تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە بىر «خامبازار» كەچلىك بازىرى بار

11-ئاينىڭ 29-كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى «خامبازار» كەچلىك بازىرىدا مەززىلىك تائاملارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

  ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رايىدە، پەرىزات ئابدۇل

  11-ئاينىڭ 28-كۈنى، كەچ كىرىشى بىلەن، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى رەڭدار لىباس كىيدى، قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدىكى «خامبازار» كەچلىك بازىرى قىزىپ كەتتى.

  سائەت 21دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، مۇخبىرلار كىشىلەر بىلەن بىللە «خامبازار» كەچلىك بازىرىغا كەلدى، خېرىدار چاقىرغان ئاۋازلار بىرى توختىسا بىرى ئاڭلىناتتى، ھاۋادا كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايدىغان زىرە ۋە كاۋاپنىڭ مەززىلىك پۇرىقى كېلىپ تۇراتتى.

  ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 300 مېتىرچە كېلىدىغان كەچلىك بازاردا 200دىن ئارتۇق يايما ئورنى رېتى بويىچە تىزىلغانىدى. يۇمشاق، مەززىلىك، چۈرۈك كاۋاپ نېنى، سىڭدۈرۈپ پىشۇرۇلغان تونۇر كاۋىپى، چوغدا مېيى تامچىپ پىشىۋاتقان قوي گۆشى كاۋىپى، بۆرەك كاۋىپى، جىگەر كاۋىپى، يۈرەك كاۋىپى، بېلىق كاۋىپى ... كاۋاپ تۈرلىرىدىن باشقا يەنە كالا بېشى گۆشى، كالا پاچىقى سىڭىرى، ئاچچىق قوي پاچىقى، ئۆپكە-ھېسىپ قاتارلىق مەززىلىك تائاملار كىشىلەرنىڭ تەم سەزگۈسىنى غىدىقلايتتى.

  تۇرسۇن ئوسماننىڭ كاۋاپ تۈرمىلى يايمىسىنىڭ ئالدى مېھمانلار بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى. «چۈشتىن كېيىن سائەت 6دىن باشلاپ ھازىرغىچە 150 دانە تۈرمەل ساتتىم. ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، ئادەم ئاز بولارمىكى دەپ ئويلىغانىدىم، خېرىدارلارنىڭ بۇنچە كۆپ ئىكەنلىكىنى كىم بىلسۇن، يېتىشەلمەيلا قالدىم». تۇرسۇن بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ، بىر تەرەپتىن چاققانلىق بىلەن تۈرمەلگە لازىملىق ماتېرىياللارنى سالدى. ئۇنىڭ بۇ كەچلىك بازاردا يايما ئېچىۋاتقىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقان بولۇپ، بىر كېچىدە 2000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايتتى.

  يەنە ئىچكىرىلەپ ماڭسىڭىز، ئادىلجان يۈسۈپنىڭ يايمىسى بار بولۇپ، كالا بېشى گۆشى، ئاچچىق قوي پاچىقى، ئۆپكە-ھېسىپ قاتارلىق مەززىلىك تائاملاردىن ھور چىقىپ تۇراتتى. ئادىلجان خېرىدارلارغا شورپا قۇيۇلغان قەغەز ئىستاكاننى تارقىتىۋاتاتتى. «قىشتا كەچلىك بازارنى ئايلىنىپ، بىر ئىستاكان ئىسسىق شورپا ئىچىپ، يەنە ئازراق ئۆپكە-ھېسىپ يېسەك نېمىدىگەن بەخت!» دېدى ساياھەتچى ۋاڭ فاڭخۇي. ۋاڭ فاڭخۇي كاماندىروپكىغا چىقىپ قەشقەر شەھىرىگە كەلدى، كەچتە «خامبازار» كەچلىك بازىرىنى ئايلانسا قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ كېچىلىك تۇرمۇشىنى بەكرەك ھېس قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، خىزمەتداشلىرى بىلەن دېيىشىپ بۇ يەرگە كەلدى. «بىز بىرنەچچە يايمىدىكى مەززىلىك تائاملاردىن يەپ كۆردۇق، باھاسى يۇقىرى ئەمەس، تەمىمۇ ياخشى، شىنجاڭلىقلار بەك قىزغىن ئىكەن» دېدى ۋاڭ فاڭخۇي.

  ھەر خىل تائاملارنىڭ مەززىلىك ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن كىشىلەر توپى مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى... «خامبازار» كەچلىك بازىرىدىكى قايناق، ئاسايىشلىق كەيپىيات كىشىگە قىشنىڭ سوغۇقىنى، بۇ ۋاقىتنىڭ كېچە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇلدۇراتتى.

  «بۇ قاچا تاماقنى يەپ بولۇپلا قايتايلى، سائەت 11 بولۇپ كەتتى، ئەتە بالىلار يەنە مەكتەپكە  بارىدۇ». جاڭ جيەنيىڭ شامىلجان مۇسانىڭ سېرىق ئاش يايمىسى ئالدىدا تۇرۇپ خوتۇنىنى ئالدىراتتى. «بىز سائەت 9دىلا كەلگەن، يول بويى ئايلىنىپ تاماق يېدۇق، ئەسلىدە قايتىپ كەتمەكچى ئىدۇق، بىراق بۇ سېرىق ئاش يايمىسىنىڭ ئالدىدا نۇرغۇن ئادەمنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، يەنە ئىختىيارسىز بىر قاچا سېتىۋالدۇق، بەك ئوخشاپتۇ». جاڭ جيەنيىڭ شۇنداق دېگەچ باشمالتىقىنى چىقاردى.

  «مەن قولدا سېرىق ئاش ئېتىۋاتقىلى 30 نەچچە يىل بولدى، نۇرغۇن كىشىلەر داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىدۇ، مەن بىر كۈندە 12 كىلوگىراملا سېرىق ئاش ئېتىمەن، سېتىپ بولۇپلا يايمىنى يىغىشتۇرىمەن». شامىلجان گېپىنى داۋام قىلغاچ شۇ كۈنى كەچتىكى ئەڭ ئاخىرقى ئىككى قاچا سېرىق ئاشنى سېتىپ تۈگەتتى.

  « <خامبازار> كەچلىك بازىرى بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىنىڭ ھەممىسىدە تىجارەت قىلىدۇ، بۇ بىرنەچچە كۈندە بىز سۈزۈك تاختا بىلەن شامال توسۇش يولى ياساۋاتىمىز، قۇرۇلۇش ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. پۈتكەندە كۆپچىلىك كەچلىك بازارنى ئايلانغاندا سوغۇق ھېس قىلمايدۇ» دېدى قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ كادىرى ئەستۇللا ھەبىبۇللا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى