ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى ما جۇڭچياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، ناھىيە بويىچە كەنتنى بىرلىك قىلغان يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت پونكىتىدىن 37سى قۇرۇلۇپ، كەنت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، «گوجۇڭيۈەن» ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنى زور كۈچ بىلەن يۆلەپ، يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شەھەرگە كىرگۈزۈپ ۋە ئۇششاق تاۋارلارنى يېزىلارغا ئەكىرىپ سېتىش «تۈگۈنى»نى پائال بەرپا قىلدى، ئۇششاق تاۋارلارنىڭ يېزىلارغا سېتىلىشى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ شەھەرگە سېتىپ چىقىرىلىشىدەك «قوش يۆنىلىشلىك ئۆزئارا ئالاقە»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  «ھازىر كۆكتات تېرىش، باشقۇرۇپ، پەرۋىش قىلىشتىن سېتىشقىچە، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت پونكىتى ھەر تەرەپلىمە، يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ يىل ئائىلىمىزدىكى 12 پارنىكتىن 100 نەچچە مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلدۇق.» قاراتاش كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى قاھار ئوسمان مۇنداق دېدى: «كېلەر يىلى، مەن كۆكتات تېرىلغۇ كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، كۆكتات سورتىنى كۆپەيتىپ، تېخىمۇ ياخشى ھوسۇل ئېلىشقا تىرىشىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى