تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كۇچا شەھىرى: خەلق رايىغا مايىللىشىپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش

​​​    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ لۇ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ خۇڭلى

    پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، كۇچا شەھىرى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمىنى سىناشتىكى مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاخىرقى نىشان قىلىپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، يېڭى تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەقىقىي تەدبىر كۆرسىتىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتتى.

    خەلققە قولايلىق مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىش

    «شۇجى، مېنىڭ شەرتىم توشامدىكەن؟ قەرز ئېلىپ كۆكتات پارنىكى سېلىشنى پىلانلىغانىدىم.» 10-ئاينىڭ 28-كۈنى، كۇچا شەھىرى چىمەن بازىرى بەيياڭ كەنتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى-ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە، كەنت ئاھالىسى ياقۇپ مەمەت ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىۋاتاتتى.

    بەيياڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گۈلچىمەن راخمان ئۇنىڭ ئىلتىماس قىلغان ماتېرىياللىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئون مىنۇتقىمۇ يەتمىگەن ۋاقىتتا كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ تامغىسىنى باستى.

     پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىش بېجىرىشى قولايسىز بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، بەيياڭ كەنتى ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا-كەنت تەرەققىيات مەركىزى، پارتىيە ئەزالىرى-ئامما مۇلازىمەت مەركىزى ۋە ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇپ، «پارتىيە ياچېيكىسى + ئۈچ مەركەز» مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى كېچە-كۈندۈز مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

    كۇچا شەھەرلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بەيياڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى ليۇ جۈپىڭ مۇنداق دېدى: «كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ‹ئۈچ مەركەز› قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كەنت كادىرلىرىنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشنىڭ كىرىش نۇقتىسى قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان بارلىق كەسىپلىرىنى رەتلەپ، ئۈچ مەركەزگە تەقسىم قىلىپ بەردى، كەنت كادىرلىرىنىڭ نۆۋەتچىلىك قىلىش، دىجورنىلىق قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشخانىدىن مۇلازىمەت مەركىزىگىچە، تارقاقلىشىشتىن مەركەزلىشىشكىچە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ‹ئىش بېجىرىدىغان جايغا توغرا كىرەلىشى، ئىش بېجىرىدىغان ئادەمنى تاپالىشى، ئىش بېجىرەلىشى، ئىلتىماس-تەلەپلىرىنى ئېيتالىشى›غا قولايلىق ياراتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس-تەلىپىنى ئىگىلەپ ۋە ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتتى.»

    ئاپتونوم رايونلۇق 10-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نىشان-ۋەزىپىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، كۇچا شەھىرى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى ئاساسىي قاتلامغا كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا-بازارلىق خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت زالىنى ۋاسىتە قىلغان ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى قۇرۇش ئارقىلىق، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىش بېجىرىشىگە قولايلىق ياراتتى.

    ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى پەسەيتىش

    ئۇزاقتىن بۇيان، شەھەر رايونىدا ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى كۇچا شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ بېشىنى قاتۇرغانىدى.

    پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، كۇچا شەھىرى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەش، يېڭىدىن ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قۇرۇش، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە تەربىيەلەش، يېتەكلەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ساقلانما مىقدارىنى كۆپەيتىپ، ئاممىنى قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىشقا يېتەكلەپ، شەھەر رايونىدا ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. كۇچا شەھىرى «بىر تۈركۈمنى يېڭىدىن قۇرۇش، بىر تۈركۈمنى ئېچىۋېتىش، بىر تۈركۈمنى ئۆزگەرتىش، بىر تۈركۈمنى تەرتىپكە سېلىش، بىر تۈركۈمنى رەتلەش» ئارقىلىق 57 ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، 625 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى كۆپەيتىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

    شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۇچا شەھىرى «قاتناش ساقچىسى + مەھەللە + مۈلۈك باشقۇرۇش» بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ پىيادىلەر يولىدا ئاپتوموبىل توختىتىش، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن چەتنەپ توختىتىش، ئەمالار يولى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش يولىنى ئىگىلىۋېلىش، شۇنداقلا يۆنىلىش بويىچە توختاتماسلىق قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا، ئالاقىدار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاممىنى ئۆلچەملىك، تەرتىپلىك ئاپتوموبىل توختىتىش توغرىسىدا تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.

    داۋالىنىش كاپالىتى كەسپىنى ئۇزارتىش

    «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۇچا شەھىرى داۋالىنىش كاپالىتى ساھەسىدىكى «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋالىنىش كاپالىتى كەسپىنىڭ يېزا-بازارلارغىچە كېڭىيىشىنى ئالغا سىلجىتتى، كۇچا شەھىرى 17 تۈرلۈك داۋالىنىش كاپالىتى كەسپىنى يېزا-بازار (كوچا باشقارمىسى)، كەنت (مەھەللە)لەرگە چۈشۈرۈپ، داۋالىنىش كاپالىتى مۇلازىمەت تۈرىنى «ئىشىك ئالدىدىلا بېجىرىش» «يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش» «بىۋاسىتە بېجىرىش» «ياردەملىشىپ ۋاكالىتەن بېجىرىش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك، تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالىنىش كاپالىتى مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلدى.

    كۇچا شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى يەنە «ئالاقە تورى + داۋالىنىش كاپالىتى مۇلازىمىتى»نى كېڭەيتىپ، باشقا جايدا داۋالىنىشنى ئەنگە ئالدۇرۇپ تىزىملاش قاتارلىق 16 تۈرلۈك كەسىپنى «كۇچا دىڭدىڭ داۋالىنىش كاپالىتى مۇلازىمەت سۇپىسى»غا كىرگۈزدى، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئورۇنلار ۋە ئامما ئۆيىدىن چىقماي تۇرۇپلا «يان تېلېفوندا بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. نۆۋەتتە، توردا بېجىرىلگەن تۈرلۈك داۋالىنىش كاپالىتى كەسپى جەمئىي 100 مىڭ قېتىمدىن ئاشتى.

    كۇچا شەھەرلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ كادىرى ئابلىكىم ئەخەت مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىز ئاپتونوم رايونلۇق 10-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، داۋالىنىش كاپالىتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالىنىش كاپالىتى سەۋىيەسىنى مۇقىم ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى