تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

خوتەندە تۇنجى يېزا-كەنت گۈزەل سەنئەت سارىيى ئېچىلدى

  ​ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ خەۋەر قىلىدۇ: 11-ئاينىڭ 29-كۈنى، گۇما ناھىيەسى چودا يېزىسىنىڭ ئاياغ چودا كەنتى يېزا-كەنت گۈزەل سەنئەت سارىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى. يېشىل تاغلار، سۈزۈك سۇلار، مول ھوسۇللۇق ئېتىزلار، گۈزەل كەنتلەر، قىزغىن ھېسسىياتقا تويۇنغان رەسىملەر بۇ يېزا-كەنت گۈزەل سەنئەت سارىيىدا بىر-بىرلەپ نامايان بولدى.

  بۇ خوتەن ۋىلايىتىدىكى تۇنجى يېزا-كەنت گۈزەل سەنئەت سارىيى. ئۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەنئەنىۋى تۇرالغۇلارنى ئۆزگەرتىپ قايتا پايدىلىنىش ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 500 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. ئۈچ كۆرگەزمە زالىدا نۆۋەتتە 300دىن ئارتۇق جۇڭگوچە رەسىم، ماي بوياق رەسىم، خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىندى، مىن يىننەن، كۇەي جېنمىڭ، جاڭ لېيجېن قاتارلىق سەنئەتكارلارنىڭ قول يازمىلىرىمۇ بار، يەنە كەنتتىكى بالىلارنىڭ بالىلارچە ئىجادىيەتلىرىمۇ بار. كۆرگەزمە زالى بۇ يىل 10-ئايدا ئېچىۋېتىلگەن، ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنى گۈزەللىكنى ھېس قىلىش، گۈزەللىكنى بايقاش، گۈزەللىكنى يارىتىش بوشلۇقىغا ئىگە قىلدى.

  ئاياغ چودا كەنتىنىڭ كەنت كادىرى ليۇ شىن بىلەن باشچودا باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئالماس ئوخشاشلا گۈزەل سەنئەت كەسپىدە ئوقۇغان، ئۇلار خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا رەسىم سىزىشنى ئۆگىتىدۇ. «بالىلارنىڭ رەسىم سىزىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش داۋامىدا، ئۇلارنىڭ مول ئىچكى دۇنياسى ۋە چەكسىز ئىجادىيەت كۈچى، تەسەۋۋۇر كۈچىنى ھېس قىلدىم». ليۇ شىن مۇنداق دېدى: رەسىم سىزىشنى ئۆگىتىش بىلەن بىللە، بالىلارغا يەنە رەسىمنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارنى ھەربىر پارچە رەسىمنىڭ مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چۈشىنىشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئىستىكىنى قوزغىتىمەن.

  «گۈزەل سەنئەت سارىيى ھازىر ئېستېتىكا تەربىيەسى، باش تېمىلىق گۈزەل سەنئەت دەرسى، ئەدەبىيات-سەنئەت خام ماتېرىيالى توپلاش، ئىجادىيەت قىلىش قاتارلىق 50 نەچچە مەيدان پائالىيەتنى قانات يايدۇردى، كەنت ئاھالىلىرى، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەر بۇ سۇپىدا گۈزەللىكنى ھېس قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىپ، ئۆزىنىڭ سەنئەت يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغىماقتا» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئاياغ چودا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى پېڭ زىيەن.

  «يېزا-كەنت گۈزەل سەنئەت سارىيى قۇرۇش شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئاممىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ئارزۇسىغا تىرەك بولدى». ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئاياغ چودا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1ـ شۇجى جاڭ گولىڭ مۇنداق دېدى: بىز كېيىنكى قەدەمدە گۈزەل سەنئەت سارىيىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك باش تېمىلىق گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىلىرىگە تەييارلىق كۆرۈپ، تەتقىقات-ئوقۇتۇش ۋە خام ماتېرىيال توپلاش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، ئۇنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە رولىنى سىجىل جارى قىلدۇرىمىز.

  «مەن رەسىم سىزىشنى بەك ياخشى كۆرىمەن، يېزا-كەنت گۈزەل سەنئەت سارىيى ماڭا بىر رەڭگارەڭ دۇنيانى ئېچىپ بەردى. مەن داۋاملىق رەسىم قەلىمى بىلەن يۇرتۇمنىڭ يېڭى قىياپىتىنى خاتىرىلەيمەن»،دېدى چودا يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ 4-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئالىمجان مەمتىمىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى