تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايونىمىز تۇنجى تۈركۈمدە ئون مەھەللە دوختۇرخانىسىنى بېكىتتى

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 12-ئاينىڭ 7-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئون ئاساسىي قاتلام داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتى مەھەللە دوختۇرخانىسى قىلىپ بېكىتىلگەن، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىز بېكىتكەن تۇنجى تۈركۈمدىكى مەھەللە دوختۇرخانىلىرى ئىكەن.

  دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ «مەھەللە دوختۇرخانىسى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىز مەھەللە دوختۇرخانىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى. باھالاش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئون مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى ۋە يېزا-بازارلىق دوختۇرخانىلار مەھەللە دوختۇرخانىسى ئۆلچىمىگە يەتكەن.

  مەھەللە دوختۇرخانىسى قىلىپ بېكىتىلگەن ئاساسىي قاتلام داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا: غۇلجا ناھىيەسى دۆڭمازار بازارلىق دوختۇرخانا، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى بەخت يولى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، تىيانشان رايونى جەنۇبىي شىنخۇا يولى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، سايباغ رايونى دوستلۇق جەنۇبىي يولى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، سايباغ رايونى لۇيۈەنجيې مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، سايباغ رايونى ساڭفاڭگۇ مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، مىدۇڭ رايونى گۇمۇدى دوختۇرخانىسى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى پالۋانتۇر بازارلىق دوختۇرخانا، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقيار بازارلىق دوختۇرخانا، قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازارلىق دوختۇرخانا.

  نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا بېكىتىلگەن ئون مەھەللە دوختۇرخانىسىدا ئۇنىۋېرسال تېببىي بۆلۈم، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېببىي بۆلۈمى، جۇڭگو تېبابىتى، ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، تېببىي سۈرەت تەسۋىرى بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈملەر تەسىس قىلىندى ھەم ئېغىز بوشلۇقى، كۆز-قۇلاق-بۇرۇن-كېكىردەك، روھىي كېسەللىكلەر(پىسخىكا)، تىنچلاندۇرۇپ داۋالاش، پەرۋىش قىلىش قاتارلىق ئالاقىدار بۆلۈملەر تاللاپ تەسىس قىلىندى.

  ئەسلىدىكى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى ۋە يېزا-بازارلىق دوختۇرخانىلاردىن پەرقى شۇكى، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش فۇنكسىيەلىك ئورنىنى بېكىتىشتە چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا، مەھەللە دوختۇرخانىلىرى داۋالاش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارى جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، بايلىق تەقسىملەشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تەۋەلىك رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

  كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى مەھەللە دوختۇرخانىسى قۇرۇلۇشىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتلىرىغا قارىتىلغان سېلىنما سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، داۋالاش-سەھىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، داۋالاش سۈپىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى