تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئۇچۇر سۇپىسىغا توردا ئومۇميۈزلۈك ئۇلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى

    شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11-ئاينىڭ 15-كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ مىن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، قاراماي شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئۇچۇر سۇپىسىغا ئوڭۇشلۇق ئۇلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئۇچۇر سۇپىسىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بىرتۇتاش غەملىنىدىغان 15 رايون (ئاپتونوم رايون شۇ دەرىجىلىك + 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر)غا توردا ئومۇميۈزلۈك ئۇلاش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇردى، شىنجاڭنىڭ داۋالىنىش كاپالىتىدە يېڭى ئۇچۇر سىستېمىسىنى كونا ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇش ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، بۇنىڭ بىلەن داۋالىنىش كاپالىتى مۇلازىمىتى تېخىمۇ ئاقىللىشىدۇ.

    ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىلگىرى ھەرقايسى جايلارنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى ئۇچۇر سىستېمىسىدا ئۆلچەم بىردەك بولماسلىق، سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆزئارا تونۇماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغانىدى. دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئۇچۇر سۇپىسىغا ئومۇميۈزلۈك ئۇلانغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى كەسپى كود ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، داۋالىنىش كاپالىتى سانلىق مەلۇماتى ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە داۋالىنىش كاپالىتى بېجىرىش مۇلازىمىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، مۇشۇ ئاساستا ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى ئۇچۇرلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

    بۇنىڭدىن سىرت، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئۇچۇر سۇپىسى 40 تۈرلۈك داۋالىنىش كاپالىتى كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاغرىقلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە راسچوت قىلىشتا تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق مۇلازىمەتنى ھېس قىلالايدۇ، داۋالىنىش كاپالىتى سۇپىسىنىڭ «ھەممىباب ئىقتىدارى»دىن پايدىلىنىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاغرىقلار ئۆلكە ئاتلاپ ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرسىتىش، كېسەلخانىدا يېتىش ھەمدە شىنجاڭ ئىچىدە ئالاھىدە سوزۇلما كېسەللىكلەرنى ئامبۇلاتورىيەدە كۆرسىتىش، ئۆلكە ئاتلاپ ئالاھىدە سوزۇلما كېسەللىكلەرنى ئامبۇلاتورىيەدە كۆرسىتىشنىڭ ھەممىسىدە باشقا جايدا داۋالىنىش بويىچە بىۋاسىتە راسچوت قىلدۇرسا بولىدۇ.

    ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئۈچىنچى تەرەپ قوللىنىدىغان يوللارنى پائال كېڭەيتىپ، ئەنئەنىۋى توردا ئىش بېجىرىش زالى بولغان «شىنجاڭ داۋالىنىش كاپالىتى مۇلازىمەت سۇپىسى»، شىنجاڭ داۋالىنىش كاپالىتى APP پىروگراممىسىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلغاندىن باشقا، يەنە جىفۇباۋ كىچىك پىروگراممىسىنى ماس قەدەمدە توردا ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، مۇلازىمەت يوللىرىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، سانلىق مەلۇماتلارنى كۆپ قاترىتىش، ئاممىنى ئاز قاترىتىشنى ھەقىقىي تۈردە ئىشقا ئاشۇرۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاغرىقلارنى كۆپ يوللار ئارقىلىق تۈرلۈك داۋالىنىش كاپالىتى مۇلازىمىتىدىن بەھرىلەندۈرىدۇ.

    ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئۇچۇر سۇپىسىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، كەسىپلەرنى ماسلاشتۇرۇش، بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئېچىۋېتىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەلالاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئامما تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق، بىخەتەر داۋالىنىش كاپالىتى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى