تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«كەنتىمىز يەنە پايدا تەقسىملىدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەميېنى تومپايدى»

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ خەۋەر قىلىدۇ) بېلېلقان چوغاي 29 مىڭ 40 يۈەن، قېيزات 37 مىڭ 840 يۈەن، سايىت 55 مىڭ 340 يۈەن...

  12-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، چۆچەك شەھىرىنىڭ قاراقاباق يېزىسى باش بوزداق كەنتى 4-يىلىدىكى پايدا تەقسىملەشنى كۈتۈۋالدى، يەرنى پاي قىلىپ قوشۇش ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى 74 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى خۇشال ھالدا بۇ يىلقى 2-قېتىملىق پايدا تەقسىماتى − 2 مىليون 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پايدىنى ئالدى.

  «كەنتىمىز يەنە پايدا تەقسىملىدى، كۆپچىلىكنىڭ يانچۇقى تېخىمۇ تومپايدى!» دېدى باس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى لياڭ شياۋمېي كۈلۈپ تۇرۇپ مۇخبىرغا.

  پۇلنى ئالغاندىن كېيىن، چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرغان ئاباشقازى خەيرۇللا مۇخبىرغا بىرنەچچە يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ ئىككى بالىسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا، چوڭلار تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىپ قالغانلىقتىن، كېسەل داۋالىتىش ئۈچۈن 100 نەچچە مىڭ يۈەن قەرز بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. «ئەينى چاغدا، ئائىلىمىزنىڭ 160 مو يېرى باشقا كەنتتىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسىگە ئوبوروت قىلىنغان بولۇپ، يىللىق ئوبوروت ھەققى ئاران 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇقراقلا بولۇپ، قەرز قايتۇرۇشقىمۇ يەتمەيتتى».

  2018-يىلى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەنتتە باس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇپ، «ياچېيكا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + نامرات ئائىلە» شەكلىگە تايىنىپ، دېھقانلارنى پاي ھەمكارلىق شەكلىدە يەر ھۆددىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، يېزا يەر ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدەندى.

  شۇ يىلى 4-ئايدا، ئاباشقازى كېلىشىمنامىگە بارماق بېسىپ، ئۆزىنىڭ تېرىلغۇ يېرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قىلىپ قوشتى.

  كوپىراتىپقا ئەزا بولغاندىن كېيىن، تېرىلغۇ يەرلەرنى كوپىراتىپ بىرتۇتاش باشقۇرۇپ تىجارەت قىلىدۇ. ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھەر مو تېرىلغۇ يەرنىڭ ھەر يىللىق ئەڭ تۆۋەن پايدىسىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، ئېشىپ قالغان پايدىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپى %60، كەنت ئاھالىسى %40 نىسبەت بويىچە تەقسىملەيدىغان بولۇپ، بۇ يىل كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەر مو يەردىن ئالىدىغان پايدىسى 880 يۈەنگە يەتتى.

  «بۇ قېتىمقى پايدا تەقسىملەشتە مەن ئۆيىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قەرزىنى قايتۇرۇپ بولدۇم. بۈگۈن مەن بەك خۇشال، يۈرۈڭ، بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ تاماق يەيلى.» ئاباشقازى بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ، بىر تەرەپتىن مېھماننى ئۆيىگە قىزغىن تەكلىپ قىلدى.

  «ئىلگىرى، كەنتتىكى بەزى كىشىلەر يەر باشقۇرۇشقا ماھىر بولمىغانلىقتىن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەنىدى.» لياڭ شياۋمېي مۇنداق دېدى: كەنت ئاھالىلىرى يەرنى ئوبوروت قىلىپ پاي قوشۇش شەكلى بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتناشقاندىن كېيىن، پۈتۈن كەنتتىكى يەرلەر بىرىكتۈرۈلۈپ، تېرىقچىلىق تەننەرخىدىن ئىبارەت بۇ تۈردىنلا 700 مىڭ يۈەن تېجەپ قېلىندى؛ تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى كېڭەش ئەزالىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولغاچقا، تېرىقچىلىق تېخنىكىسى، ئېتىز پەرۋىشى كاپالەتكە ئىگە بولدى. 2018-يىلىدىن ھازىرغىچە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يىللىق كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىدە «ئۇدا تۆت يىل ئېشىش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 12 مىڭ 668 يۈەن، 13 مىڭ 867 يۈەن، 17 مىڭ 965 يۈەن، 23 مىڭ 880 يۈەن بولدى.

  كەنت ئاھالىسى بېيسىن بۆكەش پايدىنى ئالغاندىن كېيىن خوتۇنى بىلەن بىرلىكتە مۇنداق ئويلاشتى: «بۇ يىل ئىككى قېتىملىق پايدا تەقسىملەشتە بىزگە جەمئىي 119 مىڭ يۈەن تەقسىم قىلىندى، ئىككى بالىنىڭ توي ئىشىدىن غەم قىلمايدىغان بوپتۇق. كېلەر يىلى پايدا تەقسىم قىلىنغاندا، بىز يەنە بىرنەچچە كالا سېتىۋالايلى، بىكار ۋاقتىمىزدا ئىشلەپ كۆپرەك پۇل تاپايلى».

  «ھەميېنىمىز تومپايدى، روھىمىز ئۇرغۇدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق بېيىدۇق... » پايدا تەقسىملەش يىغىنى نەق مەيدانىدا، كەنت ئاھالىسى ئادالمۇرات ئاقىنلار ئېيتىشىشى ئارقىلىق يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى. كەنتنىڭ تەرەققىياتى ياخشى بولدى، ئائىلىلەرنىڭ يېرى ئوبوروت قىلىندى، ئۇنىڭ ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىش ۋاقتى تېخىمۇ يېتەرلىك بولدى. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، باش بوزداق كەنتى ئاقىنلار ئېيتىشىشى ئەترىتى، مەيدان ئۇسسۇلى ئەترىتى قاتارلىق ئاممىۋى ئويۇن قويۇش قوشۇنى تەشكىللەپ، يېزا-كەنت مەدەنىيەت چوڭ سەھنىسى مىللىي ئۆرپ ـ ئادەت ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، يەنە دائىم ناھىيەدىكى ئويۇن قويۇش ئۆمەكلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئويۇن قويدى.

  باش بوزداق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى رۇڭ شىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: كەنت «ئىككى كومىتېت»ى باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردىكى ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناق سېتىۋالىدىغان كارخانىلارنى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇۋاتىدۇ. «كەنتىمىزنىڭ يەرلىرى مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن بولۇپ، ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناق تېرىشقا ناھايىتى ماس كېلىدۇ. ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناقنىڭ باھاسى يۇقىرى، ئەگەر مۇۋاپىق سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىنى تاپقىلى بولسا، كېلەر يىلى تەقسىملىنىدىغان پايدىنى خېلى كۆپ ئاشۇرغىلى بولىدۇ.» رۇڭ شىن مۇنداق دېدى: پايدا تەقسىملەشتە تەقسىم قىلىنىدىغىنى پايدا بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كەنت ئاھالىلىرى تەلپۈنىدىغان گۈزەل تۇرمۇش «تەقسىملىنىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى