12-ئاينىڭ 9-كۈنى، كورلا شەھەرلىك 6-باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىق 5-سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىكىلەر ئۆتكەن تۇنجى قېتىملىق ئالەم بوشلۇقى دەرسىنى كۆرمەكتە.
ياڭ كۇن فوتوسى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شېن زۇشياۋ
12-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شېنجوۋ 13-نومۇرلۇق ئۇچۇش گۇرۇپپىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى جەي جىگاڭ، ۋاڭ ياپىڭ، يې گۇاڭفۇ جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا ئالەم بوشلۇقى دەرسى ئۆتتى ھەمدە ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىلىقىدىكى ھەمتۈرتكە تەجرىبىسىنى قانات يايدۇردى. نەق مەيدان بىۋاسىتە كۆرسىتىشى ئارقىلىق، قىزىقارلىق «تيەنگۇڭ دەرسخانىسى» شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئالەم بوشلۇقىدىكى ئاجايىپ دۇنياغا گۇۋاھ قىلدى، ئۇلارنىڭ ئىلىم-پەن ئارزۇسى ۋە ئالەم بوشلۇقى ئارزۇسىنى ئۇرغۇتتى.
«ئۇلار ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچار تەخسىنى كۆرەلەمدۇ؟» «ئالەم بوشلۇقىدا چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلارنى كۆرگىلى بولامدۇ؟» ... سائەت 15تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، دەرس تېخى باشلانماي تۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 1-يىللىق ئوقۇغۇچىسى دۇ يىچېن ساۋاقداشلىرى بىلەن نۇرغۇن سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«مەن ئالەم بوشلۇقىدا دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچى ۋاڭ ياپىڭ...» سائەت 15تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە «ئالەم بوشلۇقىدىن كەلگەن ئاۋاز» ئالەم بوشلۇقىدىن يەر يۈزىدىكى چوڭ دەرسخانىغا يېتىپ كەلگەندە، سىنىپتا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.
دەرسخانىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەيران قالغان ئاۋازلىرى ئۈزۈلمىدى. «سۇ شارى ئوپتىكىسى تەجرىبىسىدە، ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ بىر ئوڭ، بىر تەتۈر ئىككى پورترېتى پەيدا بولدى، بۇ تولىمۇ سىرلىق ئىكەن.» ئالەم بوشلۇقى دەرسى بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى جۇ يۈفېڭنىڭ تەبىئىي پەننى ياخشى ئۆگىنىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.
بۇ يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 16-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 2-يىللىق 4-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى يۇلتۇز ئىليار مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىلەن «ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىلىقىدا سۆزلىشىش» ئۆتكۈزدى. ئۇ «تيەنگۇڭ دەرسخانىسى» ئارقىلىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشەلەيدىغانلىقى، يەنە كىنو كۆرەلەيدىغانلىقى، مۇزىكا ئاڭلىيالايدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا: «قەدىمكىلەرنىڭ ئالەمگە ئۇچۇش ئارزۇسىنى ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇپتۇ. بۇ دەۋردە ياشاش تولىمۇ بەختلىك» دېدى.
لەيلىتىش كۈچىنى يوقىتىش تەجرىبىسى، سۇ شارى ئوپتىكىسى تەجرىبىسى... ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا ئېلىپ بارغان تەجرىبىسىنى كۆرۈپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلارنى ئالاقىدار بىلىملەرنى چۈشەندۈرۈشكە تەشكىللىدى. 4-يىللىق 1-سىنىپتا، ئوقۇتقۇچى لېي شۆۋېي تىكتاك توپ بىلەن مېنزوركىنى ئېلىپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە لەيلىتىش كۈچىنى يوقىتىش تەجرىبىسىنى ئىشلەپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئالەم بوشلۇقى بىلەن يەر شارىنىڭ پەرقىنى ھېس قىلدۇردى.
«ئالەم بوشلۇقىدا نورمال ماڭغىلى بولامدۇ؟ كەينىگە نورمال ئۆرۈلگىلى بولامدۇ؟» «بولمايدۇ!» دەرسخانىدا، ۋاڭ ياپىڭ بىلەن يې گۇاڭفۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئالىغا ئىنچىكىلىك بىلەن جاۋاب بەردى ھەمدە بوشلۇق پونكىتىدا قانداق مېڭىش، قانداق كەينىگە ئۆرۈلۈشنى نامايان قىلدى، كۇچا شەھەرلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بۇلارنى بېرىلىپ كۆردى.
«بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرۈپ، سۈرئەتنى تېزلىتىش، ئېغىرلىقنى يوقىتىش قاتارلىق ئابستراكت سۆزلەرنى چۈشىنىش تەسمۇ ئەمەسكەن.» بۇ مەكتەپنىڭ تولۇق 2-يىللىق ئوقۇغۇچىسى گۈلجەننەت ھۈسەن ئالەم بوشلۇقى دەرسىنىڭ ئۇنىڭ ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرغانلىقىنى ئېيتتى.
جىڭ ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 1-يىللىقىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى «تيەنگۇڭ دەرسخانىسى»نى بىللە كۆرگەندىن كېيىن، كۆرۈپ قانمىغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچى بىلەن بىرلىكتە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تۈرلۈك تەجرىبىلىرىنىڭ پىرىنسىپى ئۈستىدە ئىزدەندى.
«ماڭا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى كۆپۈكلىشىش تابلېتكىسى تەجرىبىسى، لېكىن نۇرغۇن پىرىنسىپلارنى تېخى چۈشىنىپ يېتەلمىدىم. ئالەم بوشلۇقى بەك سىرلىق ئىكەن.» ئوقۇغۇچى ليۇ يۈگۇاڭ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئارزۇيۇم ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ كۆرۈپ بېقىش».
«بۇنىڭدىن كېيىن، بىز ئۆزگىچە مەكتەپ دەرسى تەسىس قىلىش، ئالەم قاتنىشى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش لېكسىيەسىنى قانات يايدۇرۇش، ئالەم قاتنىشىدىكى يارىتىلغان يېڭىلىقلار كۇرۇژۇكى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، ئالەم قاتنىشى بىلىملىرىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز» دېدى جىڭ ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى جاڭ يۈتاڭ.