تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا يېزا-كەنت ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئىلىم-پەن خىزمەت پونكىتىدىن 100ى قۇرۇلىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يەردە، ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى لېكسىيەسىنى ئاڭلىغىلى، 3Dلىق بېسىش تېخنىكىسىنى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلغىلى بولىدۇ... يېزا-كەنت ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئىلىم-پەن خىزمەت پونكىتى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى يېزىلىرىدىكى تېخىمۇ كۆپ ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە ئىشىكى ئالدىدىلا پەن-تېخنىكىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرالايدۇ. 12-ئاينىڭ 9-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا يېزا-كەنت ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئىلىم-پەن خىزمەت پونكىتىدىن 100نى قۇرىدىكەن.

يېزا-كەنت ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئىلىم-پەن خىزمەت پونكىتى 2019-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلانغان بولۇپ، ئ‍‍اپتونوم راي‍‍ونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى بېيجىڭ يۈكې ۋېيلەي ئەقلىي ئىقتىدار پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ ئورتاق قۇرغان. يېزا-كەنت ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئىلىم-پەن خىزمەت پونكىتى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بايلىقىغا، جۈملىدىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم كۆرگەزمىسى، 3Dلىق بېسىش ماشىنىسى، ئىلمىي تەجرىبە تور دەرسى قاتارلىق مەزمۇنلارغا ئىگە بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا سەپلەنگەن كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار سۆزلەپ چۈشەندۈرىدۇ. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا يېزا-كەنت ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئىلىم-پەن خىزمەت پونكىتىدىن 37نى قۇرغان.

ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ياشلار، ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكا مەركىزىنىڭ مۇدىرى سۇ خۇڭ مۇنداق دېدى: «يېزا-كەنت ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئىلىم-پەن خىزمەت پونكىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئاساسىي قاتلامدا پەن-تېخنىكا مائارىپى بايلىقى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، يېزىلاردىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە ئىلىم-پەن ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قانات يايدۇرىدىغان، ئىلىم-پەن ئەمەلىيىتىگە قاتنىشىدىغان، قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرىدىغان پائالىيەت سورۇنى يارىتىپ، يېزا-كەنتلەردە ئىلىم-پەننى سۆيۈش، ئىلىم-پەننى ئۆگىنىش، ئىلىم-پەندىن پايدىلىنىش قويۇق كەيپىياتى يارىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىدى».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ئەلا سۈپەتلىك پەن-تېخنىكا مائارىپى بايلىقىنى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا مايىللاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ، بولۇپمۇ كارخانا ۋە ئىجتىمائىي ئاپپاراتلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، شارائىت ھازىرلىغان ياشلار، ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكا مائارىپىدا خاسلىقى بار مەكتەپلەر، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ئالاقىدار كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، تەشكىللەپ، يېزىلاردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىلەن قوشماقلىشىپ، يېزىلاردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكا مائارىپى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى ۋە ياردەم بەردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى پەن-تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنى يېزىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش دوكلاتى بېرىشكە قەرەللىك تەشكىللەپ، يېزا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ زامانىۋى يىراق مۇساپىلىك مائارىپ بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بايلىقى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىپ، يېزىلاردىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىلىم-پەننى ئۆگىنىشى، ھېس قىلىشىغا ماس كېلىدىغان بىر تۈركۈم پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىتابلىرى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كارتون فىلىملىرى ۋە پەن-تېخنىكا كۆرگەزمە مەھسۇلاتى قاتارلىقلارنى ئېچىپ، يېزىلاردىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى ۋە دەرستىن سىرتقى پەن-تېخنىكا ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىگە تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى