تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قۇبۇقسار: «بىر يۈەنلىك ئاممىۋى قاتناش» ئەل قەلبىنى ئىللىتتى

    شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى كاڭ خاۋيەن، جاڭ جىلى خەۋەر قىلىدۇ) قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ قىش پەسلى قۇرغاق، سوغۇق، لېكىن «بىر يۈەنلىك ئاممىۋى قاتناش» قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. 

   «چارۋىچىلىق مەيدانىمىز ناھىيە بازىرىدىن 60 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتا، ئىلگىرى ناھىيە بازىرىغا بېرىشتا ئاممىۋى ئاپتوبۇس يوق ئىدى، يېزا-كەنتلەرگە قاتنايدىغان كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ شەھەرگە كىرىش ئۈچۈنلا 20 نەچچە يۈەن كېتەتتى. ھازىر <بىر يۈەنلىك ئاممىۋى قاتناش> بار بولۇپ، چارۋىچىلىق مەيدانى بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئارىلىقى تېخىمۇ <يېقىنلاشتى>» دېدى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى بۇ ناھىيەنىڭ ئىك ئۇتبۇلاق چارۋىچىلىق مەيدانىدىن ئوقۇغۇچىلارنى ناھىيەلىك تەنتەربىيە مەركىزىگە ئېلىپ ماڭغان چارۋىچىلىق مەيدانى مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سۈن جياجېن.

   قۇبۇقسار ناھىيەسىنىڭ كۆلىمى 30 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، تەۋەلىكىدە چارۋىچىلىق مەيدانلىرى، يېزا-بازارلار بىر قەدەر كۆپ، لېكىن دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ نوپۇسى ئاران 40 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئىلگىرى شەھەر-يېزىلارنىڭ ئاممىۋى قاتنىشى تەرەققىي قىلمىغان، چەت، يىراق يېزا-بازارلاردىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى قىيىن، قىممەت بولۇش مەسىلىسى مەۋجۇت ئىدى. 

   «بۇلتۇر 6-ئايدا، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان توكلۇق ئاممىۋى ئاپتوبۇستىن تۆتنى سېتىۋېلىپ، <بىر يۈەنلىك ئاممىۋى قاتناش> يېزا-كەنت لىنىيەسىدىن ئۈچنى ئېچىپ تىجارەت باشلىدى، بۇ پۈتۈن ناھىيەدىكى 11 يېزا-بازار، مەيداننى قاپلىدى، لىنىيە ئەڭ يىراق بولغاندا ناھىيە بازىرىغا 120 كىلومېتىر كېلىدىغان چاختې يېزىسىغىچە يەتكۈزۈلدى.» شىنجاڭ سېرشەن ئاممىۋى قاتناش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى نامكەن تېيبايىر مۇنداق دېدى: ھەر يىلى خادىملارنىڭ مائاشى، ماشىنىلارنى رېمونت قىلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىشكە ناھىيە مالىيەسى خامچوتقا 4 مىليون 500 مىڭ يۈەن كىرگۈزىدۇ،  «بىر يۈەنلىك ئاممىۋى قاتناش» دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ئىنتايىن زور قولايلىق ئېلىپ كەلدى. 

   ئاممىۋى قاتناش شوپۇرى ما باۋرۇڭنىڭ قۇبۇقسار ناھىيە بازىرى بىلەن ئىك ئۇتبۇلاق چارۋىچىلىق مەيدانى ئارىسىدا قاتناۋاتقىنىغا بىر يىلدىن ئاشتى. ئۇ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: بىر قىسىم چارۋىچىلار چۈشتىن بۇرۇن ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، سۈت، قۇرۇت قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ناھىيە بازىرىغا ئېلىپ بارىدۇ، چۈشتىن كېيىن سېتىۋالغان نەرسىلىرىنى ئېلىپ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئۆيىگە قايتىدۇ؛ يەنە ناھىيە بازىرىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئاھالە ھەپتە ئاخىرىدا ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ يېزا-كەنت ۋە دېھقانلار ئارامگاھلىرىغا بېرىپ ئوينايدۇ. ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ قاتنىشى شەھەر-يېزىلار ئارىسىدىكى تۈرلۈك ئامىللارنىڭ يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر-يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇردى. 

   قۇبۇقساردىكى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىغا ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرغىنى پەقەت «بىر يۈەنلىك ئاممىۋى قاتناش»لا ئەمەس. مۇخبىرلار قۇبۇقسار ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي كوچا بويىدا، قىزىل تاملىق، كۈل رەڭ كاھىشلىق دالا ئەمگەكچىلىرى بەخت دەم ئېلىش پونكىتىنىڭ كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرغانلىقىغا دىققەت قىلدى. دەم ئېلىش پونكىتىدا چەينەكتە قىزىق چاي، قەغەز ئىستاكان، كۈنلۈك قاتارلىقلار تولۇق ئىدى. 

   «ئىش قىلىپ ھارغاندا دەم ئالىدىغان، قار، يامغۇر ياغقاندا ۋاقتىنچە كىرىۋالىدىغان ئىسسىق يەر بار، خىزمەت قىلغاندا تېخىمۇ غەيرەتكە تولىمىز.» مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى شۇرا كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: دەم ئېلىش پونكىتىدا دائىم باغ-ئورمان ئىشچىلىرى ۋە ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەر ئۇچراپ تۇرىدۇ، كۆپچىلىك بىرنەچچە ئېغىز پاراڭلىشىپ، يەنە كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىغا قايتىدۇ. 

   «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىدا <تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش> ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نۆۋەتتە، بىز ناھىيە بازىرىدا بەخت دەم ئېلىش پونكىتىدىن ئۈچنى قۇردۇق، كېيىنكى قەدەمدە دالىدا ئەمگەك قىلىدىغانلار مەركەزلەشكەن قۇبۇقسار بازىرى، قوشتولغاي بازىرىدا بەخت دەم ئېلىش پونكىتى قۇرۇپ، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز» دېدى قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى شەنبايىر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى