
جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى باش ئىشتابىدا كۆرگەزمە پائالىيىتىگە قويۇلغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئەل چوغى چىرىغى (12-ئاينىڭ 7-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا تورى خەۋىرى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئەل چوغىنى قوللىغان كارخانىلارنىڭ تۇنجى مەيدان كۆرگەزمە پائالىيىتى بېيجىڭ جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلدى، نەق مەيداندا ئولىمپىك مەشئەل چوغى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئەل چوغى چىرىغى، مەشئەل ۋە مەشئەلچى كىيىمى نامايان قىلىندى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ خۇەنزۇڭ فوتوسى

بۇ، جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى باش ئىشتابىدا كۆرگەزمە پائالىيىتىگە قويۇلغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئەل چوغى چىرىغى ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى (12-ئاينىڭ 7-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

12-ئاينىڭ 7-كۈنى، جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى باش ئىشتابىدا، مۇھاپىزەتچى مەشئەل چوغى چىرىغىنى قولىدا ئېلىپ كېتىۋاتماقتا.

12-ئاينىڭ 7-كۈنى، جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى باش ئىشتابىدىكى كۆرگەزمە پائالىيىتىدە، بىر تاماشىبىن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئەل چوغى چىرىغىنى سۈرەتكە تارتماقتا.