تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە خاس شەھەر كۇتۇپخانىسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن خۇ شياۋشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ خې خەۋەر قىلىدۇ) 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ۋە جېجياڭ ئۆلكىسى چۈجوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئورتاق قۇرغان ئۇچتۇرپان ناھىيەسى نەنكۇڭ شەھەر كۇتۇپخانىسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

بۇ يىل، جېجياڭ ئۆلكىسى چۈجوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى نەنكۇڭ مەدەنىيىتىنى ئۇچتۇرپانغا كىرگۈزدى، نەنكۇڭ شەھەر كۇتۇپخانىسى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقا بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى يۈكسەلدۈرۈشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىدۇر؛ ئۇ «كىتاب ئوقۇش»نى شەھەر تەرەققىياتىغا كىرگۈزۈش، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇچتۇرپاندىكى ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ راھەت كىتاب ئوقۇش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، كۆپچىلىكنى ئىشىكى ئالدىدىلا مول مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتىدىن بەھرىمەن قىلدى.

نۆۋەتتە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە نەنكۇڭ كۇتۇپخانىسىدىن جەمئىي تۆتى بار، ھەربىر كۇتۇپخانىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 32 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، دەستۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2000 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب سەپلەنگەن، تۈرلىرى تولۇق. ھەربىر كۇتۇپخانا پۈتۈن كۈنلۈك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، ئاقىللاشقان باشقۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېما ئارقىلىق كىتابلار ئاپتوماتىك ئارىيەت ئېلىنىدۇ، قايتۇرۇلىدۇ، ئوقۇرمەنلەر كىنىشكىنى ئاپتوماتىك بېجىرىدۇ، ئامما كىملىك سۈركەش، ئوقۇرمەنلەر كىنىشكىسى، ئىككىلىك كود ئارقىلىق كۇتۇپخانىغا كىرىپ كىتابلارنى ھەقسىز ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇيالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل