تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئۈرۈمچى ناھىيەسى: تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش  كەشتىچىلىك كەسپىنى گۈللەندۈرۈش

[پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش ئەمەلىي ئىش قىلىش يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش]

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ شى 

    11-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئاپتونوم رايون بويىچە چېۋەر ئاياللار بېيىش ئۈلگە بازىسى ئۈرۈمچى ناھىيەسى جىنشيۇ كەشتىچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، كوپىراتىپ باشلىقى گۈلنۇر مەدېن كەشتىچى ئاياللار بىلەن كەشتە تىكىۋاتاتتى. كەشتە يىڭنىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ھەرىكەتلىنىشىگە ئەگىشىپ، «گۈل»لەر رەخت ئۈستىدە پورەكلەپ ئېچىلدى.

    تام گىلىمى، ياستۇق، سومكا... گۈلنۇر نەپىس تىكىلگەن ھەربىر كەشتە بۇيۇمىنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغاندىن كېيىن، ئالقىشقا ئېرىشتى، ئىنكاسلار ئۈزۈلمىدى...

   «كوپىراتىپ باشلىقى ناھىيەمىزدىكى توردا ئالقىشلانغان شەخس!» دېدى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى كەشتىچى قىز گۈلتەي قۇسمان كۈلۈپ تۇرۇپ، «گۈلنۇردىن كەشتىچىلىكنى ئۆگەنگەندىن بۇيان، مېنىڭ يىللىق كىرىمىم 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى».

   قانداق قىلغاندا قازاق مىللىتى كەشتىچىلىكىدىن ئىبارەت بۇ «بارماق ئۇچى ھۈنىرى»نى ۋارىسلىق قىلىش، يۇغۇرۇش داۋامىدا ئەۋج ئالدۇرغىلى بولىدۇ؟ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى ناھىيەسى ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىش، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» پىلانىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، شىنجاڭ كىيىم-كېچەك لايىھەلىگۈچىلەر جەمئىيىتى، شۇ جايدىكى كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ، مىللىي كەشتىچىلىك سارىيى، ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە ئەمەلىي مەشىق بازىسى نەنسەن . كەشتىخانىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قازاق مىللىتىنىڭ كەشتىچىلىك مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرتكە بولدى.

    خاتىمە ئەنەيتۇل ئۈرۈمچى ناھىيەسى قۇرالاي مىللىي قول ھۈنەر-سەنئىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىشلەپچىقارغان مىللىي قول ھۈنەر بۇيۇملىرى 40 خىلدىن ئاشىدۇ، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭدا سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى بولۇپلا قالماي، سۇجوۋ، خاڭجوۋ، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلاردىمۇ ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بار، بەزى مەھسۇلاتلار يەنە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلىدۇ. «ھازىر، ناھىيەمىزدە قازاق مىللىتىنىڭ كەشتىچىلىك كەسپى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردى، دوستلار چەمبىرىكىگە مەھسۇلاتلارنى چىقارساق، كىشىلەر ناھايىتى تېزلا زاكاز قىلىپ سېتىۋالىدۇ» دېدى خاتىمە.

    ئۈرۈمچى ناھىيەسى ھەرقايسى مىللىي قول ھۈنەر-سەنئىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى كەشتىچى ئاياللارنى زور كۈچ بىلەن تەربىيەلەش، مەھسۇلاتلاردا يېڭىلىق يارىتىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىنى لايىھەلەپ، ياساپ، ھەرقايسى جايلاردىكى مۇسابىقە ۋە كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇپ، «مەدەنىيەت + ساياھەت» ئەندىزىسى ئارقىلىق، كەشتىچىلىك سۈپەتلىك ماركىسىنىڭ داڭقىنى چىقاردى.

    ھازىرغا قەدەر، بۇ ناھىيەدە مىللىي كەشتىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قازاق ئايال 4800دىن ئاشتى، كۆلەملەشكەن كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى (بازىسى) ھەر يىلى 800دىن ئارتۇق ئايالنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، كىشى بېشى ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 1800 يۈەندىن 4800 يۈەنگىچە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى