تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«قىزىل ھېكايە يىغىنى» مەكتەپلەرنى ئوزۇقلاندۇردى

    ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا

    11-ئاينىڭ 28-كۈنى، بىر قېتىملىق ئالاھىدە ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى شىنجاڭ سىفەن داشۆسىدە باشلاندى، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى لېكسىيە ئۆمىكى كۆپچىلىككە «ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئىتتىپاقلىق روھىنى مۇستەھكەملەيلى» دېگەن باش تېمىدا لېكسىيە سۆزلەپ بەردى.

    لاچىن بايەكە ئۈچ ئەۋلاد كىشىلىرى چېگرانى مۇھاپىزەت قىلدى، قۇربان نىياز دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنى قۇردى... لېكسىيە ئۆمىكى ھەربىر جانلىق ھېكايىنى دەرس مۇنبىرىگە ئېلىپ چىقتى. لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى نۇتۇق سۆزلەش، دېكلاماتسىيە قىلىش، ئويۇن قويۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تەسىرلىك ھېكايىلەرنى سۆزلىدى.

    «لېكسىيە مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويغان بولۇپ، بۇ شەخسلەرنى بىز بىلەن ناھايىتى يېقىن ئارىلىقتا تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلدىم» دېدى شىنجاڭ سىفەن داشۆسى مائارىپ ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى گۈزەلنۇر سالام، مەيلى لاچىن بايەكەگە ئوخشاش «دەۋر ئۈلگىسى» بولسۇن ۋە ياكى ئەتراپىدىكى مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بولسۇن، ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى ئىكەنلىكىنى، يېڭى دەۋردىكى بىر نەپەر داشۆ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەسپىي بىلىملەرنى پۇختا، ياخشى ئۆگىنىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياشلىق باھارىنى بېغىشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

    شىنجاڭ سىفەن داشۆسى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى لېكسىيە ئۆمىكى بۇ يىل 6-ئايدا قۇرۇلغان، مەكتەپ ئىچىدە تاللانغان 100دىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر ياش ئوقۇغۇچىدىن تەشكىللەنگەن، ئون گۇرۇپپىغا ئايرىلغان، ھەربىر گۇرۇپپىغا بىردىن ئوقۇتقۇچى يېتەكچىلىك قىلىدىغان بولۇپ، مەكتەپ پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىتتىپاق كومىتېتى ئاساسلىق تۇتىدىغان، پۈتۈن مەكتەپتىكى ھەرقايسى تارماقلار ماسلىشىپ، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن، لېكسىيە ئۆمىكى مەكتەپ ئىچىدە لېكسىيە سۆزلەپلا قالماي، يەنە كۆپ قېتىم مەھەللىلەرگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلىگەن.

   قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرىدىغان شەكىلدىن پايدىلىنىپ، 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىكى قىزىل ھېكايىلەرنى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرگىلى بولىدۇ؟

    لېكسىيە ئۆمىكى «قىزىل گېننى ئىزدەش + قىزىل ھېكايە سۆزلەش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، «چوڭلار + تەڭتۇشلار»نىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھېكايىلەرنى توپلاپ، مىكرو ئىتتىپاق دەرىسى، مىكرو بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يېقىن شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا لېكسىيە سۆزلىدى.

    شىنجاڭ سىفەن داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ ئاسپىرانتى چېن ۋېيخۇڭ بۇ قېتىمقى لېكسىيەدە لېكسىيە ئارگىنالىنى يېزىش ۋە لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى لېكسىيەنىڭ لېكسىيە ئارگىنالى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىپ-پىكىر بېرىشى ۋە مۇئەللىملەرنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشىغا ئېرىشتى، دېلو مىسالى تەكرار پىششىقلاندى. نەزەرىيە لېكسىيەسى بىلەن تىياتىر ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلۈش شەكلىدە نامايان قىلىنىپ، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنى شىنجاڭ تارىخىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى.»

    «بىز ياشلارنىڭ كۆرۈش بۇلۇڭى ۋە ئاۋازى ئارقىلىق شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ھەقىقىي شىنجاڭنى تونۇتۇپ، يېقىنلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىيەتتە داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيە خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.» شىنجاڭ سىفەن داشۆسى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لۇ جياۋنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن، لېكسىيە ئۆمىكى يەنە سىنىپ، ئورگان ئوقۇتۇش قوشۇمچە تارماقلىرى، شۆبە ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە كىرىپ، مەكتەپلەردە لېكسىيە سۆزلەشنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى