تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزايلى

− ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (7)

□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى دۆلەت بىرلىكىنىڭ ئۇلى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى، مەنىۋى كۈچنىڭ جېنى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى سىجىل مۇستەھكەملەش كېرەك.

بۇ يىل 8 ـ ئايدا ئېچىلغان مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىش كېرەك. 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پەقەت جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم ئىدىيە سېپىلى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئورتاق ياخشى قوغدىغاندىلا، ئاندىن تۈرلۈك ئەسەبىيلىك، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى، ئاغدۇرمىچىلىقىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغىلى، ئاندىن ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرغىلى، ئاندىن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرغىلى، ياخشى قوغدىغىلى، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پەقەت جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىگەندىلا، ئاندىن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا مىللەتلەر ساھەسىدە يۈزبېرىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ، ئاندىن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى مۇھىم ئىدىيەۋى كاپالەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

ئۆتكەن بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئىلگىرى سۈردى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى كۈنسېرى كۈچەيدى؛ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، مېھىر ـ مۇھەببىتى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنىڭ نەتىجە ـ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق بولغان سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا يېڭى دەۋردىكى جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ مەدھىيە ناخشىسى ياڭرىدى.

«ئانارگۈلىدەك پورەكلەپ ئېچىلىپ، ھەممە بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولغان» بۇ ئىناق مەنزىرە دەل جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى جانلىق ئىپادىسى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پەقەت جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزغاندىلا، ئاندىن شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم بولغان، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلانغان، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىدۇ.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى سىجىل مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق بىر مەزگىلدىكى شىنجاڭ خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغاندا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىش تەكىتلەندى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىغا دائىر تەتقىقات، شەرھلەش ۋە تەشۋىق ـ تەربىيەنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، قوغداش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىش، يۇغۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋى ئىدىيە ۋە ھەرىكەت شەكلىنى زور كۈچ بىلەن تارقىتىش كېرەك. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقە باغلاش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىنى سىجىل، چوڭقۇر، دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، پائال تۈردە مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك رايون بەرپا قىلىش، مىللەتلەر ئارىلىشىپ ياشايدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىش، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى تەربىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، بىز شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، پەقەت ھەر مىللەت خەلقنى مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولىدىغان، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرىدىغان، ھايات ـ ماماتتا بىللە بولىدىغان، تەقدىرداش بولىدىغان ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىگەندىلا، ئاندىن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

يىلتىز چوڭقۇر بولغاندىلا، ئاندىن يوپۇرماقلىرى باراقسان بولىدۇ، غول مۇستەھكەم بولغاندىلا، ئاندىن شاخلىرى قويۇق بولىدۇ. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىكى، ئىنتايىن مۇھىملىقى ۋە رېئال قاراتمىلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قەلبى قوشۇلغان، مەنىۋى جەھەتتىن بىر ـ بىرىگە تايىنىدىغان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئىدىيەۋى ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى