تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇش   ھەرقايسى جايلار شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە «ئەپچىل چارە» قوللاندى

12-ئاينىڭ 1-كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسىگە جايلاشقان خۇالىڭ قاغىلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ كالا باقمىچىلىق بازىسى.

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاغىلىق ناھىيەسى زامانىۋى چارۋىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «باغچە رايونى + كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىگە تايىنىپ، چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى. خۇالىڭ قاغىلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى سىمېنتال كالىسىدىن 4280 تۇياق كىرگۈزۈپ، شۇ جايدىكى 5000دىن ئارتۇق دېھقان، چارۋىچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، خۇالىڭ قاغىلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ گۆش كالىسى باقمىچىلىق كۆلىمىنىڭ 50 مىڭ تۇياققا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

12-ئاينىڭ 1-كۈنى، خىزمەتچى خۇالىڭ قاغىلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ كالا باقمىچىلىق بازىسىدا كالىلار ئۈچۈن زاپاس ساقلىنىدىغان يەم-خەشەكلەرنى تەييارلىماقتا.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

  12-ئاينىڭ 1-كۈنى، خىزمەتچى خۇالىڭ قاغىلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ كالا باقمىچىلىق بازىسىدا كالىلار ئۈچۈن زاپاس ساقلىنىدىغان يەم-خەشەكلەرنى تەييارلىماقتا.


تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ خۇايۈەن يېزىسى خۇاجۇاڭزى كەنتىدىكى باركۆل جيەنكۇن چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق كىچىك رايونلىرىغا بوشلۇقتىن نەزەر (12-ئاينىڭ 3-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باركۆل جيەنكۇن چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتى شەرقىي تىيانشاننىڭ سوغۇق چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە تەبىئىي ئوتلاق بايلىقىغا تايىنىپ، ئىلمىي باقمىچىلىق تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى دېھقان ئائىلىلىرىنى يېتەكلەش»تەك تىجارەت ئەندىزىسى ئارقىلىق، ئەلا نەسىللىك كالا، قوي يېتىشتۈرۈش، بورداقچىلىق، تىرىك چارۋا سودىسى، سويۇپ پارچىلاش، پىششىق يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاش، سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى ھەم يەم-خەشەك پىششىقلاش بىر گەۋدىلەشكەن زامانىۋى ئۇنىۋېرسال تىپتىكى چارۋىچىلىق كەسپىنى شەكىللەندۈرۈپ، شۇ جايدىكى 5000 ئائىلىلىكتىن ئارتۇق دېھقان-چارۋىچىنىڭ بېيىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، تۈرتكە بولدى.

12-ئاينىڭ 3-كۈنى، خىزمەتچى باركۆل جيەنكۇن چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق بازىسىدا قويلارغا يەم بەرمەكتە.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، خىزمەتچى باركۆل جيەنكۇن چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق بازىسىدا چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى خىمىيەلىك ئانالىز قىلماقتا. 

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

 12-ئاينىڭ 2-كۈنى، كەنت ئاھالىسى لۇجياڭچىڭ يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئېكولوگىيە پەن-تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا ئۈزگەن مورلىرىنى كۆرسەتمەكتە.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

  يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ تازغۇن يېزىسى تەتۈر كەنتىگە جايلاشقان لۇجياڭچىڭ يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئېكولوگىيە پەن-تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىنىڭ 1-قارارلىق يۇقىرى ئۆلچەملىك قوش سولياۋ يوپۇقلۇق زەمبۇرۇغ لاپىسىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 23 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، نۆۋەتتە 4000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان زاۋۇت ئۆيى سېلىندى، كۈنىگە 30 مىڭ زەمبۇرۇغ تاياقچىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى بار. بۇ تۈر 2022-يىلىنىڭ بېشىدا تولۇق تاماملىنىدۇ، تۈر پۈتكەندىن كېيىن، مورنىڭ پىشىش مەزگىلى ئىككى قېتىمدىن ئۈچ قېتىمغا كۆپىيىپ، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرىدۇ.

 12-ئاينىڭ 2-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى لۇجياڭچىڭ يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئېكولوگىيە پەن-تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا مور ئۈزمەكتە.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

12-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئىشچىلار لۇجياڭچىڭ يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئېكولوگىيە پەن-تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك قوش سولياۋ يوپۇقلۇق زەمبۇرۇغ لاپىسى تۈرى نەق مەيدانىدا مەشغۇلات قىلماقتا.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ